سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

دىنسىز كوممۇنىستلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار شېھىت ھېسابلىنامدۇ؟

9478

تارقاتقان ۋاقىت : 25-10-2014

كۆرگۈچىلەر : 3702

سۇئال

كوممۇنىست ئارمىيىسى ئارىسىدىكى مۇسۇلمان ئەسكەرلەر بىلەن كاپىر ئەسكەرلەر ئارىسىدا پات-پات توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ جەرياندا ھەر ئىككى تەرەپتىن نۇرغۇن ئەسكەرلەر ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى كوممۇنىست ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمانلارنى شېھىتلەرنىڭ قاتارىدىن دەپ قارىساق توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرىمىز، ئۇلارنىڭ نىيەتلىرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: بىرسى باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ، يەنە بىرسى ئۆز مىللىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ، يەنە بىرىباشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ۋە رىيا قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ، بۇلارنىڭ قايسىسى ئاللاھ يولىدا جىھات قىلغان ھېسابلىنىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: كىمكى ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدىكەن ئۇ كىشى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغان بولىدۇ،دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. بۇخارى 1-توم 40-ھەدىس. مۇسلىم 3-توم 1513-ھەدىس].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسەن، كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن ئۇ كىشى شېھىت ھېسابلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى (12/23)]