پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

چوشقا گۆشى ياكى ھارام نەرسىلەرنى يۆتكەشنىڭ ھۆكمى

85191

تارقاتقان ۋاقىت : 30-08-2012

كۆرگۈچىلەر : 5423

سۇئال

مەن يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىدىغان ئورۇندا ئىشلەيمەن، دۇكانلارغا تارقىتىلىدىغان مېۋە-چىۋە، سەي-كۆكتات ۋە ھەرتۈرلۈك گۆشلارنى ئامباردىن ماشىنىغا بېسىش جەريانىدا چوشقا گۆشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى خېرىدارنىڭ تەلىپى بويۇنچە يۆتكەشكە مەجبۇر بولىمەن. بۇ ئورۇندا مەزكۇر ئىشلارنى قىلىشىمغا شەرىئەتنىڭ ھۆكمى نېمە؟ تىز تاماقخانا ۋە رىستۇرانتلاردا ئىش پۇرسىتى مەۋجۇت ئەمما ئۇلارمۇ بەزى تاماق تۈرلىرىگە توڭگۇز گۆشى ئىشلىتىدۇ، بۇنىڭغا ئوخشىغان ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىشىمنىڭ ھۆكمى نېمە؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق ھەمدۇ-سانا ۋە مەدھىيە جانابى ئاللاھقا خاستۇر.

مۇسۇلماننىڭ چوشقا گۆشى سېتىشى ياكى چوشقا گۆشى ساتىدىغان تىجارەت مەركەزلىرىدە ئىشلىشى، چوشقا گۆشى ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان دىنىمىزدا چەكلەنگەن نەرسىلەرنى يۆتكەپ بېرىپ ھەق ئېلىشى جايىز ئەمەس. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ:ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇتقا چوقۇنۇشنى، توڭگۇز گۆشى يېيىشنى، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى ئىستىمال قىلىشنى، مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى سېتىشنى ھارام قىلدى. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

شۇنىڭدەك، تىز تاماقخانا ۋە رېستۇرانتلاردا، شەرىئەتتە ئىستىمال قىلىش چەكلەنگەن نەرسىلەرگە ياردەملىشىش، ھاراق توشۇش ۋە خېرىدارلارغا ھاراق قۇيۇش، ھارام ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى توشۇش ۋە سېتىش جايىز ئەمەس. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَتَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ وَلَا تَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ إِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ تەرجىمىسى: ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقدۇر.[سۈرە مائىدە 2-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:حُرِّمَتۡ عَلَيۡكُمُ ٱلۡمَيۡتَةُ وَٱلدَّمُ وَلَحۡمُ ٱلۡخِنزِيرِ وَمَآ أُهِلَّ لِغَيۡرِ ٱللَّهِ بِهِۦ وَٱلۡمُنۡخَنِقَةُ وَٱلۡمَوۡقُوذَةُ وَٱلۡمُتَرَدِّيَةُ وَٱلنَّطِيحَةُ وَمَآ أَكَلَ ٱلسَّبُعُ إِلَّا مَا ذَكَّيۡتُمۡتەرجىمىسى: سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن غەيرىنىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، (ئېگىزدىن) يىقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، (ھايۋانلار تەرىپىدىن) ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپ يېگەن ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىشھارام قىلىندى.لېكىن يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك ھايۋاندىن جېنى چىقمىغان چاغدا بوغۇزلىغانلىرىڭلار ھالال بولىدۇ.[سۈرە مائىدە 3-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

مۇسۇلماننىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى، ھالال كەسىپتىن رىزىق ئىزدىشى، دىندا چەكلەنگەن كەسپلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىقى لازىمدۇر. شەرىئەتتە چەكلەنگەن كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ھارامدىن غىزالاندۇرۇلغان جىسىم جەھەننەمگە ھەقلىقتۇر. [تەبەرانى رىۋايىتى].

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتىدىن، چوشقا گۆشى ۋە ھاراق ساتىدىغان رىستۇرانتلاردا ئىشلەش توغرىسىدا سورىغاندا، تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ بېرىدۇ: مۇسۇلمان ئۈچۈن، ئىسلام دىنىدا يېيىش-ئىچىش چەكلەنگەن چوشقا گۆشى ۋە ھاراققا ئوخشىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى ساتىدىغان ئورۇنلاردا ئىشلەش ۋە ياردەملىشىش ھارامدۇر. مەزكۇر خىزمەت ئارقىلىق تاپقان پۇل ھارامدۇر. چۈنكى بۇ چەكلەنگەن ئىش ۋە گۇناھ-مەسىيەتكە ھەمكارلاشقانلىق بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَلَا تَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِ تەرجىمىسى: گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار.[سۈرە مائىدە 2-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

سىزگە بىزنىڭ نەسىھىتىمىز: يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان رىستۇرانت ۋە تىز تاماقخانىلارغا ئوخشاش ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىشتىن ساقلىنىڭ. بۇنداق قىلغانلىقىڭىز، ئاللاھ چەكلىگەن نەرسىلەرگە ياردەم بېرىشتىن توسالغانلىقىڭىزدۇر.

[سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى13/49].

خۇلاسە: يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىدىغان ئورۇنلاردا، ئىسلام دىنىمىزدا چەكلىمە قويۇلغان ھارام نەرسىلەرنى سېتىش، توشۇش ۋە يۆتكىمەسلىك ۋە مۇئامىلە قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ئىشلىسىڭىز بولىدۇ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى