پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قىزچاقنى يىگىتنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى ئەجەپلەندۈرسە، يىگىتكە توي قىلىش تەكلىپى قويسا بولامدۇ؟

سۇئال

ەن 27 ياشلىق دىندار قىز، قۇرئان كەرىمنى ياد قىلغان، ھازىر قۇرئان كۇرسىدا ئوقۇتقۇچى ۋە دىنى بىلىملەرنى ئۈگىنىۋاتىمەن، مېنىڭ باشقا تەرەپلىرىممۇ نۇرغۇن ياشلارنى ماڭا توي تەكلىپى قويۇشقا قىزىقتۇردى، لېكىن ماڭا توي تەكلىپى قويغانلارنىڭ ھەممىسى دىنى تەرەپتىن ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدىم، شۇ سەۋەپتىن ئائىلىدىكىلەرنىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتىمەن، ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ خىزمەت قىلىشى سەۋەبىدىن ھۆكۈمەت ئورنىدىكى خىزمەتنى تاشلىدىم، بۇنىڭ بىلەن ئائىلىدىكىلەرنىڭ ماڭا بولغان بېسىمى يەنىمۇ كۈچەيدى، ئاخىرىدا ئۇلار مېنى قانداق ياش بىلەن بولسا توي قىلىشقا قىستىدى، ئۆز قەبىلىمىزنىڭ سىرتىدا توي قىلىش چەكلىنىدۇ، مەن پۇلدار، مەنسەپدار ياكى كېلىشكەن ياشلارنى ئىزدىمەيمەن، مەن پەقەت دىندار، ئاللاھ تائالادىن قورقىدىغان، ماڭا تائەت-ئىبادەتتە ياردەمچى بولىدىغان، ئىپپىتىمنى ساقلايدىغان ياش بولسا كۇپايە، مەن ھازىر ئائىلىدە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىزنىڭ ئائىلە بىلەن كۈيئوغۇللۇق مۇناسىۋىتى بار، ئەخلاقلىق، دىندار، قارى، دىنى تەلىم ئىلىۋاتقان ئارىمىزدا تونۇشلۇق بولغان بىر يىگىتكە توي قىلىش تەلىپىنى قويۇشنى ئويلاۋاتىمەن، بۇ ياش بىلەن ئارىمىزدا ھېچ قانداق ئالاقە يوق، ئۇنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرىسىنى بىلدىم، ئارىمىزغا ئۈچىنچى بىر كىشىنىڭ ۋاسىتە بولىشىنى خالىمايمەن، بۇنداق قىلىش ئىككىلىمىز ئۈچۈن قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا ئىشىمىزنىڭ باشقىلارغا ئاشكارا بولۇپ قىلىشىنى ھەم خالىمايمەن، بۇ ئىشتا تولۇق ئىشەنچ قىلىدىغان بىر كىشىنى تاپالمايمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەپ-ئەخلاق دائىرىسىدە ئۇ ياشقا تېلفۇندا خەت ئەۋەتىشنى توغرا تاپتىم، بۇنداق قىلىشىم شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟ مۇشۇنداق قىلىشنى ئويلاۋاتقان قىزغا نىسبەتەن سىلەرنىڭ قارىشىڭلار قانداق؟ ئۆزىگە توي تەكلىپى قويغان قىزغا نىسبەتەن يىگىتنىڭ قارىشى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ئىشتا ماڭا قانداق نەسىھەت قىلىسىلەر؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئاللاھ تائالادىن سىزگە ئاتا قىلغان نېمەتلەرنى مۇكەممەل قىلىپ بېرىشىنى، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە بىلىمىڭىزنى زىيادە قىلىشىنى، سىز بىلەن ياخشى ئائىلە قۇرۇپ چىقىدىغان تەقۋادار يىگىت ئاتا قىلىشىنى سورايمىز.

سىز ئەر-ئاياللار ئارىلاش خىزمەت قىلىدىغان جايدىنئايرىلىپ، ئەخلاقى ۋە دىنى قارىشى ياخشى بولمىغان ياشلار بىلەن توي قىلىشنى خالىماي، شۇنىڭدەك ئۇ ياشقا خەت ئەۋەتىشتىن بۇرۇن سوراپ ياخشى قىلىپسىز.

ئىككىنچى: ئەقلى-ھوشى جايىدا كىشىلەر ئۈچۈن قىزنىڭ ئەخلاقلىق، دىندار يىگىتكە توي قىلىش تەكلىپىنى قويۇشى چەكلەنگەن ياكى ئەيىب سانىلىدىغان ئىش ئەمەس، بۇنداق قىلىشنى توغرا ئەمەس دەپ قارىغانلار دىنى قاراش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە پىكىر قىلغان بولىدۇ، بولۇپمۇ بۇنداق قىلىشنى ئاياللار ھەسەت قىلىپ بولسىمۇ ئىنكار قىلىدۇ (توغرا ئەمەس دەپ قارايدۇ).

سابىت ئەلبۇنانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم، ئۇنىڭ يېنىدا قىزىمۇ بار ئىدى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنى نىكاھلىرىغا ئالاملا؟ دېدى، دەۋاتاتتى، ئەنەس رەزىيەللاھۇنىڭ قىزى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: ئۇيات، ئۇيات، نېمانداق ھاياسىز ئايال ئۇ؟ دېۋىدى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىزىغا قاراپ: ئۇ ئايال سەندىن ياخشىكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نىكاھىدا بولۇشقا رىغبەتلىنىپ ئۆزى تەلەپ قويدى، دېدى.[بۇخارى رىۋايىتى 4828].

بۇ توغرىدا ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ: "ئايال كىشىنىڭ ياخشى ئەرگە توي تەكلىپى قويۇشنىڭ بايانى" دەپ بىر باب كەلتۈردى.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغاندەك، شۇئەيىب ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى ئۆزىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن توي قىلىش تەكلىپىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: قَالَتْ إِحْدَاهُمَا يَا أَبَتِ اسْتَأْجِرْهُ إِنَّ خَيْرَ مَنِ اسْتَأْجَرْتَ الْقَوِيُّ الْأَمِينُتەرجىمىسى: ئۇلارنىڭ (يەنى ئاياللارنىڭ) بىرى ئېيتتى: ئى ئاتا، ئۇنى سەن ئىشلەتكىن، بۇ سەن ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، كۈچلۈك، ئىشەنچلىكتۇر. [قەسەس سۈرىسى 26-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: قَالَ إِنِّي أُرِيدُ أَنْ أُنْكِحَكَ إِحْدَى ابْنَتَيَّ هَاتَيْنِ عَلَى أَنْ تَأْجُرَنِي ثَمَانِيَ حِجَجٍتەرجىمىسى: «ئۇ (يەنى شۇئەيب) ئېيتتى: ماڭا سەككىز يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ بەدىلىگە ساڭا بۇ ئىككى قىزىمنىڭ بىرىنى بېرىشنى خالايمەن. [سۈرە قەسەس 27-ئايەت].

مانا بۇ يۇقىرىدىكى ئايەتلەر سىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرگە: ئاللاھ تائالادىن قورقۇش، قەبىلىۋازلىقنى تاشلاش، سىزنى ياتلىق قىلىش ئۈچۈن ياخشى، مۇناسىپ يىگىت تاللىشى توغىرسىدا ۋەز-نەسىھەتتۇر. ھېچ بولمىغاندا دىندار، ئەخلاقلىق ياشنى رەت قىلمىسۇن، شەئەيىب ئەلەيھىسسالامدەك ياخشى كىشىمۇ ئۆز قىزىنى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نىكاھلاپ بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ھىلىقى ياخشى ئايالنىڭ ئوچۇقلا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئۆزىنى ئاتىشى بۇنىڭ ھەممىسى ھايالىق ۋە ئەخلاقلىق بولۇش پرىنسىپىغا زىت كەلمەيدۇ، بەلكى بۇ، ئۇ ئايال كىشىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ۋەلىسىنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك، دىنى ئېتىقادى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

"پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى" ناملىق ئەسەردە (30/50): ئايال كىشىنىڭ ئېسىل، ئىلىملىك، پەزىلەتلىك، ياخشى كىشىگە توي قىلىشنى تەلەپ قىلىشى، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا رىغبەتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى دۇرۇس بولىدۇ، بۇ ئىشتا ئايال ئەيىبلەنمەيدۇ، بەلكى بۇ ئۇ ئايالنىڭ پەزىلىتىنى بىلدۈرىدۇ. سابىت ئەلبۇنانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم، ئۇنىڭ يېنىدا قىزىمۇ بار ئىدى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنى نىكاھلىرىغا ئالاملا؟ دېدى، دەۋاتاتتى، ئەنەس رەزىيەللاھۇنىڭ قىزى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: ئۇيات، ئۇيات، نېمانداق ھاياسىز ئايال ئۇ؟ دېۋىدى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىزىغا قاراپ: ئۇ ئايال سەندىن ياخشىكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نىكاھىدا بولۇشقا رىغبەتلىنىپ ئۆزى تەلەپ قويدى، دېدى.[بۇخارى رىۋايىتى 4828].

ئۈچىنچى: بىز يۇقىرىدا بۇ ھەقتە كەلگەن دەلىللەرنى سۆزلەپ ئوتتۇق، ئاللاھ خالىسا بۇ ئىشتا سىزگە پايدىسى بولىدىغان ياخشى مەسلىھەتلەرنى بايان قىلىمىز:

1-سىز ئۇ يىگىتكە بىۋاستە ئۇچۇر-خەت يوللىماڭ، مۇمكىن بولسا ئۇ يىگىت بىلمەيدىغان مەلۇم بىر كىشىگە تەۋە بولمىغان باشقا بىر نومۇردا ئۇچۇر يوللاڭ، بۇنداق قىلىش سىزنىڭ ئۇ يىگىت بىلەن ئالاقە قىلىشىڭىزنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇ يىگىتنىڭ سىز بىلەن توي قىلىش رىغبىتى بولسا سىزگە ئۇچۇر يوللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇچۇر ئىككى تەرەپكە تونۇشلۇق بولغان بىر ئادەم ئارقىلىق يوللانغان بولىدۇ، بىزنىڭ قارىشىمىزدا بۇنداق قىلىش ئۇ يىگىتكە بىۋاستە ئۇچۇر يوللىغاندىن ياخشى بولىدۇ. چۈنكى بەزى ۋاقىتتا ئىش سىز ئويلىغاندەك ئاسان بولمايدۇ، ئىككىڭلارغا قىيىنچىلىق پەيدا بولۇشقا سەۋەپ بولىدۇ، بەلكى ئىنسان ئۆزىنىڭ دىندارلىق ۋە تەقۋادارلىقىنى دائىم داۋاملاشتۇرىمەن دەپ كاپالەت بېرەلمەيدۇ، بەزى ۋاقىتتا سىزنى بۇ ئىشىڭىز سەۋەبىدىن ئەيىبلىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار ئەرگە(ياخشى-سالىھ ئەر) بولۇشنى شەرت قىلدى، سالىھ بولۇش دېگەن پەقەت ئىلىملىك بولۇش ياكى قارى بولۇش دېگەنلىك ئەمەس بەلكى، سالىھ بولۇش دېگەنلىك بىلىمىگە ئەمەل قىلىش، قۇرئان كەرىم ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىپ ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

2-سىز ئۇ يىگىتكە ئۇچۇر يوللىغاندا، قىسقا چۈشىنىشلىك قىلىپ، مەقسەتنىلا بايان قىلىڭ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ ئىش سىزگە ياكى ئۇ يىگىتكە ياكى ھەر ئىككىڭلار ئۈچۈن پىتنە بولىدۇ.

3- ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىشقا باشقا بىر كىشىنى ئارىلاشتۇرماسلىق كېرەك، بۇنى سىزمۇ سوئالدا بايان قىلىپ ئۆتتىڭىز.

4- بەزى ۋاقىتتا يىگىتنىڭ ئەھۋالى توي قىلىشقا مۇناسىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن ياكى باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلىشنى پۈتۈشكەن بولۇپ، كۆپ ئاياللىق بولۇشنى خالىماسلىقى مۇمكىن، سىز ئۇ يىگىتتىن بۇ ئىشنى بىلگەن ۋاقتىڭىزدا تەكرار ئۇچۇر يوللىماڭ، بۇ ۋاقىتتا ئۇچۇر يوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغان ھېچ سەۋەپ قالمىدى، سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش توغرىسىدىكى مەقسىتىڭىز ئوچۇق بولدى.

5-ئاللاھ تائالا سىزنىڭ ئۇ يىگىت بىلەن توي قىلىشىڭىزنى تەقدىر قىلمىغان بولسا، سىزنىڭ ئۇ يىگىت بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇشىڭىز توغرا بولمايدۇ، بۇ ئىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئاللاھ تائالا خالىسا سىز ياخشى بىلىسىز. بۇ ئىش سىزنى ئاللاھ تائالاغا قىلىدىغان تائەت-ئىبادەتتىن، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن، ئىلىم تەلەپ قىلىشتىن مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ، بۇ ئىش ئاقىۋەتتە مەنىۋى قەلب كېسىلى قىلىپ، گۇناھ-مەسىيەتكە مايىل قىلىدۇ.

6-ئۇچۇر ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى ئىستىخار قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز ۋە يەنە سىز ئۇ يىگىتكە خەۋەر قىلىپ، ئۇچۇر ئەۋەتىپ بولغاندىن كىيىنكى نەسىھىتىمىز بولسا: مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا ياخشىلىقنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئۇ بىلىمسىز ۋە ئاجىزدۇر، ئۆزىنىڭ ھەممىنى بىلگۈچى، ھەممىگە قادىر بولغان پەرۋەردىگارىدىن ئۆزى ئۈچۈن ياخشى ھەمراھ ئاتا قىلىشنى، ياخشىلىق قەيەردە بولسا ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىنى، ھەر قانداق يامانلىقنى ئۆزىدىن يىراق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

7-شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، بەلكى باشقا بىرى ئۇ يىگىتتىن ياخشى بولىشى مۇمكىن، ئەگەر سىز ئۇ يىگىتكە ئۆزىڭىزنىڭ توي قىلىش پىكرىڭىزنى خەۋەر قىلىشتا ئىسلام پىرىنسىپى بىلەن يول تۇتسىڭىز، ئىشلىرىڭىزنىڭ ياخشى بولىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا ئىستىخار قىلسىڭىز، شۇنداقتىمۇ توي قىلىش تەقدىر قىلىنمىغان بولسا، سىز ھەرگىزمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىتسىزلەنمەڭ، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشنى ئۈزۈپ قويماڭ، سىزگە توي تەكلىپى قويىدىغانلارغا: دىندار، ئەخلاقلىق بولۇش دېگەن شەرىتنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇڭ، ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ بېسىمىغا سەۋىر قىلىڭ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَإِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا . إِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًاتەرجىمىسى: ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار. [سۈرە شەرىھ 5-6-ئايەتلەر].

سىزنىڭ مەھرەم بولىدىغان ئاكىڭىز ياكى تاغىڭىز ياكى سىزگە يېقىن تۇغقانلار بولسا بۇ ئىش توغرىلىق ئۇلاردىن ياردەم سوراڭ، خۇددى باشقا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قىزلىرى ۋە ھەدە-سىڭىللىرىنىڭ توي ئىشلىرىغا ئىگە بولغاندەك ئۇلارمۇ سىزنىڭ بۇ ئىشىڭىزغا ئىگە بولسۇن. ئۇنداق بولغاندا ئىش سىز ئۈچۈن ئاسان بولىدۇ، خەتەردىن يىراق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى خۇرسەن قىلسۇن. سىزنىڭ ئىشىڭىزنى قىلىدىغانلارغا ئاللاھ تائالادىن ئاسانلىق تىلەيمىز. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 89709 نۇمۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى