سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

سپېرما، مەزى ۋە نەملىكنىڭ ئارىسىدىكى پەرق توغرىسىدا

سۇئال

ئاياللاردىن قانداق ۋاقىتتا يۇيۇنۇش زۆرۈر بولىدىغان سپېرما چىقىدۇ ۋە قانداق ۋاقىتتا تەرەت ئىلىش كېرەك بولىدىغان ئاجرالمىلار چىقىدۇ بۇنى بىلمەيمەن، كۆپ قېتىم بۇنى بىلىشكە ئۇرۇنغان بولساممۇ، بۇ مەسىلىگە ئىنچىكە جاۋاپ بېرىدىغان بىرەر كىشىنى تاپالمىدىم، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئاجرالمىلارنى يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدىغان، تەرەت ئېلىشلا كېرەك بولىدىغان ئادەتتىكى نەملىك دەپ قاراپ، جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىنلا يۇيۇنىدىغان، باشقا ۋاقىتتا يۇيۇنمايدىغان بولدۇم، ماڭا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلەرنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئاياللاردىن چېقىدىغان سۇيۇقلۇقلار؛ سپېرما ياكى مەزى ۋەياكى ئادەتتىكى ئاجرالما (نەملىك) چىقىدۇ. بۇ ئۈچ تۈرلۈك نەرسىنىڭ ئايرىم سۈپەتلىرى ۋە ئايرىم ھۆكۈملىرى بولىدۇ.

سپېرمىنىڭ سۈپەتلىرى:

1-سۇيۇق سېرىققا مايىل رەڭلىك بولىدۇ. بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە بېكىتىلگەن سپېرمىنىڭ سۈپىتىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەر كىشىنىڭ سپېرمىسى قويۇق ئاپپاق بولىدۇ، ئايالنىڭ سپېرمىسىسۇيۇق سېرىق رەڭدە بولىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 311-نومۇرلۇق ھەدىس].

بەزى ئاياللاردىن سپېرما ئاق رەڭدە كېلىدۇ.

2-سپېرمىنىڭ پۇرىقى بۇغداي خېمىرىنىڭ پۇرىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

3-سپېرما چىققاندا بىر خىل لەززەت ھاسىل بولىدۇ. سپېرما چىقىپ بولغاندىن كېيىن شەھۋەت ئاجىزلىشىدۇ.

سپېرما بولۇش ئۈچۈن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك سۈپەتنىڭ ھەممىسىنىڭ تولۇق بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ بەلكى ئۇ سۈپەتلەردىن بىرى تېپىلسا ئۇ سپېرما دەپ ھۆكۈم قېلىنىدۇ. نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇئ" ناملىق ئەسەر 2-توم 141-بەتتە مۇشۇنداق دېگەن.

مەزىي بولسا سۇيۇق شىلىمشىق ئاق سۇ بولۇپ، پىكىر قىلىش ياكى باشقا يوللار بىلەن شەھۋەت پەيدا بولغاندا چىقىدۇ، مەزىي چىققاندا لەززەت ھاسىل بولمايدۇ، مەزىي چىقىپ بولغاندىن كېيىن شەھۋەت ئاجىزلاشمايدۇ.

نەملىك بولسا، ئايالنىڭ بالىياتقۇسىدىن چېقىدىغان ئاجرالما بولۇپ، بەزى ۋاقىتتا بۇنىڭ چىققانلىقىنى ئايال تۇيمايدۇ، بۇنىڭ ئاز-كۆپ چىقىشىدا ئاياللار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.

سپېرما، مەزىي ۋە نەملىك قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك نەرسىنىڭ ئارىسىدىكى ھۆكۈمدىكى پەرقى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

سپېرما پاكىزە بولۇپ، ئۇنى كىيىمدىن يۇيۇۋېتىش كېرەك ئەمەس، سپېرما چىققاندىن كېيىن يۇيۇنۇش كېرەك بولىدۇ. سپېرما ئۇخلىغان ھالەتتە چىقسۇن ياكى ئويغاق ھالەتتە چىقسۇن، جىنسى مۇناسىۋەت ياكى ئېھتىلام بولۇش سەۋەبى بىلەن چىقسۇن ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن چىقسۇن ھۆكمى ئوخشاش. (يەنى غۇسلى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ).

مەزىي نىجىس (پاسكىنا) بولۇپ، بەدەنگە يۇقۇپ قالسا شۇ يەرنى يۇيىمىز، كىيىمگە يۇقۇپ قالسا سۇ چىچىپ پاكىزلايمىز، مەزىي چىقسا تەرەت سۇنىدۇ، يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ.

نەملىك (ئاجرالما) پاكىزە بولۇپ، ئۇنى يۇيۇۋېتىش كېرەك بولمايدۇ، كىيىمگە يۇقۇپ قالسا كىيىمىنىمۇ يۇيۇش كېرەك بولمايدۇ، لېكىن تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ، ئەگەر نەملىك توختىماي داۋاملاشسا ئۇ ۋاقىتتا نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن ھەر نامازغا ئايرىم تاھارەت ئالىدۇ، تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كېيىن نەملىك چىقسا بۇنىڭ زېيىنى بولمايدۇ.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 50404 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى