سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھىجابلىنىش ئىسلام ئاساسلىرىدىن بولمىسا نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا بەك كۆڭۈل بۆلىنىدۇ؟

9515

تارقاتقان ۋاقىت : 30-10-2014

كۆرگۈچىلەر : 3815

سۇئال

بىر كىشى ھىجابلىنىش ئىسلام ئاساسلىرىدىن بولمىغانلىقى سەۋەپلىك ئۇنىڭغا ئۇ دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ دەپ قارىشى مۇمكىنمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بۇ توغرا قاراش ئەمەس. ئايال كىشىگە نىسبەتەن ھىجابلىنىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر (يەنى ۋاجىبتۇر). ئاللاھ تائالا ئاياللارنىڭ يۈزى، كۆكسى ۋە باشقا زىننەت ئورۇنلىرىنى ئوراشقا، شۇنداقلا، ئۇلارنى ھىمايە قىلىش، ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ۋە كۆزگە ئىلماسلىقتىن قوغداش ئۈچۈن ھىجاب پەرز قىلىنغان. چۈنكى ئايال دېگەن شەھۋەتنىڭ ئورنى، نەزەر سالغۇچىلار ئۈچۈن پىتنىنىڭ باشلىنىش مەنبەسىدۇر. قىز-خانىملار ئوچۇق، يىرىم-يالىڭاچ يۈرسە، پىگورلىرىنى ئاشكارا قىلسا، بۇ سەۋەپلىك بەزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلى تەبىئىي مايىل بولۇپ شەيتانى ھەۋەسىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ. مانا بۇ جەمئىيەتتە زىنا-پاھىشەنىڭ باشلىنىشى ۋە ئومۇملىشىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئاياللارنى پۈتۈن بەدىنىنى ئوراپ ھىجابلىنىشنى پەرز قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ تەرجىمىسى: لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن. [نۇر سۈرىسى 32-ئايەتنىڭ بىرقىسمى]. لېچەك ئاياللار بېشىدىن چۈشۈرۈپ يۈزى ۋە كۆكرىكىنى ئورايدىغان نەرسە، جىلباب پۈتۈن بەدەننى ئورايدىغان كىيىمدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِن وَرَاءِ حِجَابٍ تەرجىمىسى: سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ ئالماقچى بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار. [ئەھزاب سۈرىسى 53-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ھىجاب بولسا ئاياللارنى كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل خۇشى ئورنى قىلىۋېلىشتىن ھىمايە قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر. [پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىين].

مەنبە: ئىسلام سوئال جاۋاپ