جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدا كىيىم-كېچەك كىيىش ۋە ئۇنى سىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

9022

تارقاتقان ۋاقىت : 29-12-2012

كۆرگۈچىلەر : 4523

سۇئال

ئىمام بۇخارى بايان قىلغان بىر ھەدىستە: يىلپىزنىڭ تېرىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كىيىم-كېچەكلەرنى كەيمەسلىك توغرىسىدا سۆزلەنگەن. مەن ئىلگىرى بىلمەستىن شۇنىڭغا ئوخشايدىغان كىيىملەرنى سېتىۋالغان ئىدىم، مەن بۇنىڭدىن كىيىن بۇ تۈردىكى كىيىم-كېچەكلەرنى سېتىۋالماسلىقنى نىيەت قىلدىم. مەزكۇر كىيىملەرنى ئۆي ئىچىدە كىيىۋەتسەم بولامدۇ؟ ياكى بۇنى ئۆي ئىچىدە كىيىشمۇ چەكلىنەمدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

سۇئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىز،ئىمام بۇخارى قەيت قىلغان 5175- نومۇرلۇق ھەدىستە، بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ياكى يىپەكتىن تەييارلانغان ياستۇق ياكى كۆرپىلەردە ئولتۇرۇشنى چەكلىگەن» دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. (نەھا ئەن مەياسىر).

ھەدىستە زىكىر قىلىنغان «مەياسىر» دېگەن سۆز، ئاتنىڭ ئېگىرىنىڭ ئۈستىگە سىلىنىدىغان تۆشەكچە بولۇپ، يىپەكتىن ياسىلىدۇ دېيىلگەن. بەزى ئالىملار: يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن ياسالغان سېلىنجا دەپ شەرھىلىگەن.

بۇ ھەقتە ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ: «مەياسىر» دېگەنتىرىدىن ياسالغان ئاندىن چۆرىسىگە يىپەك كەشتىلەنگەن نەرسە دەيدۇ.[پەتھۇل بارىي 10- توم 293- بەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن كىيىم تەييارلاپ كىيىش ياكى ئۇنى كۆرپە ئورنىدا سىلىپ ئولتۇرۇش چەكلەنگەن.

مىقدام ئىبنى مەئدى يەكرەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن كىيىم تەييارلاپ كىيىش ياكى ئۇنى كۆرپە ئورنىدا سىلىپ ئولتۇرۇشتىن چەكلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ.

ئەبۇداۋۇد4131-، ئەلبانىي سەھىھ ئەبۇداۋۇدتا 3479-، تىرمىزىي 1771-، نىسائىي4253- نومۇرلۇق بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى كۆرپە ئورنىدا سىلىپ ئولتۇرۇشتىن چەكلىگەن. ئەلبانىي تىرمىزىينىڭ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" ناملىق ئەسىرىدە (1450) سەھىھ دەپ بايان قىلغان.

مۇئاۋىيە ئەبۇ سۇپيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىلپىزنىڭ تېرىسىگە ئولتۇرۇشتىن چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلغان. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى. ئەلبانىي سەھىھ ئەبۇ داۋۇدتا (3566) سەھىھ دەپ بايان قىلغان].

مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «يىلپىز تېرىسىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلغان كىشىلەرگە، پەرىشتىلەر ھەمراھ بولمايدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4130- ھەدىس، ئەلبانىي سەھىھ ئەبۇ داۋۇدتا (3478) بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن].

شەيخ مۇبارەك پۇرىي "تۆھپەتۇل ئەھۋەزىي" ناملىق ئەسىرىدە: "بۇ ھەقتە بايان قىلىنغان ھەدىسلەر يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن پايدىلىنىشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى دەلىللەيدۇ" دەيدۇ.

يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن پايدىلىنىشتىن چەكلەنگەنلىكتىكى ھېكمەت بولسا، مەزكۇر كىشىدە چوڭچىلىق، تەكەببۇرلۇق پەيدا بولىدۇ. بۇ خۇددى زالىم ۋە رەھىمسىزلەرگە ئوخشاپ قالغانلىق ۋە ئىسراپچىلىق قىلغانلىقتىن ئىبارەتتۇر. [سىندىنىڭ ئىبنى ماجىنىڭ ئەسىرىگە يازغان "تۆھپەتۇل ئەھۋەزىي" ناملىق ئەسىرىگە قارالسۇن.

ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇ پاكىزە ئەمەس يەنى نىجىستۇر. چۈنكى گۆشىنى يىگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەن پاكىزە بولىدۇ. ئەمما گۆشىنى يىگىلى بولمايدىغان ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەنمۇ پاكىزە بولمايدۇ.مانا بۇ ئىمام ئەۋزائىي، ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.[نەۋەۋىينىڭ "شەرھى مۇسلىم ناملىق" ئەسىرى 4- توم 54- بەتكە، ئىبنى مۇپلىھنىڭ "ئەلپۇرۇئ" ناملىق ئەسىرى 1- توم 102-بەتگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

يۇقىرىقى سۆزلەر بولسا، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ بىر قارىشىدۇر. [پەتىۋالار توپلىمى 21- توم 95-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. [شەرھۇل مۇمتىئ 1- توم 74- بەت].

دىنىمىزدا يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش كىيىملەرنى كىيىش چەكلەنگەنكەن، ئۇنى ئۆي ئىچى ياكى سىرىتتا بولسۇن، ئۇنى ئىشلىتىش ئارىسىدا ھېچ قانداق پەرق يوق. بىز يۇقىردا بايان قىلغاندەك: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يىرتقۇچلارنىڭ تېرىسىنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىۋالغانلارغا پەرىشتىلەرنىڭ ھەمراھ بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن.

"ئەۋنۇل مەبۇد" ناملىق ئەسەردە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: "يىرتقۇچلارنىڭ تېرىسىنى كىيىم قىلىش ياكى سەپەرلەردە ئۆزىگە ھەمراھ قىلىش، ئۆيلەردە ئىشلىتىش ياخشى ئەمەس، چۈنكى يىلپىز تېرىسىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىۋالغانلارغا پەرىشتىلەرنىڭ ھەمراھ بولمايدىغانلىقى، مەزكۇر ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ئىستىمال قىلىشنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭدەك ھەيكەل ۋە سۈرەتلەر بولغان جايغا پەرىشتىلەرنىڭ كىرمەيدىغانلىقى توغرسىدا ھەدىس بايان قىلىنغان، چۈنكى بۇمۇ ئۆيلەرگە ھەيكەل ۋە سۈرەتلەر بىلەن بېزەشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ".

يۇقىرىدىكى سوئالدا بايان قىلىنغان كىيىم-كېچەك، ھەقىقى يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ تىرىسىدا تىكىلگەن بولسا، بۇنى كىيىش توغرا ئەمەس. شۇنىڭدەك، رەڭگى ۋە شەكلى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ تېرىسىگە ئوخشىتىپ ئىشلەنگەن رەختلەردىن تەييارلانغان كىيم-كېچەك بولغان تەقدىردىمۇ مۇسۇلمان بۇ تۈردىكى نەرسىلەرنى كىيىشتىن ساقلىنىشى لازىم. چۈنكى بۇنىڭ ئەسلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن كىشىلەر، چەكلەنگەن يىرتقۇچ ھايۋان تېرىسىدا كىيىم كىيىپتۇ دەپ، خاتا چۈشەنچىدە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن چەكلىنىش ئەۋزەلدۇر.توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى