جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ۋەكىل مالنى بەلگىلەپ بەرگەن مىقداردىن ئارتۇق ساتقان بولسا، ئارتۇقى كىمنىڭ بولىدۇ؟

سۇئال

   مەن بىر شىركەتتە مال ساتىمەن، شىركەت مۇدىرى ماڭا: مۇشۇ ماللارنى مىڭ(1000) رىيالغا ساتساڭ بولىدۇ دېدى، مېنىڭ خېرىدارلىرىم بولۇپ ئۇلار بۇ مالنى بىر مىڭ بەش يۈز(1500) رىيالغا سېتىۋالىدۇ، شىركەتكە مىڭ رىيالنى بېرىپ قالغىنىنى ئۆزۈم ئالسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەگەر شىركەت سىزگە بۇ ماللارنى مىڭ رىيالدىن ئارتۇق ساتمايسىز دەپ بېكىتىپ بەرگەن بولسا، سىزنىڭ ئۇنى بېكىتكەن باھادىن ئارتۇق سېتىشىڭىز توغرا بولمايدۇ. ئەمما شىركەت سىزگە مالنىڭ پۇلىنى بېكىتىپ بېرىپتۇ لېكىن ئۇ مالنى بېكىتكەن باھادىن ئارتۇق سېتىشنى چەكلىمىگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بېكىتكەندىن ئارتۇق ساتسىڭىز توغرا بولىدۇ.

    بۇ ئىككى ھالەتنىڭ ھەممىسىدە ئارتۇق ساتقان پۇل شېركەتنىڭ بولىدۇ، ئۇنى سىزنىڭ ئىلىۋېلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ. ئۇنداق بولىشى، ۋەكىل دېگەن ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىش قىلمايدۇ بەلكى ئۆزىنى ۋەكىل قىلغان تەرەپنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

بۇنىڭ دەلىلى: ئۇرۋە ئىبنى باقىر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە بىر دىنار بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە بىر قوي ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىدى، ئۇ كىشى بىر دىنارغا ئىككى قوي سېتىۋېلىپ، بىرىنى بىر دىنارغا سېتىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر قوينى ۋە بىر دىنارنى ئىلىپ كېلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ سودىسىغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇ كىشى ئەگەر توپا سېتىۋالسىمۇ ئۇنىڭدا پايدا ئالاتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 3643-ھەدىس].

     ئۇرۋە ئىبنى باقىر رەزىيەللاھۇئەنھۇ قوي سېتىۋېلىشقا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەكىل بولغان، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئالغان ۋە ساتقان نەرسىسىدە پايدا ئالدى، بۇ پايدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولدى، ئەگەر ئۇ ئۇرۋەنىڭ ھەققى بولغان بولسا ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى ئالمايتتى.

ئىبنى ئابدۇل بەر مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا ۋاكالەتنىڭ دۇرۇسلىقى توغرىسىدا ئىختىلاپ يوق، ئەمما ئۆلىمالار بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىدە يەنى ئەگەر ۋەكىل ئۆزىگە ۋاكالەت بېرىلگەن نەرسىنى بەرگەن پۇلدىن ئارتۇقراق سېتىۋالغان بولسا قانداق بولىدۇ؟ دېگەن ئىختىلاپ قىلىشتى. مەسىلەن: بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە: بۇ دىرھەمگە ماڭا مۇنداق سۈپەتتىكى گۆشتىن بىر كىلۇ ئىلىپ كەلگىن دېگەن بولسا، ۋەكىل بولغان كىشى ئۇ پۇلغا دېگەن سۈپەتتىكى گۆشتىن تۆت كىلۇ ئىلىپ كەلگەن بولسا، بۇ مەسىلىدە ئىمام مالىك ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى: ئەگەر دېگەن سۈپەتكە مۇۋاپىق بولسا ھەممىسى ۋەكىل قىلغۇچىنىڭ بولىدۇ، ئارتۇق ئىلىپ كەلگىنى ئۇ كىشىنىڭ ياخشى ئىش قىلغانلىقى دېگەن. بۇ ھەدىس ئۇلارنىڭ قارىشىنى كۇچلاندۇرىدۇ. بۇ دەلىلگە يارايدىغان ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىلى قويغا ئىگە بولىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇرۋەدىن قايتۇرۇپ كەلگەن دىنارنىمۇ ئالمايتتى ۋە ئۇنىڭ قىلغان سودىسىنىمۇ كۈچكە ئىگە قىلمايتتى". ["ئەتتەمھىد" 2-توم 108-بەت].

    دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئەگەر ئۇتۇق قازىنالىسا تاۋارنى بەلگىلەنگەن باھادىن يۇقىرى ساتسا دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن ئارتۇق ساتقان پۇل مال ئىگىسىنىڭ بولىدۇ، ئەمما مال ئىگىسى مالنى بېكىتىپ بەرگەن باھادىن ئارتۇق ساتماسلىقنى شەرت قىلغان بولسا، ئۇ كىشى مالنى بېكىتىپ بەرگەن باھادا ساتىدۇ". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 13-توم 96-بەت].

    لېكىن شىركەت سىزگە پۇلنى بېكىتىپ بەرگەن بولسا، سىز شىركەت بىلەن بۇنىڭدىن ئارتۇق ساتسىڭىز ئارتۇقى سىزنىڭ بولۇشقا ئىتتىپاق كەلگەن بولسىڭىز ئۇ ۋاقىتتا بېكىتكەن باھادىن ئارتۇق ساتسىڭىز بولىدۇ ۋە ئارتۇقى سىزنىڭ بولىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 7-توم 361-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر: بىر كىيىمنى ئون دىرھەمگە ساتقىن ئۇنىڭدىن ئارتۇق ساتساڭ ئارتۇقى سېنىڭ بولسۇن دېگەن بولسا توغرا بولىدۇ، ئۇ كىشى ئارتۇقىغا ھەقلىق بولىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنداق قىلىشنى خاتا دەپ قارىمايتتى.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى