سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قەبرىدىكى ھاياتنىڭ خاراكتىرى

9381

تارقاتقان ۋاقىت : 14-02-2006

كۆرگۈچىلەر : 9023

سۇئال

ئۆلگەن ئادەم قەبرىدە ھايات دىيىلسە ، ئۇ ئۇنىڭ ئىلگىركى ھاياتىغا ئوخشامدۇ ؟ ئۇنىڭ قانچە ئەزاسى ئۇنىڭغا قايتىپ كىلىدۇ ؟ ئۇ قەبرىسىدە قانچە ئۇزۇن ھايات تۇرىدۇ ؟ ئەگەر ئۆلگەن ئادەمنىڭ جەسىتى سوراققا تارتىلسا ، ھىندىلار ، ياپونلار ، ۋە باشقىلارغا ئوخشاش جەسىتى كۆيدۈرلىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ ؟ ئۇلارنى سوراق قىلىش قەيەردە ئىلىپ بىرىلىدۇ؟ دوختۇر ئوپىراتسىيە ئىلىپ بارغاندا ، ئۇ بىمارنىڭ تۇيغۇسىنى ناركوز دورىلىرى بىلەن يوق قىلىدۇ . ئەمدى بۇ ئۆلۈم توغىرسىدا ئۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى سورىماقچىمەن ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن
ھەربىر ئەر ۋە ئايال مۇئىمىننىڭ ئاللاھ كىتابىدا ، ياكى پەيغەمبىرىنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) تىلىدا ئۇلارغا خەۋەر قىلغان ئاخىرەت ، ھىسابات ، جەننەت ، دوزاخقا مۇناسىۋەتلىك ۋە ئۆلۈم ،قەبرە ، ئۇنىڭدىكى ئازاپ ۋە نىئىمەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارغا مۇقەددەس قۇرئان ياكى پاك سۈننەتتە كەلگەن باشقا غەيبى نەرسىلەرگە ئىشەنمىگى لازىم . بىز ئۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشىمىز لازىم . چۈنكى ، بىز بىلىمىزكى ، پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ئېيىتقان ۋە خەۋەر قىلغان بارلىق بارلىق نەرسىدە راستچىل . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ئاللاھنىڭ سۆزلىرىدىن راستراق كىمنىڭ سۆزى بار ؟ [ نىسا ( ئاياللار ) : 122 ] ، ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار ؟ [ نىسا ( ئاياللار ) : 87 ]
بىز بىلىمىزكى ، ئاللاھ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ راستچىل بولۇپ ، ئۇ ھەرگىز كۆڭۈل خاھىشى بىلەن سۆزلىمەيدۇ ، ئۇ پەقەت ئۇنىڭغا ئىلھام قىلىنغان ۋەھىي . سەھىيھ ھەدىيستە ئىسپاتلانغان ھەرقانداق نەرسە مەيلى بىز ئۇنى تولۇق چۈشەنمىسەكمۇ ، ئۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز لازىم . شۇڭلاشقا بىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمىز _ ئاخىرەت ئىشلىرى ، جەننەت ، دوزاخ ، جەننەت كىشىلىرىنىڭ نازۇ-نىئېمەتلىرى ، دوزاخ كىشىلىرىنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى ھەققىدە دىيىلگەن نەرسىلەرگە ، ھەمدە قەبرىدىكى كىشىنىڭ ئازاپلىنىشى ياكى نىئېمەتلىنىشى ۋە ئۇنىڭ روھىنىڭ ئۇنىڭغا قايتىپ كىلىشىدىن ئىبارەت پاكىتقا ئىشىنىش . بۇنىڭ ھەممىسى راست ۋە قۇرئان ، ھەدىيس تېكىستلىرىدە بايان قىلىنغان . شۇڭا بىز ئۇنىڭغا بويسۇنىشىمىز ھەمدە بىز قۇرئاندىن ئۆگەنگەن ، ياكى سەھىيھ ھەدىيستە نەقىل قىلىنغان ياكى ئىسلام ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن ھەر قانداق نەرسىگە ئىشىنىشىمىز لازىم .
ئاندىن ئەگەر ئاللاھ بىر مۇئىمىن ئەر ياكى ئايالغا ئۇنىڭدىكى ھىكمەت ۋە سىرلارنى بىلدۈرۈش بىلەن مىننەت قىلسا ، ئۇنداقتا بۇ ياخشىلىق ئۈستىگە ياخشىلىق ، نۇر ئۈستىگە نۇر ، بىلىم ئۈستىگە بىلىم . شۇڭا ئۇ ئاللاھنى مەدھىيلىسۇن ھەمدە ئۇ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان بىلىم –مەرىپەت ، ۋە ئەقىل-پاراسەت ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيىتسۇن ، تاكى ئۇنىڭ بىلىمى ۋە خاتىرجەملىكى ئاشسۇن .
قەبرىدىكى سوراققا تارتىش ۋە ئۆلگۈچىنىڭ ئەھۋالى توغىرسىدا ، بۇ سۇئال-سوراق ھەقىقىي بولۇپ ، ئۆلگۈچىنىڭ روھى ئۇنىڭغا قايتۇرلىدۇ . ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدىن (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) نەقىل قىلىنغان خەۋەرلەر سەھىيھ بولۇپ ، مىيىتنىڭ قەبرىدىكى ھاياتى ئۇنىڭ بۇدۇنيادىكى ھاياتىغا ئوخشىمايدۇ . ئۇ بەرزەختىكى ئالاھىدە ھايات بولۇپ ، ئۇنىڭ بۇدۇنيادىكى يىمەك-ئىچمەك ۋە باشقا نەرسىلەرگە مۇھتاج بولىدىغان ھايات ئەمەس . بەلكى ئۇ سۇئال ۋە جاۋاپلارنى چۈشىنەلەيدىغان ئالاھىدە ھايات بولۇپ ، ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭدىن : پەرۋەردىگارىڭ كىم؟ دىنىڭ نىمە؟ پەيغەمبىرىڭ كىم ؟ دەپ سۇئال سورايدۇ .
مۇئىمىن بولسا :"پەرۋەردىگارىم ئاللاھ ، دىنىم ئىسلام ، پەيغەمبىرىم مۇھەممەد" دەيدۇ ، ھەربىر مۇئمىن مۇشۇنداق جاۋاپ بىرىدۇ . ھەمدە ئۇنىڭغا : "سەن بۇ كىشى ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسەن ؟ " دىيلىدۇ ، ئۇ : " ئۇ بولسا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ، ئۇ بىزگە توغرا يولنى ئىلىپ كەلدى . بىز ئۇنىڭغا ئىشەندۇق ۋە ئەگەشتۇق ." ئۇنىڭغا : " بىز سىنىڭ مۇئىمىن ئىكەنلىكىڭنى بىلەتتۇق ." دىيلىدۇ . ھەمدە ئۇنىڭغا جەننەتكە بىر ئىشىك ئىچىلىدۇ ھەمدە ئۇ جەننەتنىڭ ئارامىنى ۋە نازۇ-نىئېمەتلىرىنى ھىس قىلىدۇ . ۋە دىيلىدۇ : " مانا بۇ تاكى ئاللاھ سىنى ئۇنىڭغا تىرىلدۈرگىچە سىنىڭ ئورنۇڭ بولىدۇ . ھەمدە ئۇنىڭغا دوزاختىكى ئورنى كۆرسىتىلىدۇ . ئۇنىڭغا : " ئەگەر سەن ئاللاھنى ئىنكار قىلغان بولساڭ ، مۇشۇ سىنىڭ ئورنۇڭ بولاتتى ، بىراق ئاللاھ ئۇنىڭدىن سىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىدى ، سەن ئاخىرى جەننەتتە بولدۇڭ . " دىيلىدۇ .
كاپىرغا نىسبەتەن ، ئۇنىڭدىن پەرۋەردىگارى ، دىنى ۋە پەيغەمبىرى توغىرسىدا سۇئال سورالسا ، ئۇ : " ھە! ھە! مەن بىلمەيمەن . مەن كىشىلەرنىڭ بىر نەرسە دەۋاتقىنىنى ئاڭلاپ ، شۇنىڭغا ئوخشاش دىدىم . ئاندىن ئۇ بىر بازغان بىلەن ئۇرىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ چىرقىرايدۇ . ئۇنى ئىككى يۈك ،يەنى ئىنسان ۋە جىندىن باشقا ھەممە نەرسە ئاڭلايدۇ ، ئۇنى ھايۋانلارمۇ ئاڭلايدۇ .ئاندىن ئۇنىڭغا دوزاخقا بىر ئىشىك ئىچىلىدۇ ، ھەمدە قەبرىسى تارايتىلىدۇ ، ئاخىرى ئۇنىڭ قوۋۇرغىلىرى بىر-بىرىگە كىرىشىپ كېتىدۇ ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى دوزاخ ئورەكلىرىدىن بىر ئورەككە ئوخشاش بولىدۇ . ئۇنىڭغا دوزاخقا بىر ئىشىك ئىچىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ ھارارىتى ۋە ئازابى كىلىپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭغا : " ئاللاھ تاكى سىنى ئۇنىڭغا تىرىلدۈرگىچە مۇشۇ سىنىڭ ئورنۇڭ بولىدۇ ." دىيلىدۇ . ئاندىن ئۇنىڭغا جەننەتكە بىر ئىشىك ئىچىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا جەننەتتىكى ئورنى كۆرسىتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا : " ئەگەر ئاللاھ سىنى يىتەكلىگەن بولسا ، مۇشۇ سىنىڭ ئورنۇڭ بولاتتى ." دىيلىدۇ .
بۇنىڭدىن بىز قەبرىنىڭ يا جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچا ، يا دوزاخ ئورەكلىرىدىن بىر ئورەكلىكىنى بىلىۋالىمىز .
ئەمدى سۇغا غەرىق بولۇش ، كۆيدۈرلۈش ، ياكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يىيىشى بىلەن ئۆلگەنلەرگە كەلسەك ، ئۇلارنىڭ روھلىرى ئازاپ ياكى نىئېمەتدىن ئۈلىشى بار . ھەمدە روھلار ئۇلارنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى ، دىڭىزدىكى ياكى ھايۋانلارنىڭ قورسىقىدىكى جەسەتلىرىگە ئاللاھنىڭ خالىغىنىچە كىلىدۇ . بىراق ئازاپ ياكى نىئېمەتنىڭ كۆپىنچىسى قىپقالغان روھىغا بولىدۇ ، مەيلى نىېمەت ئىچىدە بولسۇن ، ياكى ئازاپ ئىچىدە بولسۇن ، مۇئىمىننىڭ روھى جەننەتكە كېتىدۇ . پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : مۇئىمىننىڭ روھى بىر قۇش بولۇپ ، جەننەتنىڭ دەرەخلىرىگە ئىسىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ مىۋىلىرىنى يەيدۇ ، كاپىرنىڭ روھى دوزاخقا كېتىدۇ .
ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر ۋە ئايال ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) خەۋەر قىلغان نەرسىنى قوبۇل قىلىشى ، ھەمدە ئۇ ھەقتە ئاللاھ ئىرادە قىلغان رەۋىشتە ئىشىنىشى كىرەك . گەرچە بىر قىسىم مەنىلەر ئۇنىڭغا يۇشۇرۇن بولسىمۇ . ئاللاھ مۇكەممەل ھىكمەتكە ئىگە . ئاللاھ پاك !
[ يىتۈك ئالىم پېشىۋا ئابدۇل ئەزىيز بىن ئابدۇللاھ بىن باز نىڭ تۈرلۈك ماقالىلەر ۋە فەتىۋالار توپلىمى كىتابى ، 338-ب ]

مەنبە: www.islamqa.com