مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
كاپىرلارنى دوست تۇتۇش دىگەنلىك ، ئۇلارنىڭ كاپىرلىق ئىشلىرىغا ياردەم قىلىش ۋە
ھەمدەمدە بولۇش دىگەنلىك ، مەسىلەن ، مۇسۇلمانلار كاپىرلار سېپىدە جەڭ قىلىدۇ ،
يەنى مەسىلەن ، كاپىرلار بىر مۇسۇلمان دۆلىتىگە ھۇجۇم باشلايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن
مۇسۇلمان ئۇلارنى دوست تۇتىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇ دۆلەتكە
قىلغان ئۇرىشىغا ھەمدەمدە بولىدۇ ، مەيلى ئۇ قورال بىلەن بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ
مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشىغا ياردىمى بولىدىغان ھەرقانداق بىر نەرسىنى
تەمىنلەش بىلەن بولسۇن . مانا بۇ ئۇلارنى دوست تۇتۇش ، ياكى ھارام قىلىنغان
دوستلۇقنىڭ بىر تۈرى ، چۈنكى ئۇ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇلارغا ياردەم قىلىش ۋە
ئۇلارغا قېتىلىشتۇر .
ئۇلارنىڭ ياردىمىنى ئىزدەشكە كەلسەك ، بۇ خىزمەت قىلدۇرلۇش مەقسىتىگە باغلىق .
ئەگەر بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلسا ، ئۇنىڭدا چاتاق يوق ، شەرتى
ئۇلارنىڭ ئەسكىلىكىدىن ۋە خائىنلىقىدىن ھىزىي بولىشىمىز كىرەك ، ھەمدە ئۇلارنىڭ
بىزنى ئالداش خەتىرى بولماسلىقى كىرەك . بىراق ئۇ خىزمەتلەرنىڭ پايدىسى بولمىسا
،ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ چۈنكى ئۇلاردا ياخشىلىق يوق .
[ لقاءات الباب المفتوح للشيخ محمد بن صالح العثيمين] 20.ب .