سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

نىمە ئۈچۈن ھەر كۈنى بەش ناماز ئوقۇيمىز ؟

9603

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 13315

سۇئال

مەن قۇرئاندا كىشىنىڭ ئۈچ قىتىم : كۈن چىقىشتىن بۇرۇن ، كۈن ئولتۇرغاندىن كىيىن ۋە كۈن چۈش بولغاندا ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى ئوقۇدۇم . شۇڭا بىز نىمىشقا بەش قىتىم ناماز ئوقۇيمىز ؟ مەن سىلەرنىڭ50مىڭ نامازنىڭ پەرىز قىلىنغانلىقى ، ئاندىن ئۇنىڭ بەشكە قىسقارتىلغانلىقى ھىكايىسىنى بەرنەسلىكىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن . مەن بىر قايىل قىلارلىق جاۋاپقا مۇھتاج .

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن
1- سۇئالدا كەلگەن نامازنىڭ سانى بولسا خاتا ، چۈنكى ناماز ئەسلىدە 50 ئىدى ، ئاندىن دۇنيالارنىڭ پەرۋەردىگارى مۇسۇلمانلارغا يەڭگىللىتىپ 5 نامازغا قالدۇرۇلغان .
2- شەرىئەت ئەھكاملىرى ئىككىگە بۆلىنىدۇ : بەزىلىرى بولسا مەنىسى ئەقىل بىلەن چۈشەنگىلى بولىدۇ ، بەزىلىرى بولسا نوقۇل ئىبادەت بولۇپ ، ئۇنىڭ ھىكمىتى بىزگە يۇشۇرۇن ، كىتاب نە سۈننەتتە تىلغا ئىلىنمايدۇ .
بىرىنچى مىسال :
ھاراق بىلەن قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشى ، ئۇلۇغ ئاللاھ بىزگە ئۇنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھىكمىتىنى تىلغا ئالغان : ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﻫﺎﺭﺍﻕ، ﻗﯩﻤﺎﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﺍ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﻚ، ﺋﺎﺩﺍﯞﻩﺕ ﺗﯘﻏﺪﯗﺭﻣﺎﻗﭽﻰ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺳﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﺪﻯ (ﻫﺎﺭﺍﻗﺘﯩﻦ، ﻗﯩﻤﺎﺭﺩﯨﻦ) ﻳﺎﻧﻤﺎﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ [ مائىدە( داستىخان): 91 ] بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار نۇرغۇن .
ئىككىنچى مىسال :
پېشىننىڭ كۈن زاۋالدىن ئۆتكەندە بولۇشى ، مۇسۇلماننىڭ كەبىنى سولدىن ئايلىنىشى ، ئالتۇننىڭ نىسابىنىڭ قېرقتىن بىر بولۇشى ،شام نامىزىنىڭ ئۈچ رەكەت بولۇشى . ئۇنىڭ مىساللىرى نۇرغۇن .
سۇئالدا كەلگىنى بولسا ئىككىنچى تۈرگە ياتىدۇ ، يەنى ئۇنىڭ ھىكمىتىنى كىتاپ ياكى سۈننەتتىن بىلەلمەيدىغانلىرىمىز بولۇپ ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنىشىمىز لازىم . ھەمدە بۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەممە ئەھكاملارغا ئورتاق .
مۇسۇلمان ئاللاھ ئۇنىڭغا ھىكمىتىنى بايان قىلمىغان نىمىلەردە ئۆزىنى توختىتىشى ۋە مۇئىمىنلەرگە ئوخشاش : ئاڭلايمىز ۋە ئىتائەت قىلمىز دىيىشى ، ئاڭلايمىز ، لىكىن بويسۇنمايمىز . دەيدىغان بەنىي ئىسرائىلغا ئوخشاش بولماسلىقى كىرەك . ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى : ئۇ قىلغانلىرىدىن سۇئال-سوراق قىلىنمايدۇ ، ھالبۇكى ئۇلار سۇئال-سوراق قىلىنىدۇ . قوبۇل قىلىش مۇئىمىنگە نىسبەتەن ئۇنىڭ دىنىي ۋە دۇنياۋىي ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا ياخشى ، چۈنكى ئۇ بىر پەرۋەردىگارى بار قۇل ، ھەمدە قۇلنىڭ پەرۋەردىگارىدىن بىر نەرسىنى نىمىشقا بۇيرىغانلىقىنى سوراشقا ھوقۇقى يوق . بەلكى ئۇ ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىشى لازىم . ئەگەر ئۇ بىزگە نىمەئۈچۈنلىكىنى ئېيىتسا ، ئۇنى قىلىشىمىز كىرەك ، ھەمدە ئەگەر ئۇ بىزگە نىمە ئۈچۈنلىكىنى ئېيىتمىسا ، بىز يەنىلا ئۇنى قىلىشىمىز كىرەك .
3- كۇۋەيت فىقھىي ئىنسىكىلوپىدىيە(149-51) سىدە بۇ يەردە تىلغا ئىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىسىل سۆز بار :
بىز فىقھىي مەسىلىلەرنى ئۇنىڭ بەلگىلىنىشىدىكى ھىكمەتنى بىلىش ياكى بىلمەسلىك جەھەتتىن ئىككى قىسىمغا بۆلىمىز :
1- مەنىسى ئەقىلگە چۈشىنىشلىك بولغان ئەھكاملار ، ئۇ يەنە سەۋەبى ئىنىق ئەھكاملار دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، يەنى ئۇنىڭ بەلگىلىنىش ھىكمىتىنى يا بۇ ھىكمەت تېكىستلەردە بايان قىلىنغانلىقتىن ، ياكى ئۇنى چۈشىنىپ يېتىش ئوڭاي بولغانلىقتىن بىلگىلى بولىدىغان ئەھكاملار .
ھەمدە بۇ مەسىلىلەر ئاللاھ بەلگىلىگەن نىمىلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ ، مەسىلەن ، ناماز ، زاكات ، روزا ۋە ھەجنىڭ ئومۇمى مەنىدە بەلگىلىنىشى ، ھەمدە تويلۇق ، ئاجرىشىش ياكى تۇل قىلىشتىن كىيىنكى ئىددەت ، ئايالى ، بالىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا خراجەت قىلىش ، نىكاھ تۇرمۇشى چىدۇغىسىز ھالەتتە بولۇپ قالغاندا ئاجرىشىش ، ۋە باشقا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش فىقھىي مەسىلىلەر .
2- نوقۇل ئىبادەت سۈپىتىدە بەلگىلەنگەن ئەھكاملار ، يەنى شۇ ئىش-ھەركەت بىلەن ھۆكۈمنىڭ ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىش ئىنىق بولمىغان ئەھكاملار ، مەسىلەن ، نامازنىڭ سانى ، رەكەت سانى ، ھەج ئىش-ھەركەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى . ئاللاھنىڭ رەھىم-شەپقىتى بىلەن ، ئۇنداق ئەھكاملار ھىكمىتى ئەقلى جەھەتتىن چۈشىنىشلىك ئەھكاملارغا سىلىشتۇرغاندا ئاز . بۇ ئەھكاملار كىشىنىڭ راست مۇئىمىن ياكى ئەمەسلىكىنى سىناش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن . يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى ، شەرىئەت ئومۇمى پىرىنسىپلىرى ۋە تارماقلىرى جەھەتتە ئەقىلگە زىت كىلىدىغان بىر نەرسىنى بىكىتمىدى ، لىكىن ئۇ ئەقىل سەۋەبىنى چۈشىنەلمەيدىغان نەرسىلەرنى بەلگىلەيدۇ . ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا چوڭ پەرق بار . ئەگەر كىشى ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئۇنىڭ دانالىقى ، ھەمدە ئۇنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگار دەپ ئىتراپ قىلىنشقا لايىق ئىكەنلىكىگە ئەقلىي جەھەتتىن قايىل بولغان بولسا ، ھەمدە ئۇ پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بىر راست پەيغەمبەرلىكىگە ئەقلىي جەھەتتىن قايىل بولغان بولسا ئۇنداقتا ئۇ ئاللاھنىڭ پادىشاھ ۋە پەرۋەردىگارلىقىنى ،ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىدۇ . ئاندىن ئۇ مەلۇم ئىشقا بۇيرۇلسا ياكى مەلۇم ئىشنى قىلىشتىن چەكلەنسە ،ھەمدە ئۇ ئاندىن : " مەن تاكى بۇ بۇيرۇق ياكى چەكلىمىنىڭ ھىكمىتىنى بىلمىگۈچە بۇ ھۆكۈمگە ئەگەشمەيمەن " دىسە ، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىشەنگۈچى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت دەۋاسىدا يالغانچىلىقىنى ئىسپاتلىغان بولىدۇ . ئادەم ئەقلىنىڭ ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان چېكى بار .
ئاللاھنىڭ نوقۇل ئىبادەت جەھەتتىكى ئەھكاملىرىغا قارشى چىققۇچى بىر كىسەلگە ئوخشايدۇكى ، ئۇ بىر ئىشەنچىلىك دوختۇرنىڭ قېشىغا بارىدۇ ، ئۇ ئۇنىڭغا ھەر تۈرلۈك دورىلارنى يىزىپ بىرىدۇ ، بەزىلىرى تاماقتىن بۇرۇن يېيىلىدۇ ، بەزىلىرى تاماق جەريانىدا يېيىلىدۇ ۋە بەزىلىرى تاماقتىن كىيىن يېيىلىدۇ ، ھەر خىل مىقداردا ، ئاندىن ئۇ دوختۇرغا : " مەن دورىڭىزنى تاكى سىز ماڭا نىمە ئۈچۈن بۇنىڭ تاماقتىن بۇرۇن يېيىلىدىغانلىقى ، بۇنىڭ تاماقتىن كىيىن يېيىلىدىغانلىقى ، ۋە بۇنىڭ تاماق جەريانىدا يېيىلىدىغانلىقى سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگىچە ، ھەمدە نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر خىل مىقداردا ئىچىلىدىغانلىقىنى ، بەزىلىرىنىڭ كىچىك ، بەزىلىرىنىڭ چوڭلۇقىنى چۈشەندۈرمىگىچە يىمەيمەن " دەيدۇ . بۇ بىمار دوختۇرغا راستىنلا ئىشىنەمدۇ ؟ ئوخشاشلا ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان ، ئاندىن ھىكمىتىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئەھكاملارغا قارشى چىقىدىغان كىشىچۇ ؟ ھەقىقى مۇئىمىن ئەگەر مەلۇم نەرسىگە بۇيرۇلسا ياكى مەلۇم نەرسىدىن توسۇلسا ، ئۇ : " مەن ئاڭلايمەن ، مەن بويسۇنىمەن ." دەيدۇ ، بولۇپمۇ ئەقىلگە قارشى ئەھكاملارنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندۈرگىنىمىزدە . مەلۇم نەرسىنى بىلمەسلىك ئۇنىڭ راست ئەمەسلىكىدىن دىرەك بەرمەيدۇ . قانچىلىغان ئەھكاملار ، ئۇلاردىكى ھىكمەت ئىلگىرى بىزگە يۇشۇرۇن ئىدى ، ئاندىن بىز ئۇلاردا چوڭ ھىكمەت بارلىقىنى بايقىمىدۇقمۇ ؟ چوشقا گۆشىنىڭ ھارام قىلىنىشىدىكى ھىكمەت نۇرغۇن كىشىلەرگە نامەلۇم ئىدى ، ئاندىن بىز ئۇنىڭدا باكتىرىيە ، كىسەللىك ۋە باشقا زىيانلىق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۇق ، ھەمدە ئاللاھ مۇسۇلمانلار جەمئىيتىنى ئۇلاردىن ساقلىماشنى ئىرادە قىلدى . ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىت يالىغان قاچىلارنى يەتتە قىتىم يۇيۇشقا ، ئۇنىڭ بىرىنىڭ توپا بىلەن بولۇشقا بۇيرۇلىشىمۇ ھەم .. . ھەمدە باشقا ئەھكاملارنىڭ ھىكمىتى گەرچە ھازىر بىزدىن يۇشۇرۇن بولسىمۇ ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بايقىلىدۇ . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى