سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

بەش نامازنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىرى

سۇئال

ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى قاچان ئاياغلىشىدۇ ؟ ھەمدە ئۇنى سائەت بىلەن ئىنىق بەلگىلەپ بىرەلەمسىلەر ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھ بەندىلىرىگە بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش نامازنى ئاللاھنىڭ دانالىقى تەقەززا قىلغان ۋاقىتلار بىلەن ۋاقتى بەلگىلەنگەن ھالدا پەرز قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بەندە بۇ ۋاقىتلار داۋامىدا بۇ نامازلاردا پەرۋەردىگارى بىلەن ئالىقىلىشىدۇ . ئۇلار يۈرەككە نىسبەتەن سۇنىڭ دەرەخنى بىر قىتىمدا سۇغۇرۇپ ئاندىن ئۈزۈلۈپ قالماستىن ، ئۇنى پات-پات سۇغۇرۇپ تۇرۇشىغا ئوخشايدۇ .
نامازلارنىڭ بۇ ۋاقىتلاردا ئادا قىلىنىشتىكى يەنە بىر ھىكمەت بولسا ئەگەر بۇ نامازلارنىڭ ھەممىسى بىر ۋاقىتتا ئادا قىلىنىدىغان بولسا ، كىشىلەر ئۇنىڭدىن زېرىكىپ قالماسلىقى ياكى ئۇنى قېيىن ھىس قىلماسلىقى ئۈچۈن . ئاللاھ ئەڭ دانا ھۆكۈم قىلغۇچى .
["مقدمة رسالة أحكام مواقيت الصلاة للشيخ محمد ابن عثيمن رحمه الله . ]
نامازلارنىڭ ۋاقىتلىرى ھەدىيستە پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان : پېشىننىڭ ۋاقتى كۈن ئەڭ ئىگىز نۇقتىسىدىن ئۆتكەندە ھەمدە كىشىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ بويى بىلەن تەڭ ئۇزۇنلۇقتا بولغاندىن باشلاپ ، ئەسىرنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە . ئەسىرنىڭ ۋاقتى كۈن سارغايغۇچە داۋاملىشىدۇ . شامنىڭ ۋاقتى شەپەق يوقالغۇچە داۋاملىشىدۇ . خۇپتەننىڭ ۋاقتى تەڭ كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ . بامداتنىڭ ۋاقتى تاڭ ئاتقاندىن باشلاپ ، كۈن كۆتۈرۈلگىچە . كۈن كۆتۈرلۈشكە باشلىغاندا ، ناماز ئوقۇشتىن توختا ، چۈنكى ئۇ شەيتاننىڭ ئىككى مۆڭگۈزىنىڭ ئارىسىدا كۆتۈرلىدۇ . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 612 ]
بۇ ھەدىيس كۈندىلىك بەش نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى ئوچۇقلاپ بىرىدۇ . ئۇلارنى سائەت ئارقىلىق ئىنىق قىلىپ بىرىشكە كەلسەك ، بۇ بىر شەھەر يەنە بىرىدىن پەرىقلىنىدۇ . بىز ھەر بىرىنى تىخىمۇ تەپسىلىي قىلىپ تۆۋەندىكىچە ئىنىق قىلىپ بىرىمىز :
1- پېشىن ۋاقتى
پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) : پېشىننىڭ ۋاقتى كۈن ئەڭ ئىگىز نۇقتىسىدىن ئۆتكەندە ھەمدە كىشىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ بويى بىلەن تەڭ ئۇزۇنلۇقتا بولغاندىن باشلاپ ، ئەسىرنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە . دىدى . شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) پېشىن ۋاقتىنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى ئىنىق قىلىپ بەردى :
پېشىن ۋاقتىنىڭ باشلىنىشى بولسا كۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىگىز نۇقتىسىدىن ئۆتكەندە ، يەنى ، ئاسماننىڭ ئەڭ ئىگىز قىسمىدىن ئۆتۈپ ، غەرپكە قايرىلىشقا باشلىغاندا .
كۈننىڭ ئەڭ ئىگىز نۇقتىسىدىن ئۆتكەنلىكىنى( پېشىن ۋاقتىنىڭ باشلانغانلىقىنى) بىلىشنىڭ ئەمىلىي ئۇسۇلى :
تاياق ياكى كالتەكنى بىر ئوچۇق جايغا قويۇڭ . كۈن شەرىقتە كۆتۈرۈلگەندە ، بۇ تاياقنىڭ سايىسى غەرىپكە قاراپ چۈشىدۇ . كۈن قانچە ئىگىزلىگەنسىرى ، سايىمۇ شۈنچە قىسقىرايدۇ . ناۋادا ئۇ قىسقىراشنى داۋاملاشتۇرسا ، كۈن تىخى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىگىز نۇقتىسىغا يىتىپ بارمىغان بولىدۇ . سايە ئۆزىنىڭ مەلۇم نۇقتىسىغا يەتكۈچە ، قىسقىراشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ، ئاندىن ئۇ ئۇزىراشقا ، شەرىقكە قاراپ چۈشۈشكە باشلايدۇ . ئۇ ئازراق بولسىمۇ ئۇزىرىغان بولسا ، ئۇنداقتا كۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىگىز نۇقتىسىدىن ئۆتكەن بولىدۇ . ئەنە شۇ نۇقتىدا پېشىننىڭ ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ .
ئەڭ ئىگىز نۇقتىنى( يەنى، زاۋالنى) سائەت بىلەن بىلىش : كۈن چىقىش بىلەن كۈن ئولتۇرۇش ئارلىقىدىكى ۋاقىتنى تەڭ ئىككىگە بۆلۈڭ ، ھەمدە ئۇ بولسا ئەڭ ئىگىز نۇقتىنىڭ ۋاقتى . ئەگەر بىز كۈن ئەتتىگەن سائەت 6دە چىقىدۇ ، ھەمدە كەچ سائەت 7 دە ئولتۇرىدۇ دەپ پەرەز قىلساق ، ئۇنداقتا ئەڭ ئىگىز نۇقتا چۈش سائەت 12 دە بولىدۇ . ئەگەر ئۇ ئەتتىگەن سائەت 7 دە چىقىپ ، كەچ سائەت 7 دە ئولتۇرسا ، ئۇنداقتا ئەڭ ئىگىز نۇقتا چۈشتىن كىيىن سائەت 1 دە بولىدۇ ، قاتارلىقلار .
[ الشرح الممتع (2/96)] كە قاراڭ .
پېشىن ۋاقتىنىڭ ئاخىرلىشىشى : ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئەڭ ئىگىز نۇقتا ۋاقتىدىكى سايىسى ( يەنى ، زاۋال سايىسى )دىن كىيىنكى سايىسى شۇ نەرسىنىڭ ئۇزۇنلىقىغا تەڭ بولغۇچە .
پېشىن ۋاقتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۇسۇلى :
ئابايام بىز قويغان تاياق ياكى كالتەككە قايتايلى ، ھەمدە ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقىنى 1 مىتىر دەپ پەرەز قىلايلى . بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىمىزكى ، كۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىگىز نۇقتىسىغا يىتىشتىن بۇرۇن ، سايە مەلۇم نۇقتىغا يەتكۈچە ئاستا-ئاستا كېمىيىدۇ ( بۇ نۇقتىغا بىر بەلگە قويۇۋالىمىز ) ، ئاندىن ئۇ ئۇزىراشقا باشلايدۇ ، ئۇ نۇقتىدا پېشىننىڭ ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ . سايە ئۇزىراشنى ، ھەمدە ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى شۇ نەرسىنىڭ ئۇزۇنلىقىغا تەڭ بولغىچە شەرىقكە قاراپ چۈشۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ،( يەنى ، ئۇ ئەڭ ئىگىز نۇقتا دەپ بەلگە قويۇلغان نۇقتىدىن باشلاپ 1 مىتىر ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ ) . بەلگىنىڭ ئالدىدىكى سايە ھىساپلانمايدۇ ، ھەمدە ئۇ زاۋال سايىسى ( ئەڭ ئىگىز نۇقتا سايىسى) دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ نۇقتىدا پېشىن ۋاقتى ئاخىرلىشىدۇ ھەمدە ئۇلاپلا ئەسىرنىڭ ۋاقتى كىرىدۇ .
2- ئەسىرنىڭ ۋاقتى :
پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) : ئەسىرنىڭ ۋاقتى كۈن سارغايغۇچە داۋاملىشىدۇ . دىدى .
بىز شۇنى بىلىمىزكى ، ئەسىرنىڭ ۋاقتى پېشىن ۋاقتى ئاخىرلاشقاندا،يەنى ، نەرسە سايىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى شۇ نەرسىنىڭ ئۇزۇنلىقىغا تەڭ بولغاندا باشلىنىدۇ. ئەسىرنىڭ ئىككى ئاخىرلىشىش ۋاقتى بار .
a) ئەۋزەل ۋاقتى : بۇ بولسا ئەسىرنىڭ ۋاقتى باشلىنىپ ، كۈن سارغايغۇچە داۋاملىشىدۇ ، چۈنكى پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) : ئەسىرنىڭ ۋاقتى كۈن سارغايغۇچە داۋاملىشىدۇ . دىدى . بۇ ۋاقىتنى سائەت بىلەن ئىنىق قىلىپ بىرىش پەسىللەرگە قاراپ ھەرخىل بولىدۇ .
b) زۆرۈر ۋاقتى : بۇ بولسا كۈن سارغايغاندىن باشلاپ ، كۈن ئولتۇرغىچە داۋاملىشىدۇ . چۈنكى پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) : كىمكى كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئەسىرنىڭ بىر رەكىتىگە ئۈلگىرەلىسە ، ئەسىرگە ئۈلگۈرگەن بولىدۇ . دىگەن . [ بۇخارىي ( 579) ، مۇسلىم( 608) نەقىل قىلغان .]
سۇئال : زۆرۈر ۋاقىتنىڭ مەنىسى نىمە؟
بۇ يەردىكى زۆرۈرىيەت بولسا بىر كىشىنى مەلۇم مۇھىم ياكى ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىش ، مەسىلەن ، جاراھەتنى تىڭىش دىگەندەك ئىشلار ئەسىرنى ئوقۇشتىن قويغان بولسا ، ھەمدە ئۇ كۈن سارغىيىشتىن بۇرۇن ناماز ئوقۇيالايدۇ لىكىن تەستە ، ئۇنداقتا ئۇ نامازنى كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئوقۇيدۇ . بۇ ھالەتتە ئۇ نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇغان ھەمدە گۇناھ قىلمىغان بولىدۇ ، چۈنكى بۇ بولسا زۆرۈر ۋاقىت . ئەگەر كىشى نامازنى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولسا ، ئۇ نامازنى كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئوقۇغانلا بولسا گۇناھ يوق .
3- شامنىڭ ۋاقتى :
پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) : شامنىڭ ۋاقتى شەپەق يوقالغۇچە داۋاملىشىدۇ . دىدى .
يەنى ، شامنىڭ ۋاقتى ئەسىرنىڭ ۋاقتى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا باشلىنىدۇ ، يەنى ، كۈن ئولتۇرۇپ ، شەپەق ياكى قىزىللىق يوقالغۇچە داۋاملىشىدۇ . ئەگر قىزىللىق ئاسماندىن غايىپ بولسا شامنىڭ ۋاقتى ئاخىرلىشىشىدۇ ، خۇپتەننىڭ ۋاقتى كىرىدۇ . ھەمدە ئۇنى سائەت بىلەن ئىنىق قىلىپ بىرىش پەسىللەرگە قاراپ ھەرخىل بولىدۇ . شۇڭا سىز قاچان شەپەقنىڭ ئۇپۇقتىن يوقالغانلىقىنى كۆرسىڭىز ، بۇ شام ۋاقتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
4- خۇپتەن ۋاقتى :
پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) : ھەمدە خۇپتەننىڭ ۋاقتى تەڭ كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ . دىدى .
شۇڭا خۇپتەننىڭ ۋاقتى شامنىڭ ۋاقتى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا ( يەنى ئاسماندىكى قىزىللىق يوقىلىشى بىلەن) باشلىنىپ ، تەڭ كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ .
سۇئال : تەڭ كېچىنى قانداق ھىساپلايمىز ؟
جاۋاپ : ئەگەر تەڭ كېچىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ، ئۇنداقتا كۈن ئولتۇرغاندىن باشلاپ ، تاڭ ئاتقۇچە بولغان ۋاقىتنى ھىساپلاڭ . ئۇنىڭ تەڭ يېرىمى بولسا خۇپتەن ۋاقتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ( ھەمدە ئاشۇ تەڭ كېچە ) .
شۇڭا كۈن چۈشتىن كىيىن سائەت 5 تە ئولتۇرسا ، ھەمدە بامدات سائەت 5 تە باشلانسا ، ئۇنداقتا تەڭ كېچە بولسا كەچ سائەت11 بولىدۇ . ئەگەر كۈن سائەت 5 تە ئولتۇرۇپ ، تاڭ سائەت 6 دە ئاتسا ، ئۇنداقتا ، تەڭ كېچە سائەت 11 يىرىمدە بولىدۇ ، قاتارلىقلار .
5- بامدات ۋاقتى :
پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) : بامداتنىڭ ۋاقتى تاڭ ئاتقاندىن باشلاپ ، كۈن كۆتۈرۈلگىچە . كۈن كۆتۈرلۈشكە باشلىغاندا ، ناماز ئوقۇشتىن توختا ، چۈنكى ئۇ شەيتاننىڭ ئىككى مۆڭگۈزىنىڭ ئارىسىدا كۆتۈرلىدۇ . دىدى .
بامداتنىڭ ۋاقتى ئىككىنچى تاڭ ئىتىشتىن باشلىنىپ ، كۈن چىقىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ . ھەمدە ئىككىنچى تاڭ بولسا شەرقتىكى ئۇپۇقتا كۆررۈنگەن كەڭ سوزۇلغان ئاقلىق بولۇپ ، ئۇ شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ سوزىلىدۇ . بىرىنچى تاڭ بولسا ئۇ ئىككىنچى تاڭدىن تەخمىنەن بىر سائەت بۇرۇن كۆرۈنىدۇ . ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق :
1) بىرىنچى تاڭدا بولسا ئاقلىق شەرقتىن غەرىپكە قاراپ سوزىلىدۇ ، ئىككىنچى تاڭدا بولسا ئۇ شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ سوزىلىدۇ .
2) بىرىنچى تاڭ بولسا كەينىدىن قاراڭغۇلۇق كىلىدۇ ، يەنى يورۇقلۇق قىسقا ۋاقىت داۋاملىشىدۇ ئاندىن ئۇ يەنە قاراڭغۇلىشىدۇ . ئىككىنچى تاڭ بولسا كەينىدىن قاراڭغۇلۇق كەلمەيدۇ ، بەلكى يورۇقلۇق كۈچىيىدۇ .
3) ئىككىنچى تاڭ بولسا ئۇپۇققا تۇتاش بولىدۇ ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇپۇق ئارىسىدا قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ ، لىكىن بىرىنچى تاڭ بولسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇپۇق ئارىسىدىكى قاراڭغۇلۇق بىلەن ئۇپۇقتىن ئايرىلغان بولىدۇ .
[ الشرح الممتع (2/107).] كە قاراڭ .

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد