94842: خەيرىيەت ئورۇنلىرىدا توپلانغان ئىقتىسادقا زاكات پەرز بولمايدۇ


ئىھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، قەرزگە ئىھتىياجلىق بولغانلارغا قەرز بېرىش ئۈچۈن خەيرى-ساخاۋەت ساندۇقىغا ئىقتىساد توپلايمىز، ھازىر ساندۇقتا كۆپ ئىقتىساد توپلاندى، بۇنىڭغا زاكات بېرىش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

Published Date: 2016-01-04
    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    خەيرى-ساخاۋەت ساندۇقىغا توپلانغان ئىقتىساد بولسا، ئىھتىياجلىق كىشىلەرگە قەرىز بېرىش ياكى جىددى ياردەمگە مۇھتاج بولغانلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن توپلانغان ئقتىساد بولۇپ، بۇنىڭغا زاكات پەرز بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ مەلۇم بىر شەخسنىڭ خۇسۇسى ئىقتىسادى ئەمەس، ئۇ ۋەقپە قىلىنغان مالغا ئوخشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا زاكات پەرز بولمايدۇ.

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرىدىن: "مەلۇم بىر قەبىلىدە توپلانغان مال بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىقتىسادنى مۇشۇ قەبىلە ئېچىدە دىيەت ئىشلىرى بولسا شۇنىڭغا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ ئىقتىسادتا تىجارەت قىلىپ ئۇنىڭدىن چىققان پايدا دىيەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلسە، مەزكۇر ئىقتىسادقا زاكات كىلەمدۇ ياكى كەلمەمدۇ؟. ئۇ مالنى تىجارەتكە ئىشلەتمىسە ئۇنىڭغا زاكات كىلەمدۇ ياكى كەلمەمدۇ؟. قەبىلىدىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشتىن بولغان ماللىرىنىڭ زاكىتىنى ئاشۇ ساندۇققا بەرسە توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەھۋال يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بولسا ئۇ مال ۋەقپىنىڭ ئورنىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ، ئۇ مالنى مەيلى تىجارەتكە سالسۇن ياكى ساندۇقتىن يۆتكىمىسۇن ئوخشاش. توپلانغان ئىقتىساد پەقەتلا كەمبەغەلگە ياكى باشقا زاكات ھەقلىق بولغانلارغا خاس قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ساندۇققا زاكات بېرىش توغرا بولمايدۇ "."دائىمى كومېتىت پەتىۋاسى"(8/291).

    دائىمى كومېتىتى ئالىملىرىدىن يەنە: بىزنىڭ قەبىلىدە قەبىلە ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۆز-ئارا سۈركىلىش، دىيەت تۆلەش ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىدىغان خاس ئىقتىساد توپلىنىدىغان ساندۇق تەسىس قىلىندى، توپلانغان ئىقتىسادنى ئىسلامى ئاساستا تىجارەتكە شېرىك قىلدى، بۇ ئىقتىسادقا زاكات كىلەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەمەلى ۋەقەلىك يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بولسا، بۇ ئىئانە قىلىنغان مال ئىئانە قىلغۇچىلارغا قايتۇرۇلمايدىغان، دىيەتكە ئىشلىتىلمىگەندە باشقا ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىنىدىغان بولسا، ئۇنداق ئەھۋالدا بۇ مالغا زاكات كەلمەيدۇ، ئەمما بۇ مال ئەسلى توپلانغان نىشان بويىچە سەرپ قىلىنماي، ئۆز ئېگىلىرىگە قايتۇلغاندا، ھەر بىر كىشىنىڭ ئالغان نەسىبىسى بويىچە زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە ۋە يىل توشسا ئاندىن مال ئىگىسى ئۆز مىلىنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ". ["دائىمىى كومېتىتى پەتىۋاسى"(8/296)].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ: يىزىلىق پۇندى جەمئىيەت ئەزالىرى ئايلىق ئەزالىق رەسمىيىتى ئۆتەيدۇ. بۇ جەمئىيەت ئۆز ئەزالىرىدىن تۈرلۈك ھادىسىگە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش، دىيەت ئادا قىلىش، توي قىلىش ياكى باشقا تەرەپتىن ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانلار بولسا ئۇلارغا قەرز بېرىش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن توپلانغان ئىقتىساد توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئىقتىسادقا زاكات كەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئىشتىراكچىلارنىڭ ياكى مەلۇم بىر شەخسنىڭ ئىقتىسادى ئەمەس، مۇئەييەن ئىگىسى بولمىغان ئىقتىسادقا زاكات كەلمەيدۇ". "ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى" 18-توم184-بەت].

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى
Create Comments