Fri 6 Saf 1436 - 28 November 2014
93701
زاكات بەرمىگۈچىنىڭ ھۆكمى
مەن بىر تىيىنمۇ زاكات بەرمەيدىغان بىر ئىنسان بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىمەن، ھەتتا زاكات ئايرىيدىغان كۈنى بولغاندا، ئۆزىدىن زاكاتقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ تەلىپىدىن ئۆزىنى چەتكە ئىلىپ، تۇرىۋاتقان شەھەردىن باشقا يۇرتقا كېتىدۇ، بۇ كىشىنى نېمە دەيمىز؟ ئۇ دىندىن چىققۇچى كاپىر ھېسابلىنامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.


     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

     زاكاتنى تەرك قىلغۇچى زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ياكى ئىنكار قىلىدۇ، ئەگەر زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدىكەن، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن، ئۇ دىندا مۇھىم بولغان بىر ئاساسنى ئىنكار قىلغانلىقى سەۋەبلىك كاپىر ھېسابلىنىدۇ.

     ئەمما زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن بېخىللىق قىلىپ مال-دۇنياسىنىڭ زاكىتىنى چىقارمايدىغان كىشى توغرىسىدا بەزى ئالىملار ئۇنى كاپىر دەپ قارىغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئۇ كاپىر ھېسابلانمايدۇ.

     ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ  مۇغنىي ناملىق ئەسىرى 2-توم 228-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "زاكات ئىسلامدىكى ئاساسى پرىنسىپلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن، يەنى يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان ياكى ئىلىم-مەرىپەت سورۇنلىرىدىن يىراق، سەھرا-باياۋاندا ياشىغانلىق سەۋەپتىن ئىنكار قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلماسلىق لازىم، چۈنكى ئۇ كىشى بىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ.

     ئەمما ئىسلام-مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ياشاپ، ئىلىم-مەرىپەت سورۇنلىرىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن كىشى زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلسا، ئۇ دىندىن چىققان مۇرتەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا مۇرتەدلەرگە تۇتقان پوزىتسىيە بويۇنچە مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ئۇ ئۈچ قېتىم تەۋبە قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ، تەۋبە قىلسا ئەپۇ قىلىنىدۇ، ئەگەر تەۋبە قىلمىسا ئۆلتۈرۈلىدۇ. چۈنكى زاكاتنىڭ پەرزلىكى قۇرئان-ھەدىستىكى دەلىل-ئىسپاتلار ۋە مۇسۇلمان مىللىتىنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن بېكىتىلگەن. مۇسۇلمان شەھەرلىرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن كىشىلەرگە بۇ ھۆكۈم مەخپى ئەمەس. بۇنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش دېگەن قۇرئان-ھەدىسنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كاپىر بولۇش دېمەكتۇر. 

     زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ، مال-دۇنياسىنىڭ زاكىتىنى بەرمىسە، ئىمام ئۇنىڭدىن ئالىدىغان زاكاتنى بېكىتىپ، (شەرئى ھاكىمىيەت بولسا) زاكاتنى ئالغاندىن سىرت مەلۇم جازا بېكىتىدۇ، مېلىنىڭ زاكىتىنى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئارتۇق ئالمايدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار بۇ قاراشتا بولۇپ: ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام مالىك ۋە ئىمام شاپىئىي (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) قاتارلىق پىشىۋالار بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئەمما ئىمام ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەي، ئەبۇ بەكرى ئابدۇلئەزىز قاتارلىق ئالىملار: زاكاتنى ئادا قىلمىغان كىشىنىڭ پۈتۈن مال-دۇنياسىنىڭ يېرىمى ئىلىنىدۇ دېگەن قاراشنى ياقىلايدۇ.

     زاكاتنى تەرك قىلغۇچى ھاكىمىيەتكە بويسۇنماي قارشىلىق قىلىدىكەن، ھاكىمىيەت باشقۇرغۇچى ئەسكەر ئەۋەتىپ جازالايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىمۇ زاكاتنى ئادا قىلىشقا قارشى تۇرغۇچىلارغا جازا يۈرگۈزۈپ ئۇرۇش قىلغان. بۇ ھەقتە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: "ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان زاكات مېلىدىن كېچىك ئارغامچا چاقلىق نەرسىنى بېرىشتىن باش تارتىدىكەن، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن." (تۇگىدى).

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئەزالىرىدىن: سىلەر ئىلگىرى بىر قانچە ماقالىلاردا: روزا تۇتۇپ ناماز ئوقۇمىغان كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى دۇرۇس بولمايدۇ دەپ پەتىۋا بەرگەن، ھازىر ئۇنىڭ ئەكسى بولاۋاتىدۇ، نامازنى ئادا قىلىپ روزا تۇتمىسا ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس بولامدۇ؟ شۇنىڭدەك، ناماز ئوقۇماي ھەج قىلسا، قىلغان ھەججى دۇرۇس بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "رامىزان روزىسىنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلىپ تۇتمىغان كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ. لېكىن قەستەن ياكى ھورۇنلۇق قىلىپ تۇتمىسا، ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا ئۇ كىشىنىڭ  ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ ئۇنى ئادا قىلىشتىن باش تارتسا، ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ. ئەمما پەرزلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن ياكى ھورۇنلۇق ۋە بېخىللىق قىلىپ زاكاتنى ئادا قىلمىسا، ئۇ كىشى كاپىر ھېسابلانمايدۇ، ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ھەجنىڭ پەرزلىكىنى ئىنكار قىلىپ ھەج قىلىشنى تەرك قىلسا، ئۇ كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ھەجگە كېلىشكە ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپ سەل قاراپ ھەج قىلمىسا ئۇ كىشى كاپىر ھېسابلانمايدۇ، ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى 10-توم 143-بەت].

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ زاكات توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: "زاكاتنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ھەممە مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگەن. ئۇنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر ھېسابلىنىدۇ، ئەمما يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان ياكى ئىلىم-مەرىپەت ئورۇنلىرىدىن يىراق بولغان سەھرا ياكى چۆل-باياۋاندا ياشىغان كىشىلەر بولسا، ئۆزۈرلۈك بولۇپ، ئۇلارغا ئۇنىڭ پەرز ئىبادەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش لازىم، بىلگەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ كىشى مۇرتەت-كاپىر ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بېخىللىق قىلىپ ياكى سەل قاراپ زاكاتنى تولۇق ئادا قىلمىسا، بۇنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ ئىختىلاپى بار. بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئىمام ئەھمەدتىن قەيت قىلىنغان تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل كۆزقاراش بولۇپ، بەزى ئالىملار: كاپىر بولىدۇ، دىسە، يەنە بەزى ئالىملار: كاپىر بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئىككىنچى كۆزقاراش توغرا بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ئىنسان ئىنتايىن چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ. زاكات بېرىشتىن چەكلەنگۈچىنىڭ كاپىر بولمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكى ھەدىسدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئالتۇن-كۈمۈش، مال-دۇنيالىرىنىڭ زاكىتىنى بېرىشتىن باش تارتقان كىشى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قايسى تەرەپكە بۇيرىلىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ: ئۇنىڭ يولى يا جەننەتكە ياكى دوزاخقا بولىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى].

     ئۇنىڭ يولى جەننەت تەرەپكە بولىدىكەن، ئۇ كىشى كاپىر ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى كاپىر ئۆزىنىڭ يولىنىڭ جەننەتكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈشى مۇمكىن بولمايدۇ. لېكىن بېخىللىق قىلىپ، سەلقاراپ ئادا قىلماسلىق دېگەن چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ يَبْخَلُونَ بِمَا آتَاهُمُ اللَّـهُ مِن فَضْلِهِ هُوَ خَيْرًا لَّهُم ۖ بَلْ هُوَ شَرٌّ لَّهُمْ ۖ سَيُطَوَّقُونَ مَا بَخِلُوا بِهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ وَلِلَّـهِ مِيرَاثُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۗ وَاللَّـهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە (يەنى پۇل ـ مالغا) بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئەمەلدە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر، ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە يەرنىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكى بولۇپ، ئۇلار پانىي بولغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). ئاللاھ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.» [سۈرە ئال-ئىمران 180-ئايەت].

      ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالَّذِينَ يَكْنِزُونَ الذَّهَبَ وَالْفِضَّةَ وَلَا يُنفِقُونَهَا فِي سَبِيلِ اللَّـهِ فَبَشِّرْهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ ، يَوْمَ يُحْمَىٰ عَلَيْهَا فِي نَارِ جَهَنَّمَ فَتُكْوَىٰ بِهَا جِبَاهُهُمْ وَجُنُوبُهُمْ وَظُهُورُهُمْ ۖ هَـٰذَا مَا كَنَزْتُمْ لِأَنفُسِكُمْ فَذُوقُوا مَا كُنتُمْ تَكْنِزُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئالتۇن ـ كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن ـ كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن-كۈمۈشۈڭلار (سىلەر بۇ دۇنيايىڭلاردىكى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار). يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار، دېيىلىدۇ.» [تەۋبە سۈرىسى 34-35-ئايەت].  شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى (1814).

     زاكاتنى ئادا قىلىشقا سەل قارىغانلارغا نەسىھەت قىلىش، زاكاتنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنىنى چۈشەندۈرۈش، بېخىللىق قىلىپ ئادا قىلىشتىن باش تارتقانلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە دۇچ كىلىدىغان جازا ۋە ئازابلارنى ئېسىگە سىلىش رۆرۈردۇر.

     ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

     تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

     تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

ئىسلام سوئال جاۋاب تورى