سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئىپتار ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر توغرىسىدا

سۇئال

بىرىنچى: ئى ئاللاھ! سەن ئۈچۈن روزا تۇتتۇم، سەن بەرگەن رىزىق بىلەن ئىپتار قىلدىم دېگەن مەزمۇندىكى زەئىپ دەپ قارالغان ھەدىسلەر بىلەن دۇئا قىلىپ ئىپتار قىلسا بولامدۇ؟. ئىككىنچى: بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن، ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم سورايمەن. ئاللاھ تائالادىن جەننەتنى سورايمەن ۋە دوزاختىن پاناھ تىلەيمەن دېگەن سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلىپ ئىپتار قىلىش يولغا قويۇلغانمۇ؟، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ ياكى توغرى ئەمەسمۇ؟، مەكرۇھمۇ ياكى ھاراممۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىپتار ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان دۇئا توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىس، ئەبۇ داۋۇد رەھىمەھۇللاھ كەلتۈرگەن 2358- زەئىپ ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىسنى مۇئاز ئىبنى زۇھەير بايان قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىپتار قىلغان ۋاقىتتا ئى ئاللاھ! سەن ئۈچۈن روزا تۇتتۇم، سەن بەرگەن رىزىق بىلەن ئىپتار قىلدىم، دېگەن دۇئانى ئوقۇيتتى دېگەن.

ئەبۇ داۋۇد كەلتۈرگەن بۇ زەئىپ ھەدىسنىڭ ئورنىغا، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىپتار قىلغاندا ئوقۇغان: ئۇسسۇزلۇق كەتتى، تومۇرلار نەمدەلدى، ئاللاھ خالىسا ئەجىر بېكىتىلدى دېگەن ھەدىسى كۇپايە قىلىدۇ. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.

ئىككىنچى: روزىدار ئۈچۈن كۈندۈزدە ۋە ئىپتار قىلىدىغان ۋاقىتتا كۆپ دۇئا قىلىش ياخشىدۇر. ئىمام ئەھمەد ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان 8030-نومۇرلۇق ھەدىستە، مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز سىلىنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا دىلىمىز يۇمشاپ ئۆزىمىزنى خۇددى ئاخىرەت ئەھلىدەك ھېس قىلىدىكەنمىز، سىلىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن دۇنيا ئىشلىرى ۋە ئائىلە-بالىلىرىمىز بىلەن بولۇپ كىتىدىكەنمىز دېسەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەگەر سىلەر مەن بىلەن ئۇچراشقاندىكى شۇ بىر ھالەتتە بولغان بولساڭلار ئەلۋەتتە پەرىشتىلەر سىلەر بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشەتتى، ئۆيلىرىڭلارغا كېلىپ زىيارەت قىلاتتى، ئەگەر سىلەر گۇناھ قىلمايدىغان بولساڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا گۇناھ قىلىپ، ئۇنىڭدىن كىيىن رەببىدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىدىغان باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرۈم قىلغان بولاتتى، دېۋىدى. بىز: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزگە جەننەت ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلىشى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىلا؟ دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: جەننەتنىڭ قۇرۇلىشىنىڭ بىر خىشى ئالتۇندىن، بىر خىشى كۈمۈشتىن، ئۇنى جۈپلەشتۈرىدىغان لايلىرى مىسكى-ئەنبەردىن، شېغىل تاشلىرى ياقۇت-مەرۋايىتتىن، توپىلىرى زەپىراندىن، جەننەتكە كىرگەن كىشى دائىملىق نېمەتتە بولىدۇ، ئۈمىتسىزلەنمەيدۇ، مەڭگۈ قالىدۇ، ئۆلمەيدۇ، كىيىملىرى كىرلاشمايدۇ، ياشلىقى يوقالمايدۇ، ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ قىلغان دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ (يەنى ئىجابەت قىلىنىدۇ)، ئادىل ئىمام، روزا تۇتقۇچى ئىپتار قىلغۇچە، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى قاتارلىقلارنىڭ دۇئاسى كۆككە كۆتۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئىچىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە: مېنىڭ ئىززىتىم بىلەن قەسەمكى، مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن بولسىمۇ ساڭا ياردەم بېرىمەن دەيدۇ.[بۇ ھەدىسنى شۇئەيىب ئەرنەۋۇت مۇسنەد ئىمام ئەھمەدنى تەكشۈرگەندە سەھىھ دەپ بېكىتكەن].

يۇقىرىقى ھەدىس تىرمىزى رىۋايىتى 2525-نومۇرلۇق ھەدىستە: روزىدار ئىپتار قىلغاندا... دېگەن لەپزى بىلەن بايان قىلىنغان. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.

سىز ئىپتار ۋە سۇھۇر ۋاقىتلىرىدا ئاللاھ تائالادىن جەننەتنى سوراپ، دوزاختىن پاناھلىنىپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلسىڭىز ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دۇئالارنى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. ئەمما سىزنىڭ: بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن، ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم سورايمەن. ئاللاھ تائالادىن جەننەتنى سورايمەن ۋە دوزاختىن پاناھ تىلەيمەن دېگەن بۇ دۇئانىڭ يۇقىرىقى ئۇسلۇپ ياكى تەرتىپ بويۇنچە قىلىنىشى توغرىسىدا توختالمايمىز. ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى