Thu 8 DhH 1435 - 2 October 2014
8929
ئەلچىلەر ھەققىدە ئىشىنىشنىڭ ھەقىقى ماھىيتى
ئەلچىلەر ھەققىدە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى نىمە ؟


مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ئەلچىلەر ھەققىدە ئىشىنىش تۆۋەندىكى تۆت ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
بىرىنچى : ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھەر بىر ئۇممەتكە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇلارنى يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان نەرسىنى ئىنكار قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان ئەلچى ئەۋەتكەنلىكىگە ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ راستچىل ، ھەقىقەتنى سۆزلەيدىغان ، توغرا يوللۇق ، ئەقىل-پاراسەتلىك ، تەقۋادار ھەم ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىگە ، ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئۇلار بىلەن ئەۋەتكەن نەرسىنىڭ ھەممىسىنى يۇشۇرماستىن ،ئۆزگەرتمەستىن ، ئۇنىڭغا ئۆز ئىچىدىن بىرەر ھەرپ قوشۇپ ياكى كىمەيتمەستىن يەتكۈزگەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىش . « ئەلچىلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەتلا ئوچۇق يەتكۈزۈش . » [ نەھىل(ھەسەلھەرىسى) : 35 ]
ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەۋۋىلىدىن ئاخىرقىسىغىچە دەۋىتىنىڭ ئىبادەتنىڭ يىلتىزى ۋە ئاساسىغا ، يەنى ، ئىبادەتنىڭ ئىتىقاد ، سۆز ۋە ئىش-ئەمەل جەھەتتىكى بارلىق تۈرلىرىنى يالغۇز ئاللاھقىلا قىلىش . ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىشقا بىرلىككە كەلگەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىش . ئۇنىڭ دەلىلى : « سةندعن ظعلضعرع ظةؤةتعلضةن صةيغةمبةرلةرنعث هةممعسعضة: «مةندعن باشقا هئح مةبذد (بةرهةق) يوقتذر، ماثعلا ظعبادةت قعلعثلار» دةص ؤةهيع قعلدذق .»
[ ئەنبىيا( پەيغەمبەرلەر) : 25 ]
« سةندعن بذرذن بعز ظةؤةتكةن صةيغةمبةرلعرعمعزدعن سوراص باققعنكع، مئهرعبان اللةدعن باشقا ظعبادةت قعلعنعدعغان ظعلاهلارنع بةلضعلعدذقمذ؟ (صةيغةمبةرلةرنعث ظعحعدة اللةدعن غةيرعيضة ظعبادةت قعلعشقا دةؤةت قعلغعنع بارمذ؟) »
[ زۇخرۇف(ئالتۇن بىزەكلەر): 45 ] ۋە باشقا نۇرغۇن ئايەتلەر بار .
پەرىز ئەمەل-ئىبادەتلەر ۋە شەرىئەتنىڭ تارماق مەسىلىلىرىگە كەلسەك ، ئاۋۇلارغا پەرىز قىلىنغان ناماز ، روزا ۋە باشقىلار بۇلارغا پەرىز قىلىنمىغان . ئاۋۇلارغا ھالال قىلىنغان نەرسىلەر ئاللاھ تەرەپتىن سىناق سۈپىتىدە بۇلارغا ھارام قىلىنغان . « سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئىش-ئەمىلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن » [ مۇلىك( پادىشاھلىق) : 2 ] ئۇنىڭ دەلىلى : « سىلەردىن ھەربىرىڭلارغا بىر قانۇن ۋە ئوچۇق يول بەلگىلىدۇق .» [ مائىدە(داستىخان) : 48 ]
بۇخارىي(3443) ، مۇسلىم(2365) نىڭ سەھىيھىدە ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « پەيغەمبەرلەر بىر ئاتىدىن تۇغۇلغان قېرىنداشلارغا ئوخشايدۇ . ئۇلارنىڭ ئانىلىرى باشقا-باشقا ، لىكىن دىنى بىر . » يەنى ، پەيغەمبەرلەر يىلتىزدا بىردەك . ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ ھەر بىر ئەلچىنى ئۇنىڭ بىلەن ئەۋەتكەن، ئۇ چۈشۈرگەن ھەر بىر كىتاب ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋھىيد( ئاللاھنىڭ بىرلىكى تەلىماتى) . بىراق ئۇلارنىڭ قانۇن-شەرىئەتلىرى بۇيرۇق-پەرمانلار ، توسۇق-چەكلىمىلەر ھەمدە ھالال ۋە ھارام قىلىش جەھەتلەردە ھەرخىل بولغان . چۈنكى ئۇلار بىر ئاتىدىن تۇغۇلغان قېرىنداشلار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئاتىسى بىر ، ئانىلىرى باشقا-باشقا .
ھەمدە كىمكى ئۇلارنىڭ قايسى بىرىنىڭ ئەلچىلىكىنى ئىنكار قىلىدىكەن ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ . ئاللاھ دىگەندەك :
« نۇھ خەلقى ئەلچىلەرنى يالغانغا چىقاردى . » [ شۇئەرا(شائىرلار ): 105 ] گەرچە ئۇلار نۇھنى يالغانچىغا چىقارغاندا ئۇنىڭدىن باشقا ئەلچى بولمىسىمۇ ، ئاللاھ ئۇلارنى بارلىق ئەلچىلەرنى يالغانچىغا چىقارغۇچىلار دەپ سۈپەتلىدى .
ئىككىنچى : ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىسمىنى بىلگەنلىرىمىزگە ئىسمى بىلەن ئىشىنىمىز ، مەسىلەن : مۇھەممەد ، ئىبراھىيم ، مۇسا ، ئەيسا ۋە نۇھ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇلارغا بولسۇن) . ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئومۇمى ئاتالغۇ بىلەن تىلغا ئىلىنغان، ئىسمىنى بىلمەيدىغانلىرىمىزغا ئومۇمى ئاتالغۇ بىلەن ئىشىنىشىمىز لازىم . ئاللاھ ئېيىتقاندەك :
« صةيغةمبةر صةرؤةردعضارع تةرعصعدعن ظذنعثغا نازعل قعلعنغان كعتابقا ظعمان كةلتىردع،مأمعنلةرمذ ظعمان كةلتىردع،ظذلارنعث هةممعسع الله غا ؤة الله نعث صةرعشتعلعرعضة, كعتابلعرعغا ؤة صةيغةمبةرلعرعضة ظعمان كةلتىردع.(ظذلار)« الله نعث صةيغةمبةرلعرعنعث هئحبعرعنع ظايرعؤةتمةيمعز(يةنع ظذلارنعث بةزعسعضة ظعمان ظئيتعص, بةزعسعضة ظعمان ظئيتماي قالمايمعز)» دةيدذ »
[ بەقەرە( ئىنەك): 285 ]
«سةندعن ظعلضعرع بعز هةقعقةتةن نذرغذن صةيغةمبةرلةرنع ظةؤةتتذق، ظذلارنعث ظارعسعدعن ساثا بايان قعلعص بةرضةنلعرعمعزمذ، بايان قعلعص بةرمعضةنلعرعمعزمذ بار.»
[ غافىر(كەچۈرگۈچى): 78 ]
ھەمدە بىز ئاخىرقى پەيغەمبەرنىڭ بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئىكەنلىكىگە ، ھەمدە ئۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەر يوقلۇقىغا ئىشىنىمىز . ئاللاھ ئېيىتقاندەك : « مذهةممةد ظاراثلاردعكع ظةرلةردعن هئحبعرعنعث ظاتعسع ظةمةس،لئكعن (ظذ ) الله نعث صةيغةمبعر ع ؤة صةيغةمبةرلةرنعث ظاخعرقعسعدذر(الله ظذنعث بعلةن صةيغةمبةرلعكنع ظاخعرلاشتذرغان،ظذنعثدعن كئيعن هئحقانداق صةيغةمبةر كةلمةيدذ)،الله هةممة نةرسعنع بعلضىحعدذر(سعلةرنعث سأز – هةركعتعثلاردعن هئح نةرسة الله غا مةخصعي ظةمةس) .»
[ ئەھزاب( قوشۇنلار) : 40 ]
بۇخارىي (4416) ، مۇسلىم(2404) سەئېد بىن ئەبۇ ۋەققاستىن نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر(( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)پەيغەمبەر تەبۇكقا چىقىپ كەتتى ھەمدە ئەلىنى ئۆزىنىڭ نائىبى قىلىپ تەيىنلىدى . ئەلى : " مىنى بالىلار ۋە ئاياللارغا قاراشقا قويۇپ قويامسەن؟ " دىدى . پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىدى :« سەن مىنىڭدىكى ئورنۇڭ ھارۇننىڭ مۇسادىكى ئورنىغا ئوخشاش بولۇشىغا رازى بولمامسەن . لىكىن مىنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەر يوق . »
ھەمدە ئاللاھ ئۇنى باشقا پەيغەمبەرلەردىن ئارتۇق قىلدى ھەمدە كاتتا ئالاھىدىلىكلەرگە خاس قىلدى. ئۇلاردىن :
1- ئاللاھ ئۇنى جىن ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەر ئىككى تۈرىگە ئەۋەتتى . ئۇنىڭدىن ئىلگىركى پەيغەمبەرلەر بولسا پەقەت ئۆزىنىڭ خەلقىگىلا ئەۋەتىلگەنىدى .
2- ئاللاھ ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قەلبىگە بىر ئايلىق مۇساپە دائىرسىدە قورقۇنچ سىلىش بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم بەردى .
3- زىمىن ئۇنىڭغا نامازگاھ ۋە پاك قىلىندى .
4- غەنىمەتلەر ئۇنىڭغا ھالال قىلىندى . ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ھىچقايسىسىغا ھالال قىلىنمىغانىدى .
5- كاتتا تىلىۋىلىش( شاپائەت قىلىش ) . ۋە باشقا نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەر .
ئۈچۈنچى : ئۇلار ھەققىدە ئاڭلانغان توغرا خەۋەرلەرگە ئىشىنىش .
تۆتىنچى : بىزگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىش . ئۇ بولسا ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بولۇپ ، ئۇ بدرلىق ئىنسانلارغا ئەۋەتىلگەن . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « صةرؤةردعضارعث بعلةن قةسةمكع،ظذلار(يةنع مذناصعقلار) ظأز ظارعسعدعكع دةتالاشقا سئنع هأكىم حعقعرعشقا تةكلعص قعلمعغعحة،ظاندعن سئنعث حعقارغان هأكمعثضة ظذلارنعث دعللعرعدعكع قعلحة غذم بولسعمذ يوقالمعغعحة ؤة ظذلار صىتىنلةي بويسذنمعغعحة ظعمان ظئيتقان بولمايدذ .» [ نىسا(ئاياللار): 65 ]
بىلىش كىرەككى ، ئەلچىلەر ھەققىدە ئىشىنىش تۆۋەندىكى كاتتا مىۋىلەرنى بىرىدۇ:
1- ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بولغان رەھىم-شەپقىتى ۋە غەمخورلىقىنى بىلىش . چۈنكى ئۇ ئۇلارنى ئاللاھنىڭ توغرا يولىغا يىتەكلەشكە ، ئۇلارغا ئاللاھقا قانداق ئىبادەت قىلىشنى ئۇقتۇرۇشقا ئەۋەتتى . چۈنكى نوقۇل ئىنسان ئەقلى ئۇنى تونۇپ يىتەلمەيدۇ .
2- بۇ كاتتا نىئېمەت ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش .
3- ئەلچىلەرنى(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇلارغا بولسۇن) سۆيۈش ، ۋە ئۇلارنى ئۇلۇغلاش ، ھەمدە ئۇلارنى ئۇلارغا لايىق راۋىشتە تەرىپلەش . چۈنكى ئۇلار ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى . ھەمدە ئۇلار ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ، ھەمدە ئۇنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈش بىلەن بولدى . بەندىلىرىگە نەسىھەت قىلدى .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
[ « ئەئېلام سۇننەتۇل مەنشۇرە» 97-102 ، پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىيننىڭ «ئۈچ ئاساسنىڭ شەرھى» 95،96 ب گە قاراڭ . ]
 

www.islamqa.com