سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بۆھتان چاپلىغۇچىنىڭ ھۆكمى

954

تارقاتقان ۋاقىت : 22-07-2015

كۆرگۈچىلەر : 4497

سۇئال

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بۆھتان قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە باشقا مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى قاتارىدىندۇر. ساھابىلارغا ھاقارەت قىلىشنى چەكلىگەن ھەرقانداق ھۆكۈم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە باشقا ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەقتە بايان قىلىنغان ھەدىسلەردىن: ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ساھابىلىرىمنى ھاقارەت قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئوھۇد تىغىنىڭ باراۋېرىدە ئالتۇن سەدىقە قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ بىر كىلو ياكى ئۇنىڭ يىرىمىدەك بىر نەرسە سەدىقە قىلغىنىغىمۇ تەڭ بولالمايدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى (پەتھۇلبارى) 3379-ھەدىس].

ئەھلى سۈننە-ۋەلجامائە ئۆلىمالىرى بىردەك ئاللاھ تائالا نۇر سۈرىسىدە تەپسىلى بايان قىلىش ئارقىلىق پاكلىقىنى ئىسپاتلىغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا تۆھمەت قىلغان كىشىلەرنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن.

ئىمام ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھھىشام ئىبنى ئەممارغا يەتكۈزگەن ئىسنادتا مۇنداق دەيدۇ: مەن مالىك ئىبنى ئەنەس رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: كىمكى ئابا بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنى ھاقارەت قىلىدىكەن، دەررە ئۇرۇلىدۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ھاقارەت قىلغان كىشى ئۆلتۈرۈلىدۇ. بىرسى نېمە ئۈچۈن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ھاقارەت قىلغان كىشى ئۆلتۈرۈلىدۇ؟ دەپ سورىغانتى، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا توغرىسىدا ئايەت نازىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: يَعِظُكُمُ اللَّـهُ أَن تَعُودُوا لِمِثْلِهِ أَبَدًا إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَتەرجىمىسى: ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇكى، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ھەرگىز قايتا مۇنداق سۆزلەرنى قىلماڭلار. [سۈرە نۇر 17-ئايەت].

ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بۆھتان قىلغان كىشى، قۇرئان كەرىمگە قارشىلىق قىلغان بولىدۇ، قۇرئان كەرىمگە قارشىلىق قىلغۇچى ئۆلتۈرۈلىدۇ".

ئىمام ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام مالىكنىڭ بۇ سۆزى توغرا، چۈنكى ئاللاھ تائالا پاكلىقى توغرىسىدا نازىل قىلغان ئايەتنى ئىنكار قىلىش بىلەن ئىسلامدىن تولۇق يىنىۋالغان مۇرتەد ھېسابلىنىدۇ".

ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئەلئەرەبىي مۇنداق دەيدۇ: "تۆھمەتچىلەر ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بۆھتان قىلدى، ئاللاھ تائالا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى پاكلىدى، مادامىكى ئاللاھ تائالا ئۇنى پاكلىغان ئىكەن، ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلغان ھەر قانداق كىشى ئاللاھنى ئىنكار قىلغۇچىدۇر، ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلغۇچى كاپىر بولىدۇ، بۇ ئىمام مالىكنىڭ تۇتقان يولىدۇر، بۇ يول توغرا كۆز قاراش ئىگىلىرىگە لايىق يولدۇر".

قازى ئەبۇ يەئلا مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا پاكلىغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بۆھتان قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ. كۆپلىگەن ئۆلىمالار بۇ ھۆكۈمدە بىرلىككە كەلگەن ۋە ئۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلغان".

ئىبنى ئەبۇ مۇسا مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا پاكلىغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بۆھتان قىلغان كىشى دىندىن چېقىپ كەتكەن بولىدۇ، ئۇنداق ئادەمنىڭ مۇسۇلمان ئايال بىلەن نىكاھلىنىشى توغرا بولمايدۇ".

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەيىپ-نۇقساندىن پاك بولغان ئاياللىرى، مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىغا (ئاللاھ رازى بولسۇن) دېگەن سۆزنى ئېيتىش سۈننەتنىڭ جۈملىسىدندۇر، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد ۋە ئائىشە سىددىقە بىنتى سىددىق بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پاكلىدى، ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئايالىدۇر، كىمكى ئاللاھ تائالا پاكلىغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بۆھتان قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ئۇلۇغ ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولغان بولىدۇ".

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ تۆھمەتتىن پاك ئىكەنلىكى قۇرئان كەرىمدە كەسكىن دەلىللەر بىلەن بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن شەك قىلغان كىشى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى بىلەن دىندىن يانغان كاپىر ھېسابلىنىدۇ".

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام ئالىملىرى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بۆھتان قىلغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن".

ئىمام ھاپىز ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ تەپسىر كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: "نۇر سۈرىسىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پاك ئىكەنلىكى ئوچۇق بايان قىلىنغاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا ھاقارەت ۋە بۆھتان قىلغان كىشى بارلىق ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرلىكى بىلەن كاپىر ھېسابلىنىدۇ".

بەدىرىددىن زەركىشى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پاك ئىكەنلىكى قۇرئان كەرىمدە ئوچۇق بايان قىلىنغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا بۆھتان قىلغان كىشى قۇرئاننىڭ ھۆكمى بىلەن كاپىر بولىدۇ".

ئىسلام ئۆلىمالىرى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا بۆھتان قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ھۆكۈملەرنى تۆۋەندىكى دەلىللەر بىلەن بايان قىلدى:

1-نۇر سۈرىسىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پاكلىقى ئوچۇق بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا پاكلىغاندىن كىيىن تۆھمەت قىلغۇچىلار ئاللاھ تائالانى يالغانغا چىقارغۇچىلاردۇر. ئاللاھ تائالانى يالغانغا چىقارغۇچىلار شەكسىز كاپىر بولىدۇ.

2-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەنە قىلىش بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئازار يەتكۈزگەنلىكتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئازار يەتكۈزۈش ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن كۇپۇر ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىغا بۆھتان قىلىش بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئازار يەتكۈزگەنلىك توغىرسىدىكى ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا تۆھمەتكە ئۇچرىغان كۈنىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنبەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇلنىڭ سۆزلىرىدىن بىئارام بولۇپ، ئى مۇسۇلمانلار! ماڭا ئائىلەم توغرىسىدا ئازار يەتكۈزگەن كىشىدىن كىم خاتىرجەم قىلىدۇ، مەن ئايالىمدىن ياخشىلىقتىن باشقا نەرسىنى بىلمەيمەن.....ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كىم مېنى خاتىرجەم قىلىدۇ، بىئاراملىقىمنى تۈگىتىدۇ دېگەن سۆزىدىن، ئۇ مۇناپىقلارنىڭ تارقاتقان بۆھتانلىرىدىن كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.

ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ: يَعِظُكُمُ اللَّـهُ أَن تَعُودُوا لِمِثْلِهِ أَبَدًا إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ تەرجىمىسى: ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇكى، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ھەرگىز قايتا مۇنداق سۆزلەرنى قىلماڭلار دېگەن بۇ ئايىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا توغرىسىدا نازىل بولغان بولۇپ، بۇ سۆزلەر تارقالغاندىن كىيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ يۈز ئابرويى ۋە ئائىلىسى توغرىسىدا كۆپ ئەزىيەتكە ئۇچرىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئايەتتە ھۆكۈم ئوچۇق بايان قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك بۇنداق سۆزلەرنى قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ".

3-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا تەنە-ھاقارەت قىلىش بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا تەنە-ھاقارەت قىلغانلىقتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: الخبيثات للخبيثين تەرجىمىسى: يامان -ناچار ئاياللار، يامان-ناچار ئەرلەر ئۈچۈندۇر دېگەن.

ئىمام ھاپىز ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رەپىقىسىلىكىگە تاللىغانلىقى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پاك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، چۈنكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ پاك-ئىپپەتلىك ئايال ئىدى، ئەگەر ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يامان-ناچار بولغان بولسا ئىدى، شەرىئەتتىمۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا لايىق بولمىغان بولاتتى".

ئاخىرىدا شۇنى بىلىش كېرەككى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن بارلىق ئىنسانلاردىن بەك ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر. ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى زەنجىرسىمان قوشۇنغا باشلىق قىلىپ بىر جايغا ئەۋەتتى، مەن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سىلە ئىنسانلاردىن كىمنى بەك ياخشى كۆرىلا؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئائىشەنى، دېدى. ئەرلەردىن كىمنى ياخشى كۆرىلا؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ دادىسىنى (يەنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دېدى. ئۇنىڭدىن قالسا كىمنى؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى دېدى ۋە يەنە بىر قىسىم ئەرلەرنى بايان قىلدى».

كىمكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆيۈملۈك رەپىقىسىنى ئۆچ كۆرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئۇ كىشىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنى ئۆچ كۆرىدۇ.

مەنبە: شەيخ ناسىرنىڭ "ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەھلىنىڭ ساھابىلار توغرىسىدىكى ئەقىدىسى" ناملىق ئەسىرى 2-توم 871-بەتكە قارالسۇن. شەيخ مۇھەممەد ئەلۋۇھەيبىينىڭ "سۈننەت ئەھلىنىڭ ساھابىلار توغرىسىدىكى ئەقىدىسى" ناملىق ئەسىرى 58-بەت