جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ھاجەتتىن كېيىن ئۇ ئورۇننى سۇ ۋە تاش-چالما، تازىلىق قەغىزى قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن تازىلاش توغرىسىدا

سۇئال

   كۈندۈزدە ئاساسەن مەكتەپتە بولىمەن، تازىلىق ئۆيىگە كىرىمەن، ئىستىنجا قىلىش ئۈچۈن ئۆيگە بېرىشقا قادىر بولالمايمەن، مەن شۇ بويۇنچە تاھارەت ئىلىپ نامازنى ئادا قىلىمەنمۇ ياكى ناماز ئوقۇماي تۇرۇپ ئۆيگە بارغاندا ئوقۇيمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

ئىنسان ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندا، نىجاسەتتىن پاكىزلىنىش ۋاجىپ بولۇپ، ئۇنى سۇ بىلەن پاكىزلاش ئەۋزەل ۋە ياخشى بولىدۇ، ئەمما سۇدىن باشقا تازىلىق قەغىزى، لاتا، تاش ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەنمۇ نىجاسەتتىن پاكىزلانسا بولىدۇ.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىنسان ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندا ، نىجاسەتتىن پاكىزلىنىش ۋاجىپ بولۇپ، ئۇنى سۇ بىلەن پاكىزلاش ئەۋزەل ۋە ياخشى بولىدۇ، ئەمما سۇدىن باشقا تازىلىق قەغىزى، لاتا، تاش ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەنمۇ نىجاسەتتىن پاكىزلانسا بولىدۇ.

   نىجاسەتتىن چىققان نەرسىلەرنى يوق قىلىشنىڭ ئەھۋالى:

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:" ئىنسان ھاجىتىنى ئادا قىلسا تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ھالەتتىن خالى بولمايدۇ:

    بىرىنچى: سۇ بىلەن پاكىزلاش. بۇ توغرىدۇر. بۇنىڭ دەلىلى: ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھاجىتىنى ئادا قىلىدىغاندا، مەن ۋە مەن بىلەن تەڭتۇش يەنە بىر بالا ئېۋرىقتا سۇ ۋە كېچىك نەيزىنى ئىلىپ باراتتۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلاتتى» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 149-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 271-ھەدىس].

    بۇنىڭ سەۋەبى: ئەسلىدە نىجاسەتنى يوق قىلىش سۇ بىلەن بولىدۇ، خۇددى سىز پۇتىڭىزدىن نىجاسەتنى سۇ بىلەن يۇغانغا ئوخشاش، ئەگەر نىجاسەت سىزدىن سىرتقا چىققان بولسا، نىجاسەت چىققان ئورۇننى سۇ بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق نىجاسەتنى يوق قىلسىڭىز بولىدۇ.

    ئىككىنچى: تاش بىلەن پاكىزلايدۇ، تاش بىلەن پاكىزلاشمۇ كۇپايە قىلىدۇ، بۇنىڭغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى دەلىل بولىدۇ، ئاغزاكى سۆزى بولسا: سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى ئۈچ تال تاشتىن ئاز نەرسە بىلەن پاكىزلىنىشتىن چەكلىگەن» [مۇسلىم رىۋايىتى 262-ھەدىس].

    ئەمەلىي ھەرىكىتى بولسا: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھاجەتخانىغا كەلدى ۋە مېنى ئۈچ تال تاش تېپىپ كېلىشكە بۇيرىدى، مەن ئىككى تال تاش ۋە بىر تال تېزەكنى ئېلىپ كەلسەم، ئىككى تاشنى ئالدى ۋە تېزەكنى تاشلىۋەتتى ۋە بۇ نىجىس دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى 155-ھەدىس].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا تاشلارنى ئەكىلىپ بېرىپ ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا قويۇپ ئاندىن كەتكەن دېگەن». [بۇخارى رىۋايىتى 154-ھەدىس].

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەردىن تاش ئىشلىتىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 

    ئۈچىنچى: تاش بىلەن پاكىزلاپ ئاندىن سۇ بىلەن يۇيۇش. بۇنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن، لېكىن مەنىسىگە كۆرە، سۇ بىلەن پاكىزلاش ئەڭ مۇكەممەل بولىدۇ". ["شەرھىل مۇمتى" 1/103-105".]

    شۇنىڭغا ئاساسەن: سىزنىڭ ئىستىنجا قىلىش ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن پاكىزلىنىشقا قادىر بولالمىغانلىقىڭىز سىزنىڭ نامازنى تەرك قىلىش ۋە كېچىكتۈرۈشكە ئۈزۈر بولالمايدۇ، چۈنكى سىزنىڭ نىجاسەتنى يوق قىلىپ، تازىلىق قەغىزى قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن پاكىزلىنىشىڭىزغا ئىمكانىيەت بار. ھەر بىر ئىنسان پاكىزلىققا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن بىرگە تازىلىق قەغىزى ئېلىۋالىدۇ، سوئالدا: ھاجەتنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان سەۋەپ سۆزلەنمىدى؟سىز پەقەت: تاھارەت ئىلىپ نامازنى ئادا قىلىمەنمۇ ياكى تەرك قىلىمەنمۇ؟ دەپ سورىدىڭىز، بۇنىڭ مەنىسى ئۇ يەردە سۇ بار دېگەنلىكتۇر، سىزگە تازىلىق ئۆيىدىن سۇنى ئىلىپ چىقىپ ئىستىنجا قىلىش ئىمكانىيتى بار، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز نىجاسەتنى تازىلىق قەغىزى قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن يوق قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن تاھارەت ئىلىپ، نامازنى ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، نامازنى كېچىكتۈرۈپ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئوقۇش توغرا بولمايدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى