پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

غەيرى دىندىكىلەرنىڭ "قىيامەت بايرىمى" غا قاتنىشىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

قىيامەت بايرىمى (Easter) مۇناسىۋىتى بىلەن سىيدنى شەھرىدىكى پادىشاھ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتكە بېرىشنىڭ نېمە ئۈچۈن چەكلەنگەنلىكىنى بىلىشنى خالايمەن، چۈنكى بۇ كۈن "قىيامەت بايرىمى" كۈنى دەپ ئاتالسىمۇ ئەمما بۇ پائالىيەتنىڭ مەزكۇر بايرام بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، مېنىڭ ئۇ پائالىيەتكە بېرىشتىكى مەقسىتىم شۇ كۈندىكى بايرامغا ئالاقىسى بولمىغان پروگراممىلارنى كۆرۈش، مىۋە-چىۋىلەر ۋە جانلىقلارنى زىيارەت قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مۇسۇلماننىڭ كاپىرلارنىڭ قىيامەت بايرىمى، يېڭى يىل بايرىمى دېگەندەك بىدئەت مۇراسىملارغا قاتنىشىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق سورۇنلارغا قاتنىشىش ئۇلارنىڭ مۇنكەر ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەنلىك، ئۇلارنىڭ ئازغۇنىلقىنى زىيادە قىلغانلىق ۋە ئۇلارغا ئوخشاپ قالغانلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ ھەممىسى ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَىٰ ۖ وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ ۚ وَاتَّقُوا اللَّـهَ ۖ إِنَّ اللَّـهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق. [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىمكى باشقا دىندىكى كىشىلەرگە ئوخشىۋالىىدىكەن، ئۇ كىشى شۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4031-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى "ئىرۋائۇل غەلىيل" ناملىق ئەسىرى 5-توم 109- بەتتە كەلتۈرگەن].

    ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدا مۇسۇلماننىڭ كاپىرلارنىڭ ھېيت-بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىشى دۇرۇس ئەمەس. تۆت مەزھەبنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بولغان پىقھى ئالىملار بۇ مەسىلىنى ئۆز كىتابلىرىنى ئوچۇق بايان قىلدى. ئىمام بەيھەقىي رەھىمەھۇللاھ ساغلام ئىسناد بىلەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: كاپىرلارنىڭ بايرام كۈنلىرىدە ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرىغا كىرمەڭلار، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ غەزىبى ئۇلارغا چۈشىدۇ.

    ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالانىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئۇلارنىڭ بايرام كۈنلىرىدە يىراق بولۇڭلار.

    يەنە ئىمام بەيھەقىي رەھىمەھۇللاھ ساغلام ئىسناد بىلەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: كىمكى ئەجەملەرنىڭ يۇرتلىرىدىن ئۆتكەندە، ئۇلارغا ئوخشاپ ئۇلارنىڭ نورۇز بايرىمى ۋە باھار بايراملىرىغا قاتنىشىپ شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە قىيامەت كۈنى ئاشۇلار بىلەن بىرلىكتە مەھشەر مەيدانىغا توپلىنىدۇ. ["ئەھكام ئەھلىززىممە" 1-توم 723-بەت].

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات پەتىۋا كومىتىتى ئالىملىرىدىن: ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە چىركاۋلاردا ئۆتكۈزىلىدىغان مۇستەقىللىق بايرىمىغا ئوخشايدىغان دۆلەت بايراملىرى، ئەرەب خىرىستىئانلىرىنىڭ قىيامەت بايرىمى دېگەندەك بايراملارغا قاتنىشىش توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلارنىڭ مەزكۇر پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشى ۋە ياكى خىرىستىئانلار بىلەن بىرلىكتە شۇنىڭدەك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ گۇناھ-مەسىيەت ۋە زۇلۇمغا ياردەم بەرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنىڭدىن چەكلىگەن. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ["دائىمى كومېتىتى پەتىۋاسى"2/76].

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: كاپىرلارنىڭ بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىش ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ، مەيلى ئۇلارنىڭ دىنى پائالىيەتلىرىگە تولۇق قاتناشسۇن ياكى ئويۇن-تاماشا بىلەن كۇپايىلەنسۈن ھەممىسى ئوخشاش، چۈنكى يۇقىرىقىدەك پائالىيەتلەرنىڭ ئۆزى چەكلەنگەن بىدئەت ئىشلاردىن بولۇپ، ئۇ تۈردىكى بايراملارغا قاتنىشىش جىنايىتى ھەممىدىن ئېغىر بولىدۇ.

    مۇسۇلمان كىشى مەزكۇر كۈنلەرنى ئادەتتىكى كۈنلەردەك بىر خىل ئۆتكۈزۈش كېرەك. بۇ كۈندە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاش جىنايىتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، باشقىلارغا ئوخشاش باغچىلارغا كىرمەسلىكى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بارماسلىقى، شۇنداقلا بۇ كۈن ئۈچۈن خۇسۇسى يىمەك-ئىچمەك ياكى باشقا خۇرسەنلىك كەيپىياتلىرىنى ئىزھار قىلماسلىقى لازىم.

     ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى