سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئەقىدە كەلىمىسىنىڭ ماھىيىتى ۋە دالالىتى

سۇئال

ئەقىدە كەلىمىسىنىڭ مەنىسى نېمىدىن ئىبارەت؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئەقىدە دېگەن؛ئىنساننىڭ نەپسى تەستىقلايدىغان، ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلى خاتىرجەم بولىدىغان، ئەقىدە قىلغۇچىلارچىن دىلىدىن ئىشەنچ قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ھېچ قانداق شەك-شۈبھە ئارىلاشمىغان قاراش ئەقىدە دېيىلىدۇ.

ئەقىدە دېگەن سۆز لۇغەتتە: (ئەيىن، قاپ، دال) ھەرىپىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، ئۇ بىر ئىشنى لازىم تۇتۇش، تەكىتلەش ۋە كۈچەيتىش قاتارلىق مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:لَا يُؤَاخِذُكُمُ اللَّـهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَـٰكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا عَقَّدتُّمُ الْأَيْمَانَ تەرجىمىسىئاللاھ سىلەرنى سەۋەنلىك قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. [سۈرە مائىدە 89-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. قەسەمنىڭ چىگىلىشى قەلبدىن بولغان مەقسەت ۋە چىن ئىرادە بىلەن بولىدۇ.

ئارغامچىنى بىر-بىرىگە چىگىشنى ئەرەبچىدە، (ئەقدۇل ھەبلى) بىر ئىشنى كەسكىن جەزىم قىلسا، مەن مۇنداق ئېتىقاد قىلدىم دەيدۇ. (يەنى بۇنى قەلبىمدە جەزىملەشتۇردۇم دېگەنگە ئوخشىغان)بۇ زېھىننىڭ كەسكىن ھۆكۈم قىلىشىدۇر.

ئەقىدە دېگەن سۆز ئىسلام شەرىئىتىدە: مۇسۇلماننىڭ قەلبىدە ئېتىقاد قىلىشى، شەك-شۈبھىسىز كەسكىن ئىشىنىشى زۆرۈر بولغان ئىلمى ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى ئەقىدە دېگەن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىم ئارقىلىق ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى ئارقىلىق بىلدۈرگەن ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھ تائالا بىزنى ئېتىقاد قىلىشقا بۇيرىغان ئەقىدە ئاساسلىرى تۆۋەندىكى ئايەتتە بايان قىلىنىدۇ:آمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْهِ مِن رَّبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ ۚ كُلٌّ آمَنَ بِاللَّـهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّن رُّسُلِهِ ۚ وَقَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا ۖ غُفْرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ تەرجىمىسى: پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابغا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز) دەيدۇ. ئۇلار: بىز دەۋىتىڭنى ئاڭلىدۇق ۋە ئەمرىڭگە ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر، دەيدۇ. [سۈرە بەقەرە 285-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام "جەبرائىل ھەدىسى" دەپ ئاتالغان مەشھۇر ھەدىستە،ئەقىدىنى بېكىتىپ مۇنداق دېگەن: ئىمان دېگەن ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

ئىسلام دىنىدا ئەقىدە دېگەن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى خەۋەر بەرگەن ئىشەنچىلىك ئىلمى مەسىلىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىپ، بۇ ئىشلارغا چىن قەلبىدىن ئىشىنىشى زۆرۈر بولىدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۈسەيمىيننىڭ:"شەرھى لەمئەتۇل ئىېتىقاد" ۋە شەيخ ئۆمەر ئەلئەشقەرنىڭ:"ئاللاھ توغرىسىدىكى ئېتىقاد» ناملىق ئەسەرلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى