سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قىز-يىگىت تويدىن ئىلگىرى زىنا قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ نىكاھى توغرا بولامدۇ؟

96460

تارقاتقان ۋاقىت : 24-05-2013

كۆرگۈچىلەر : 7170

سۇئال

ئىككى ياش شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويىچە نىكاھلاندى، لېكىن ئۇلار توي قىلىشتىن ئىلگىرى خۇددى توي قىلغان ئەر-ئاياللاردەك بىرگە بولۇپ ئۆتكەن، ئۇلارنىڭ نىكاھى توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟، ئۇلار ئىلگىرىكى قىلمىشلىرى ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.بىرىنچى: زىنا ئىنتايىن زور جىنايەت، چوڭ گۇناھلاردىن بولۇپ، ساھىبىنى ئىماندار يەنى مۆمىن دېگەن ئىسىمدىن ئايرىپ قويىدۇ، ئۇنى خار قىلغۇچى دەرتلىك ئازابقا دۇچار قىلىدۇ، ئەمما بۇ گۇناھتىن تەۋبە قىلغۇچى بولسا بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَقْرَبُوا الزِّنَىٰ ۖ إِنَّهُ كَانَ فَاحِشَةً وَسَاءَ سَبِيلًاتەرجىمىسى:زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر. [سۈرە ئىسرا 32-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: زىنا قىلغۇچى مۆمىنلىك ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 2475- ھەدىس، مۇسلىم رىۋايىتى 57 - ھەدىس]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: زىنا قىلغۇچى زىنا قىلغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭدىن ئىمان چىقىپ كېتىپ، خۇددى بۇلۇتقا ئوخشاش لەيلەپ تۇرىدۇ، قىلمىشىدىن بىكار بولغاندىن كىيىن ئىمان ئۇنىڭغا قايتىدۇ. [ئەبۇ داۋۇت رىۋايتى4690-ھەدىس، تىرمىزىي رىۋايىتى 2625-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

"پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە زىنا قىلغۇچىلارنىڭ قىيامەتتىن بۇرۇن قەبرىسىدە ئوت بىلەن ئازابلىنىدىغانلىقى توغرىسىداخەۋەر بەرگەن". [بۇخارى رىۋايىتى1320].

زىنادىن ئىبارەت بۇ قىلمىش ناھايتى قەبىھ بولغانلىقتىن، توي قىلغاندىن كېيىن زىنا قىلغۇچىلارنى جازالاش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆلگىچە تاش-چالما بىلەن ئۇرۇشقا، توي قىلمىغان بولسا 100 دەررە ئۇرۇشقا بۇيرىغان.

بۇ ناچار قىلمىشقا گىرىپتار بولۇپ قالغان كىشى بولسا دەرھال ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى ۋەئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىت قىلىپ، ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:﴿وَالَّذِينَ لَا يَدْعُونَ مَعَ اللَّـهِ إِلَـٰهًا آخَرَ وَلَا يَقْتُلُونَ النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّـهُ إِلَّا بِالْحَقِّ وَلَا يَزْنُونَ ۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ يَلْقَ أَثَامًا،يُضَاعَفْ لَهُ الْعَذَابُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَيَخْلُدْ فِيهِ مُهَانًا، إِلَّا مَن تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ عَمَلًا صَالِحًا فَأُولَـٰئِكَ يُبَدِّلُ اللَّـهُ سَيِّئَاتِهِمْ حَسَنَاتٍ ۗ وَكَانَ اللَّـهُ غَفُورًا رَّحِيمًا، وَمَن تَابَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَإِنَّهُ يَتُوبُ إِلَى اللَّـهِ مَتَابًا﴾ تەرجىمىسى:«ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ (گۇناھلار) نى قىلىدىكەن، (ئاخىرەتتە) ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ. پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. كىمكى (گۇناھلىرىغا) تەۋبە قىلىدىكەن ۋە ئەمەلىنى تۈزەيدىكەن، ئۇ ئاللاھقا يۈزلەنگەن بولىدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ).» [سۈرە پۇرقان 68-69-70-71-ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِنِّي لَغَفَّارٌ لِّمَن تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا ثُمَّ اهْتَدَىٰتەرجىمىسى: تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن. [سۈرە تاھا 82-ئايەت].

مەزكۇر قىز-يىگىتلەرنىڭ قىلمىشلىرىنىئاللاھ تائالا ئاشكارا قىلمىغاندىن كېيىن ئىلگىرىكى بۇ قىلمىشلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرمىسۇن.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا چەكلىگەن پاسكىنا ئىشلاردىن يىراق بولۇڭلار، بۇنداق ئىشقا گىرىپتار بولغان كىشى بولسا، ئاللاھ تائالا ئاشكارا قىلمىغاندىن كېيىن قىلمىشلىرىنى باشقىلارغا ئاشكاراقىلمىسۇن. [بەيھەقى رىۋايىتى. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 662- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئىككىنچى: زىنا قىلغۇچى ئەر، زىنا قىلغۇچى ئايال تەۋبە قىلماستىن بىر-بىرى بىلەن نىكاھلىنىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدە مۇنداق دەيدۇ:الزَّانِي لَا يَنكِحُ إِلَّا زَانِيَةً أَوْ مُشْرِكَةً وَالزَّانِيَةُ لَا يَنكِحُهَا إِلَّا زَانٍ أَوْ مُشْرِكٌۚ وَحُرِّمَ ذَٰلِكَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَتەرجىمىسى:زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنى ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ، ئۇ (يەنى زىنا) مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى. [سۈرە نۇر 3-ئايەت]. يەنى زىنا قىلغۇچى ئەر-ئاياللارنىڭنىكاھلىنىشى چەكلىنىدۇ. ئۇلار توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالاغا تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىپ، ئۆتكەنكى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغاندىن كىيىن نىكاھلانغان بولسا، ئۇلارنىڭ نىكاھى ساغلام نىكاھ بولىدۇ. ئەمما تەۋبە قىلماستىن تۇرۇپ نىكاھلانغان بولسا، ئۇلارنىڭ نىكاھى توغرا بولمايدۇ. ئۇلار قايتىدىن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىپ، ئۆتكەنكى قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان ئاساستا، مەزكۇر ئىشنى قايتا تەكرارلىماسلىققا ئىرادە قىلىپ ئاندىن قايتىدىن نىكاھلىنىشى لازىم.

ھەممىدىن توغرىنىبىلگۈچىئاللاھدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى