سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

كەشكە مەسىھ قىلىشنىڭ شەرتلىرى

سۇئال

كەشكە مەسىھ قىلىشنىڭ شەرتلىرىنى دەلىللىرى بىلەن ئېيتىپ بىرەمسىز ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن
كەشكە مەسىھ قىلىنىشنىڭ شەرتلىرى تۆت :
بىرىنچى شەرت : بىر جۈپ كەشنى پاك ھالىتىدە كەيگەن بولۇش ، ئۇنىڭ دەلىلى : پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇغىيرە بىن شۇئېبەگە دىگەن مۇنۇ سۆزى : بولدى قوي ، چۈنكى مەن ئۇلارنى مەن پاك ھالىتىمدە كەيگەن .
ئىككىنچى شەرت : بىر جۈپ كەش ياكى پايپاق پاكىز بولۇش ، ئەگەر ناپاك بولسا ، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىشقا بولمايدۇ ، ئۇنىڭ دەلىلى بولسا : ئاللاھ ئەلچىسى بىر كۈنى ساھابىلىرىغا ئىمام بولۇپ بىر جۈپ ئايىغى بىلەن ناماز ئوقۇغان، ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۇلارنى سىلىۋەتكەن . ۋە دىدىكى ، جەبرائىل ئۇلاردا مەلۇم نىجاسەت بارلىقىنى خەۋەر قىلغان . [ ئەھمەد ئۇنى ئەبۇ سەئېيىد خۇدرىيدىن مەسنىدىدە نەقىل قىلغان .] بۇ بولسا نىجاسەت بار نىمىدە ناماز ئوقۇشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ۋە يەنە نىجىس نەرسە سۈرتۈلسە ، سۈرتكۈچىنى نىجاسەت بىلەن مەينەت قىلىدۇ ، شۇڭا ئۇ پاك بولدى دەپ قارالمايدۇ .
ئۈچۈنچى شەرت :
ئۇ جۇنۇپلۇق ياكى غۇسلى ۋاجىپ بولىدىغان نىمىدىن كىيىن ئەمەس ، كىچىك تاھارەتسىزلىكتىن كىيىن مەسىھ قىلىنىغان بولۇش . ئۇنىڭ دەلىلى بولسا سەفۋان بىن ئەسسالنىڭ ھەدىيسى، ئۇ مۇنداق دىگەن : " ئاللاھ ئەلچىسى بىز مۇساپىر بولغىنىمىزدا جۇنۇپلۇقتىن باشقىسىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز كەشىمىزنى سالماسلىققا بۇيرىدى . لىكىن بىز چوڭ تەرەت ، كىچىك تەرەت ۋە ئۇخلىغان ھالەتتە ئۇلارنى سالمايىتتۇق ۋە مەسىھ قىلاتتۇق . » [ ئۇنى ئەھمەد مۇسنەدىدە سەفۋان بىن ئەسسالدىن نەقىل قىلغان ] . شۇڭا مەسىھ قىلىش بىز تىلغا ئالغان بۇ ھەدىيس سەۋەپلىك كىچىك ناپاكلىقتا قىلىش شەرت ، لىكىن چوڭ ناپاكلىقتا مەسىھ قىلىشقا بولمايدۇ .
تۆتىنچى شەرت : مەسىھ قىلىش شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە بولۇشى ، يەنى مۇقىم كىشىگە بىر كېچە-كۈندۈز ، مۇساپىر كىشىگە ئۈچ كېچە-كۈندۈز . ئەلىينىڭ مۇنۇ ھەدىيسىگە ئاساسەن ، ئۇ مۇنداق دىگن : " پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇقىم كىشىگە بىر كېچە-كۈندۈزنى ، مۇساپىر كىشىگە ئۈچ كېچە-كۈندۈزنى بەلگىلىدى ، يەنى كەشكە مەسىھ قىلىشتا . " [ ئۇنى مۇسلىم نەقىل قىلغان . ] ھەمدە بۇ مۇددەت تاھارەتسىزلىكتىن كىيىن بىرىنچى قىتىم مەسىھ قىلىنغاندىن باشلىنىپ ، مۇقىم كىشىگە نىسبەتەن 24 سائەتتە ، مۇساپىر كىشىگە 72 سائەتتە ئاخىرلىشىدۇ . شۇڭا بىز بىر كىشى سەيشەمبە كۈنى بامدات نامىزىغا پاكىزلاندى ، ھەمدە پاكىزلىقىنى( يەنى تاھارىتىنى) ساقلاپ قالدى ، ئاخىرى سەيشەمبە كۈنى كېچە خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇدى ھەمدە ئۇخلىدى ئاندىن چارشەمبە كۈنى بامدات نامىزىغا قوپتى ھەمدە زاۋال ۋاقتى سائەت 5 تە پايپىقىغا مەسىھ قىلدى دەپ پەرەز قىلساق ، ئۇنداقتا مۇددەت چارشەمبە كۈنى ئەتتىگەن سائەت 5 تىن باشلىنىدۇ ھەمدە ئۇ پەيشەمبە كۈنى ئەتتىگەن سائەت 5 كىچە داۋاملىشىدۇ . ناۋادا بىز ئۇ ئەتتىگەن سائەت 5 تىن بۇرۇن مەسىھ قىلغان دەپ پەرەز قىلساق ، ئۇنداقتا ئۇ بۇ مەسىھ بىلەن پەيشەمبە كۈنىدىكى بامداتنى ئوقۇيالايدۇ ھەمدە ئۇ پاكىزلىقنى ساقلاپ قالسىلا ، ئۇ قانچىلىك نامازنى ئوقۇشنى خالىسا ، ئوقۇيالايدۇ . چۈنكى ئالىملارنىڭ ئەڭ توغرا قارىشىغا ئاساسلانغاندا ، مەسىھ قىلىش مۇددىتى توشۇش بىلەن تاھارەت سۇنمايدۇ . چۈنكى پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) پاكىزلىققا ۋاقىت بەلگىلىمىگەن ، بەلكى مەسىھ قىلىشقا ۋاقىت بەلگىلىگەن . شۇڭا مۇددەت ئاخىرلاشسا ، مەسىھ قىلىشقا بولمايدۇ . لىكىن ئۇ پاكىزلىقىنى ساقلاپ قالغان بولسا ،ئۇنىڭ پاكىزلىقى داۋاملىشىدۇ . چۈنكى بۇ شەرئى دەلىللەر كۆرسەتكەن نەرسە ، ھەمدە ھەر قانداق بىر نەرسە شەرىئى دەلىلەر بىلەن ئىسپاتلىنىدىكەن ، تىخىمۇ كۈچكە ئىگە شەرئى دەلىل بولمىسىلا ئۇ كۈچتىن قالمايدۇ . ھەمدە مەسىھ قىلىش مۇددىتى توشۇش بىلەن تاھارەتنىڭ سۇنىدىغانلىقىغا دەلىل يوق ، چۈنكى ئاساسى پىرىنسىپ بولسا ئەسلىدىكى ھالەت ئۇنىڭ يوقالغانلىقى نامايەن بولمىغىچە ، ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ . بۇ شەرتلەر بولسا كەشكە مەسىھ قىلىشنىڭ شەرتلىرى . ھەمدە يەنە بىر قىسىم ئالىملار ئوتتۇرغا قويغان باشقا شەرتلەرمۇ بار . بىراق ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تىخىمۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلىدۇ .
إعلام المسافرين ببعض آداب وأحكام السفر وما يخص الملاحين الجويين لفضيلة الشيخ محمد بن صالح العثيمين ص 14.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى