جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

روزا تۇتقۇچىنىڭ بۇرنىغا دورا تېمىتىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

رامزاننىڭ كۈندۈزدە بۇرنىغا دورا تېمىتىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: روزا تۇتمىغان ۋاقىتتا بۇرنۇڭسا سۇ ئىلىشقا بەك ئەھمىيەت بەرگىن. [تىرمىزى رىۋايىتى 788-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ"ئىرۋائۇل غەلىيل" ناملىق ئەسەر935- ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    بۇ ھەدىس روزا تۇتقۇچىنىڭ بۇرنى ئارقىلىق كانىيىغا سۇ يەتكۈزۈشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، دورىنى بۇرنىغا ئاز مىقداردا، كانىيىغا يەتمىگۈدەك دەرىجىدە تېمىتسا بولىدۇ، ئەمما كانىيىغا يېتىپ دورىنىڭ تەمىنى تېتىپ قالسا بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كۆزىگە ۋە قۇلىقىغا دورا تېمىتىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ، ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىدا كۆزىگە ۋە بۇرنىغا دورا تېمىتىش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ، ئەگەر كانىيىدا تىمىتقان دورىنىڭ تەمىنى تاپسا، ئېھتىياتەن شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازادسىنى قىلىۋېتىش كېرەك بولىدۇ لېكىن ۋاجىپ بولمايدۇ. چۈنكى كۆز بىلەن قۇلاق يېمەك-ئىچمەكنىڭ كىرىدىغان ئورنى ئەمەس، ئەممە بۇرنىغا دورا تېمىتىش دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇن دېگەن يېمەك-ئىچمەكنىڭ كىرىش ئورنى ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: روزا تۇتمىغان ۋاقىتتا بۇرنۇڭغا سۇ ئىلىشقا بەك ئەھمىيەت بەرگىن.

    مۇشۇ ھەدىسنىڭ  ۋە باشقا ھەدىسلەرنىڭ ھۆكمى بويىچە بۇرنىغا سۇ ئېلىپ كانىيىدا بۇنىڭ تەمىنى تاپسا، ئۇ كىشىگە شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ. ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى"15-توم 260-261-بەت].

   ئەشرەپ ئەبدۇلمەقسۇد توپلىغان "رامىزان پەتىۋالىرى"511-بەتتە، شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇرنىغا دورا تېمىتقاندا، ئۇنىڭ تەمى ئاشقازانغا ۋە ياكى كانايغا يەتسە، بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ، چۈنكى لەقىت ئىبنى سەبرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: روزا تۇتمىغان ۋاقىتتا بۇرنۇڭسا سۇ ئىلىشقا بەك ئەھمىيەت بەرگىن.

    روزا تۇتقۇچىنىڭ ئاشقازىنىغا ياكى كانىيىغا يەتكۈدەك دەرىجىدە بۇرنىغا دورا تېمىتىشى توغرا بولمايدۇ، بۇرنىغا تېمىتقان دورا بۇ جايغا يەتمىسە بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ.

    كۆزىگە دورا تېمىتىش، سۈرمە تارتىش ۋە قۇلىقىغا دورا تېمىتىش قاتارلىق ئىشلار روزىنى بۇزمايدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان زۆرۈر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تامچە دورىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك، ئەگەر ئىشلىتىپ قالسا ئېھتىيات قىلىپ كانىيىغا يەتكۈزمەسلىكى لازىم، ئەمما ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى يۇتۇپ سالسا شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.

    ئەگەر تامچە دورىنى ئىشلەتسە يۇتۇپ سالىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇ ۋاقىتتا كېسەللىكى ئىپتار قىلسا دۇرۇس بولىدىغان دەرىجىگە يەتمىسە، ئۇ دورىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، ئەمما بەرداشلىق بېرەلمىسە ئۇ ۋاقىتتا ئىشلەتسە بولىدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 50555- ۋە 38532- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

 ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى