Wed 25 Rmd 1435 - 23 July 2014
93506
ئۆز- ئارا چۈشىنىشمەسلىك، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈشكە سەۋەب بولدى
دادام بىلەن ھاممام ئارىسىدا يۈزبەرگەن ئائىلىۋى ئىختىلاپ ئارىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنىڭ ئۈزۈشلىرىگە سەۋەب بولدى. ھاممام بىزنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئەمما بىز زىيارەت قىلمايمىز. بىزگە گۇناھ بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.


 

     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

     ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈش چەكلەنگەن چوڭ گۇناھلاردىن بولۇپ، قۇرئان-ھەدىستە ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ ئۆز-ئارا سىلە-رەھىم قىلىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا كۆپلىگەن ئايەت-ھەدىسلەر بايان قىلىنغان بۇلۇپ، ئىسلام پرىنسىپىدا بۇ مەسىلىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىنىڭ بىرىمۇ، كىشىلەرنى بىر-بىرى بىلەن ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قىلىش ئارقىلىق، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى نورمال مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالَّذِينَ يَصِلُونَ مَا أَمَرَ اللَّـهُ بِهِ أَن يُوصَلَ وَيَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ وَيَخَافُونَ سُوءَ الْحِسَابِ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاللاھنىڭ خىش-ئەقرىبالىرىغا سىلە-رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، ئاللاھدىن قورقىدۇ، قاتتىق ھېساب ئېلىنىشتىن قورقىدۇ.» [رەئدە سۈرىسى 21- ئايەت].

     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈشنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن  رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا مەخلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى يارىتىپ بولغاندا، سىلە-رەھىم (يەنى ئۇرۇق-تۇغقانلىق) مۇنداق دەيدۇ: بۇ سىلە-رەھىمنى ئۈزگۈچىدىن پاناھلىنىش ئورنىمۇ؟ دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: شۇنداق، سېنى يەتكۈزگەن كىشىگە رەھمىتىمنى يەتكۈزسەم، سېنى ئۈزگەن كىشىدىن رەھمىتىمنى ئۈزسەم رازى بولامسەن؟ دەيدۇ. سىلە-رەھىم: ئەلۋەتتە رازى بولىمەن، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ئاشۇ سەن ئۈچۈندۇر، دەيدۇ. ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر خالىساڭلار ئاللاھ تائالاھنىڭ بۇ ئايىتىنى ئوقۇڭلار، ﴿فَهَلْ عَسَيْتُمْ إِن تَوَلَّيْتُمْ أَن تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ وَتُقَطِّعُوا أَرْحَامَكُمْ ، أُولَـٰئِكَ الَّذِينَ لَعَنَهُمُ اللَّـهُ فَأَصَمَّهُمْ وَأَعْمَىٰ أَبْصَارَهُمْ ، أَفَلَا يَتَدَبَّرُونَ الْقُرْآنَ أَمْ عَلَىٰ قُلُوبٍ أَقْفَالُهَا﴾ تەرجىمىسى: «سىلەر ئىسلامدىن يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويارسىلەرمۇ؟. ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ تائالا رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارنى ھەقنى ئاڭلاشتىن گاس قىلدى، ھىدايەت يولىنى كۆرۈشتىن كور قىلدى. ئۇلار ھەقنى تونۇش ئۈچۈن قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 5987-ھەدىس، مۇسلىم رىۋايىتى 2554- ھەدىس].

     ئەگەر ئىنسانلار، ئۆز- ئارا ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنى ياخشى ئويلانغان بولسا ئىدى، مەزكۇر سەۋەبنى دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزىمەس نەرسىلەردىن ئىكەنلىكىنى، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا ھېچ نەرسىدىن بىھاجەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ يېتەتتى. ياكى ئۇ شەيتاننىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئاداۋەت پەيدا قىلىش ئۈچۈن تارقاتقان پىتنىسىدۇر. شەيتان ئېتىبارسىز، نەزەرگە ئىلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان ئاددى ئىش ۋە گەپ-سۆزلەر ئارقىلىق، قېرىنداشلار ئارىسىغا ئۆچلۈك، دۈشمەنلىك، ھەسەتخۇرلۇق ئۇرۇقلىرىنى چاچىدۇ.

     شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام پرىنسىپى كىشىلەر ئارىسىدا سىلە-رەھىمنى ئۈزۈشكە ھەقلىق بولغان سەۋەبلەر مەۋجۇت بولغان تەقدىردىمۇ، مۇسۇلمانلار ئۆز- ئارا خاتالىقلارنى كەچۈرۈپ، ئەپۇچانلىق، كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۆز ئارا ئۆچ كۆرۈش، ھەسەت قىلىش، دۈشمەنلىشىشكە سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ.

     ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان بىر ھەدىستە، بىر كىشى: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم بار، مەن ئۇلارغا ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنى يەتكۈزىمەن، ئۇلار ماڭا يەتكۈزمەيدۇ، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن، ئۇلار ماڭا يامان مۇئامىلە قىلىدۇ، مەن ئۇلارغا كەڭ قورساقلىق قىلىمەن، ئۇلار ماڭا ئۇنداق قىلمايدۇ، مېنى نېمىگە بۇيرۇيلا؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: ئەگەر ئىش سېنىڭ ئېيتقىنىڭدەك بولسا، سەن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپسەن، ئۇلار بۇنىڭ بەدىلىگە ساڭا ئازار يەتكۈزۈپتۇ، سەن ياخشىلىقىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، بۇنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىسەن، ئۇلارمۇ ئۆز قىلمىشىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ، دەيدۇ».  [مۇسلىم رىۋايىتى2558 - ھەدىس].

     يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇرۇق-تۇغقانلىرى سىلە-رەھىم قىلمىسىمۇ، ئۇلارغا ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنى يەتكۈزۈپ تۇرغۇچى، ھەقىقى سىلە-رەھىم قىلغۈچىدۇر.»  [بۇخارى رىۋايىتى5991 -ھەدىس].

     ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! مانا بۇ ئىسلام دىنى دەۋەت قىلىۋاتقان، تەشۋىق قىلىۋاتقان، رىغبەتلەندۈرىۋاتقان ئېسىل ئەخلاقتۇر. ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆزىگە سىلە-رەھىم قىلمىغان ھەمشىرىسى ياكى ئانىسى ياكى باشقا تۇغقانلىرىغا سىلە-رەھىم قىلىشتا ئىككىلىنىپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

     قېرىندىشىم! سىز دادىڭىز بىلەن بىرلىكتە ھاممىڭىز بىلەن بولغان سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويسىڭىز توغرا بولمايدۇ، بەلكى سىز ئۇنىڭغا سىلە-رەھىم قىلىشىڭىز، ياخشىلىق قىلىشىڭىز، مۇمكىن بولغان ۋاسىتىلارنى قوللىنىپ دادىڭىز بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز ئىنتايىن زۆرۈر.

    ئاللاھ تائالا سىزنى ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن.

    تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

ئىسلام سوئال جاۋاب تورى