جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى سەككىز كۈنىدە ھاجىلار ۋە ھەجگە كىلەلمىگەنلەر ئۈچۈن روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

ئەرەپات كۈنىدە ھاجىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ ياخشى كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن ئەمما زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى سەككىز كۈنىدە (يەنى ھەج قىلغۇچى كىشى مىناغا ماڭىدىغان كۈنگە قەدەر) ھاجىلارنىڭ روزا تۇتىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى سەككىز كۈنىدە ھەج قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كەلگەن ۋە ھەجگە كىلەلمىگەنلەرنىڭ روزا تۇتۇشى ياخشىدۇر (يەنى مۇستەھەپتۇر). بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ئەمەللەردىنمۇ ياخشى ۋە ساۋابى كاتتا ئەمەللەر يوق دېگەندە، ساھابىلار: ئۇ كۈنلەردىكى ئەمەللەر ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئەۋزەلمۇ؟ دەپ سورىۋېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ ئەۋزەل پەقەت بىر كىشى ئۆزىنىڭ مىلى ۋە جىنى بىلەن ئاللاھ يولىدا چىقىپ، بۇ يولدىن قايتمىغان بولسا (يەنى شېھىت بولۇپ كەتكەن بولسا) بۇنىڭ ئەجرى كاتتا بولىدۇ، دېدى.[بۇخارى رىۋايىتى969-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى757-ھەدىس].

پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى 28-توم 91-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "كۆپچىلىك پىقھى ئالىملار ئەرەپات كۈنىدىن ئىلگىرىكى زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى سەككىز كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. ئىمام مالىك ۋە ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھلار بۇ كۈنلەردە ھاجىلارنىڭمۇ روزا تۇتۇشىنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلىنغان".

"نىھايەتۇل مۇھتاج" ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى مەزكۇر ئەسەرنىڭ 3 -تومى 207-بېتىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ: "ئەرەپات كۈنىدىن ئىلگىرىكى زۇلھەججىنىڭ ئاۋۋالقى سەككىز كۈنىدە روزا تۇتۇش ھاجىلار ياكى ئۇلاردىن باشقا كىشىلەر ئۈچۈن سۈننەت ھېسابلىنىدۇ، "ئەررەۋزە" ناملىق ئەسەردىمۇ بۇ ئوچۇق بايان قىلىنغان، ئەمما ھاجىلار ئۈچۈن ئەرەپات كۈنىدە روزا تۇتۇش سۈننەت ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۈچۈن روزا تۇتماسلىقى ئەۋزەلدۇر. ئۇلار گەرچە روزا تۇتۇشقا قادىر بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىپ، دۇئادا چارچاپ قالماسلىقى ئۈچۈن روزا تۇتماسلىقى تەكىتلىنىدۇ".

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى