پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

شەرىئەتكە ئۇيغۇن توي تەكلىپى قويۇش توغرىسىدا

سۇئال

قانداق قىلغاندا سۈننەتكە ئۇيغۇن توي تەكلىپى قويغىلى بولىدۇ؟، توي قىلماقچى بولغان ياش قىزنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئەلچى ئەۋەتەمدۇ؟، ئەگەر قىز ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر توي ئىشىغا مۇۋاپىق كەلسە، توي تەكلىپى قويۇشتىن بۇرۇن قىلىدىغان ئىش قايسى؟، يەنى ئەردىن تەلەپ قىلىنىدىغان تويلۇق مېھرى قاتارلىق ئىشلار...تويلۇق مېھرىنى بېكىتكەندە پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش سۈننەتمۇ؟، قىزغا توي تەكلىپى قويغان كۈندە ۋە ئۆيگە كىرگەن تۈنجى كۈندە كىيىدىغان خاس كىيىم بارمۇ ياكى باشقا كىيىملەرنى كىيەمدۇ؟ ، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئىنسان توي قىلماقچى بولسا، مەلۇم بىر قىزغا توي تەكلىپى قويۇشنى مەقسەت قىلسا، ئۇ قىزنىڭ ۋەلىيسىنىڭ يېنىغا ئۆزى ياكى باشقا تۇغقانلىرى بىلەن بارىدۇ ياكى باشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىدۇ، بۇنىڭدا كەڭرىچىلىك بار، ئۆزى ياشاۋاتقان يۇرتنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە كۆرە بولىدۇ، بەزى يۇرتلاردا توي قىلىدىغان يىگىتنىڭ ئۆزى بېرىشى ئەيىب بولىدۇ، بۇنىڭغا رىئايە قىلىش كېرەك.

    توي قىلىدىغان يىگىتنىڭ توي قىلماقچى بولغان قىزنى كۆرۈشى يوللۇقتۇر. بۇ توغرىدا مۇغىرە بىن شۆبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى بىر ئايالغا توي تەكلىپى قويغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئۇ قىزنىڭ كۆزىگە ئوبدانراق قارا، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئاراڭلاردىكى تۇرمۇشنىڭ ۋە مۇھەببەتنىڭ داۋاملىشىشىغا پايدىلىق دېدى». [تىرمىزى رۋايىتى1087-ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى3235-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئىككىنچى: قىز ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تويغا مۇۋاپىق كەلسە، ئۇ ۋاقىتتا مېھرىگە، توي چىقىملىرى، توي ۋاقتى قاتارلىق ئىشلارنى كېڭىشىدۇ، بۇ ئىشلارمۇ يۇرتلارنىڭ ئادىتىگە، يىگىتنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى، تويغا بولغان تەييارلىقىغا كۆرە بولىدۇ، بەزى كىشىلەر توي تەكلىپى ۋە نىكاھنى بىر ۋاقىتتىلا تاماملايدۇ، بەزىلەر نىكاھنى توي تەكلىپىدىن كېچىكتۈرىدۇ، ياكى نىكاھتىن كېيىن بىر ئائىلىدە بولۇشنى كېچىكتۈرىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى توغرا بولىدۇ. «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئۇ ئالتە ياش ۋاقتىدا نىكاھلانغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ توققۇز ياشقا كىرگەندە بىر ئائىلىدە بولغان» [بۇخارى رىۋايىتى 5158-ھەدىس].

    ئۈچىنچى: توي تەكلىپىدە ۋە نىكاھ ئەقدىسىدە پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش سۈننەت ئەمەس، بۇنىڭدىكى سۈننەت ھاجەت خۇتبىسىنى ئوقۇشتۇر. بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە نىكاھتا ۋە باشقا ئىشلاردا ھاجەت خۇتبىسىنى تەلىم بەردى: «بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھدىن ياردەم سورايمىز، كەچۈرۈپ سورايمىز، نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيمىز، ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدىغان كىشى بولمايدۇ، ئاللاھنى ئىبادەتكە لايىق ھەق ئىلاھ دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر ـ ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر ـ بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»، «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار»، « ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى2118-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   دائىمىي كومىتېتى ئالىملىرى پەتىۋا بۆلىمىدىن: قىزغا توي تەكلىپى قويغاندا پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش بىدئەتمۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "يىگىت قىزغا توي تەكلىپى قويغاندا ياكى نىكاھ ئەقدىىسى قىلغاندا پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش بىدئەتتۇر".

    تۆتىنچى: توي تەكلىپى قويغان، نىكاھ قىلغاندا ياكى توي كۈنى بىر ئۆيگە كىرگەندە ئەر ياكى ئايال ئۈچۈن خاس بىر كىيىم بولمايدۇ، شەرىئەتكە زىت بولمىغان ھالەتتە شۇ يۇرتنىڭ ئادىتىگە رىئايە قىلىش كېرەك، ئەر كىشى شىم-كاستۇم كىيسىمۇ بولىدۇ.

    قىز ئەرلەرمۇ كۆرىدىغان ئورۇندا بولسا ئۆزىنى پۈتۈن ئورايدىغان كىيىم كىيىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئەھۋالى نىكاھتىن بۇرۇنمۇ ۋە نىكاھتىن كېيىنمۇ ئوخشاش بولىدۇ. ئاياللارنىڭ ئارىسىدا بولسا چېرايلىق ياسىنىپ، زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقاپ، خالىغان كىيىملىرىنى كىيسە بولىدۇ، لېكىن ئىسراپچىلىق ۋە بۇزۇپ-چېچىشتىن ۋە پىتنىگە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشى كېرەك.

    قىز-يىگىت ئۈچۈن توي ئۈزۈكى تاقاش شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان، بۇ كاپىرلارغا ئوخشاپ قالغانلىقتىندۇر.

ئاللاھ تائالا بىزنى ۋە سىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى