سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

جۈمە نامىزىدىن كېيىن پىشىن نامىزى ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

973

تارقاتقان ۋاقىت : 25-07-2010

كۆرگۈچىلەر : 5070

سۇئال

ﻣﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﯻﻤﺎﻣﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﯴﭺ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﺭﺕ ﯪﺳﺘﯩﺪﺍ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﯻﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛئەت ﭘﻪﺭﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯚﺕ ﺭﻩﻛئەت ﭘﯩﺸﯩﻦ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﯨﻨﻰ ﯮﻗﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍﻧﻰ ﯪﯕﻠﯩﺪﯨﻢ. 1- . ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﺳﻪﯰﺩﻯ ﯬﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ. 2- . ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﯻﺴﻼﻡ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﯩﻤﯩﺴﺎﻕ. 3- ﻳﺎﻛﻰ ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﯻﺴﻼﻣﯩﻲ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ. ﺳﻮﯪﻟﯩﻤﻐﺎ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ دىيارىمىزدا ﻳﺎﺷﻘﺎ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ توغرىدا ئىزدەنگەن بولساممۇ ئۇﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﺍئىر ﺑﯩﺮﻩﺭﻣﯘ ﻫﻪﺩﯨﺲ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ﺟﺎﯞﺍﺏ:
ﻣﻪﺩﻫﯩﻴﻪ ﯪﻟﻼﻫﻘﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ.
ﺟﯜﻣﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯩﺸﯩﻦ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﯮﻗﯘﺵ ﺑﻪﺯﻯ ئالىملارنىڭ ئىجتىھادىي كۈز ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ- ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﯻﺴﻼﻣﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺧﯩﻼﻓﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﻻﻗﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ . ﯬﻫﻠﻰ ﺳﯜﻧﻨﻪ ﯞﻩﻟﺠﺎﻣﺎ ﯬﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺧﯩﻼﻓﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺵ- ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﯩﻔﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﯮﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﯬﻣﻪﺱ. ( ﻓﻪﺗﯩﯟﺍ ﯬﻝ ﻟﻪﺟﻨﻪ ﯬﻝ ئىلمى8/187 )
بۇ توغرىدا يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ۋەياكى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش پۇرسىتى بولمىغان ، ﺳﯩﺰ ﯸﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ " ﯻﻤﺎﻡ" ﺩﻩﭖ ﯪﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ئاشۇ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ " ﺟﯜﻣﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯩﺸﯩﻦ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﯮﻗﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﯩﺰ مەشھۇر ﯪﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ. ﯪﻟﯩﻤﻼﺭ ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﯮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯰﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﭘﯩﺸﯩﻦ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﯮﻗﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭىئەتتە ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﯮﺭﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﯻﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ئىلگىرى سۇرىدۇ. . ﯬﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭﻯ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﯰﻧﺘﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ، ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰﯰﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﻪﺭﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯜﻣﻪﻧﻰ ﯮﻗﯘﻣﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯩﺸﯩﻦ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﯮﻗﯘﺷﻰ ﺯﯙﺭﯛﺭ. ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ دىنى كىتاپلاردا ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻟﻪﻳﻬﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻫﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯩﺸﯩﻦ ﯮﻗﯘﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ قەيت ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ. ﯬﮔﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﻮﻗﯘﻡ ئۇ توغرىدا ھەدىس ۋەياكى ساھابىلارنىڭ كۈز قارىشى ﺧﺎﺗﯩﺮلەنگەن بولاتتى.
(ئىبادەتنى چىن ئىخلاس تەۋرەنمەس ئەقىدە بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق ھالدا قىلىش تەۋسىيە قىلىنغان بولۇپ، ئىباەتنىڭ قوبۇل بولىشىدا، ئىككىلىپ ۋەياكى شەكلىنىپ ،ئۇ بولسا بولار،بولمىسا ئۇنىڭ ئورنىغا بۇ بولار دىگەندەك، مىسالغا ئالساق ئېھتىياتى پىشىن گە ئوخشاش ئەمەللەرنىڭ كۈندىلىك ئىبادەتلىرىمىزدە يۈز بىرىپ قىلىشىدىن ھەرەز قىلىشىمىز لازىم. مۇسۇلمان ئىبادەتنى رەببىم چوقۇم قوبۇل قىلىدۇ دىگەن ئىشەنچ ۋە ئۈمۈت بىلەن ئادا قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، چۈنكى شۇنداق قىلغاندا ئىبادەتنىڭ ھەقىقى لەززىتىنى تىتىيالايدۇ.دىمەك؛ جۇمە نامىزىنى ئادا قىلغان كىشى، جۇمە نامىزىدىن كىيىن پىشىن نامىزى ئادا قىلىشقا بۇيرۇلمايدۇ.-م- )
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد