سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

دىندا ئوتتۇراھال بولۇش دىگەن نىمە ؟

9466

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 11269

سۇئال

دىندا ئوتتۇراھال بولۇش دىگەن نىمە ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
دىندا ئوتتۇراھال بولۇش دىگەنلىك ئاللاھ بەلگىلىگەن چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىك ۋە چىقىپ كەتمەسلىكنى ، ئۇنىڭغا سەل قارىماسلىقنى ھەمدە ئاللاھ بەلگىلىگەن چەكتىن كىمەيتىۋەتمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ .
دىندا ئوتتۇراھال بولۇش دىگەنلىك پەيغەمبەرنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئۇلگىلىرىگە ئەگىشىشتۇر .ئاشۇرۋېتىش دىگەنلىك ئۇنىڭ قىلغىنىدىن كۆپرەك قىلىشقا ئۇرۇنۇشتۇر ، سەل قاراش دىگەنلىك ئۇ سەۋىيەگە يەتمەسلىكتۇر .
مەسىلەن ، بىر ئادەم : مەن پۈتكۈل كېچىنى ناماز بىلەن ئۆتكۈزىمەن ، پۈتكۈل ھاياتىمدا ھەرگىز ئۇخلىمايمەن ، چۈنكى ناماز ئەڭ ياخشى ئىبادەتلەرنىڭ بىرى ، شۇڭا مەن بارلىق كېچىنى نامازدا ئۆتكۈزمەكچىمەن ، دەيدۇ . بىز دەيمىز ، بۇ ئاللاھنىڭ دىنىدا ھەددىدىن ئاشقانلىق ، بۇ توغرا ئەمەس . بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار پەيغەمبىرىمىز (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )ۋاقتىدا يۈز بەرگەن ، بىر گۇرۇپپا كىشىلەر يېغىلىپ ، ئۇلارنىڭ بىرى : مەن كېچىدە ناماز ئوقۇيمەن ، ھەرگىز ئۇخلىمايمەن ، دىگەن . يەنەبىرى : مەن روزا تۇتىمەن ، ھەرگىز روزامنى سۇندۇرمايمەن ، دىگەن . ئۈچىنچى بىرى : مەن ھەرگىز توي قىلمايمەن ، دىگەن . ئۇلارنىڭ خەۋىرى پەيغەمبەرگە (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )يەتكەندە ئۇ مۇنداق دىگەن : مۇنداق-مۇنداق سۆزلەرنى قىلغان كىشىلەرگە نىمە بولغىنى ؟ مەن روزا تۇتىمەن ھەمدە تۇتمايمەن ، مەن ئۇخلايمەن ، مەن توي قىلىمەن . كىمكى مىنىڭ سۈننىتىمدىن ئۆزىنى تارتىدىكەن ، ئۇ ماڭا تەۋە ئەمەس . بۇ كىشىلەر دىندا ھەددىدىن ئاشقانىدى ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئۇلاردىن نىرى بولدى ، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ روزا تۇتۇش ۋە تۇتماسلىق ، كېچىدە ناماز ئوقۇش ۋە ئۇخلاش ، ھەمدە توي قىلىشتىن ئىبارەت سۈننىتىدىن ئۆزلىرىنى تارىتتى .
كېمەيتىۋەتكۈچى بولسا ، مەن خالىسانە(نەپلە) ئىشلارنى قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ، شۇڭا مەن ئۇلارنى قىلمايمەن . مەن پەقەت پەرىز ئىشلارنىلا قىلىمەن ، دىگۈچىدۇر . ۋە بەزىدە پەرىز ئىشلارنىمۇ كەم قىلىپ قويىدۇ ، بۇمۇ كېمەيتىۋەتكۈچى .
ئوتتۇراھال ئادەم بولسا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )ۋە ئۇنىڭ توغرىغا يىتەكلەنگەن ئىزباسارلىرىنىڭ يولىغا ئەگەشكۈچىدۇر .
يەنە بىر مىسال : ئۈچ ئادەم بىر بۇزۇق ئادەمگە روبىرو كىلىپ قالىدۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بىرى : مەن بۇ بۇزۇق ئادەم بىلەن سالاملاشمايمەن ، بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلەشمەيمەن ، ئۇنىڭدىن نىرى بولىمەن ھەمدە ئۇنىڭغا سۆز قىلمايمەن ، دەيدۇ .
ئىككىنچىسى : مەن بۇ بۇزۇق ئادەم بىلەن بىللە ماڭىمەن ، ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىمەن ، ئۇنىڭغا خۇش تەبەسسۇم قىلىمەن . ئۇنى ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلىمەن ، ھەمدە ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىمەن . ئۇ ماڭا نىسبەتەن توغرا يوللۇق ئادەمگە ئوخشاش ، دەيدۇ .
ئۈچىنچىسى : مەن بۇ بۇزۇق ئادەمنى بۇزۇق ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچ كۆرىمەن ، بىراق مەن ئۇنى ئەقىدىسى ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن . مەن ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزمەيمەن ، بىراق ئۇنداق قىلسام ئۇنىڭ تۈزىلىشى ئۈچۈن . بىراق ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ئۇنىڭ تۈزىلىشىگە سەۋەپ بولماستىن ، بەلكى ئۇنى بۇزۇقلىقىدا ئاشۇرۋەتسە ، ئۇنداقتا مەن ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزمەيمەن ، دەيدۇ .
بىز شۇنى دەيمىزكى ، بىرىنچى ئادەم-ھەددىدىن ئاشقۇچى ، ئىككىنچىسى-سەل قارىغۇچى ، ئۈچىنچىسى بولسا ئوتتۇراھالدۇر .
بۇ بارلىق ئىبادەت ۋە مۇئامىلەلەرگە ئورتاقتۇر . كىشىلەرئۇنىڭدا ھەددىدىن ئېشىش ، سەل قاراش ۋە ئوتتۇراھال بولۇش ئارىسىدا بولىدۇ .
ئۈچىنچى مىسال : بىر ئادەم -ئايالىنىڭ ئەسىرى بولۇپ ، ئايالى ئۇنى ئۆزى خالىغانغا بۇيرىيدۇ ، ئۇ ئايالىنى گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن توختاتمايدۇ ، ياكى ئۇنى ياخشى ئىش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەيدۇ . ئايالى ئۇنىڭ ئەقلىنى كونتىرول قىلىۋالغان ھەمدە ئۇنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغان .
يەنەبىر ئادەم ئايالىغا قوپاللىق ، ھاكاۋۇرلۇق ۋە قاتتىق بىسىم بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ . ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ھەمدە ئۇنى قۇلدىنمۇ تۆۋەن كۆرىدۇ .
ئۈچىنچى ئادەم بولسا ئايالى بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى بۇيرىغاندەك ئوتتۇراھال بولىدۇ .
ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﮬﻪﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﮬﻮﻗﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻤﯘ ﺋﯚﺗﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ). [ ئىنەك 2 : 228 ]
[پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن )مۇنداق دىگەن :] مۇئىمىن ئەر مۇئىمىن ئايالنى ئۆچ كۆرمىسۇن . ئەگەر ئۇ ئۇنىڭ بىر مىجەزىنى ياقتۇرمىسا ، ئۇنىڭ يەنە بىر مىجەزىدىن رازى بولىدۇ .
بۇ ئاخىرقى ئادەم - ئوتتۇراھال ئادەم . ئىككىنچىسى - ئايالى بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ھەددىدىن ئاشقۇچى ، بىرىنچىسى بولسا كەم قىلغۇچى .
بۇ -بارلىق ئىش-ھەركەت ۋە ئىبادەتلەرگە ئورتاقتۇر .
پەزىلەتلىك پېشىۋا مۇھەممەت بىن سالىھ ئۇسەيمىيننىڭ رىسالىلەر ۋە فەتىۋالار توپلىمى ، 1.ج ، 42 ب .
 

مەنبە: [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ پەتىۋا ۋە رىسالىلەر مەجمۇئەسى 1-توم 42-بەت].