جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

رامىزان ئېيىنى قانداق كۈتىۋالىمىز؟

سۇئال

مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى كۈتۈۋېلىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ئايرىم ئىشلار بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

رامىزان ئېيى ئايلارنىڭ ئاڭ ياخشىسىدۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ ئاينى ئىسلام ئاساسىنىڭ تۆتىنچىسى بولغان رامىزان روزىسىغا خاس قىلدى. مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بۇ ئاينىڭ كېچىلىرىدە قىيامدا تۇرۇشنى يولغا قويدى، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىسلام بەش ئاساسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان: ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، رامىزان روزىسىنى تۇتۇش ۋە بەيتۇللاھقا بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىشتىن ئىبارەت.[بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: رامىزان ئېيىدا ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىپ، ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرغان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

مۇسۇلمان رامىزان ئېيىنى خوشاللىق، خۇرسەنلىك، ئاللاھ تائالانىڭ رامىزان ئېيىغا يەتكۈزگەنلىكىگە، بۇ ئاينى ياخشى ئەمەللەرنى ئادا قىلىشقا ۋە ئىبادەتتە بەسلىشىشكە مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا شۈكۈر ئېيتىش بىلەن قارشى ئىلىشتىن باشقا ئايرىم كۈتۈۋېلىشنى بىلمەيمەن. مۇسۇلماننىڭ رامىزان ئېيىغا ئۇلاشقانلىقى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان كاتتا نېمەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيى يىتىپ كەلگەندە، بۇ ئاينىڭ پەزىلىتىنى، ئاللاھ تائالانىڭ روزا تۇتقۇچى ۋە قىيامدا تۇرغۇچىلارغا تەييارلىغان كاتتا ساۋابلارنى بايان قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ساھابىلارغا خوش-بىشارەت بېرەتتى. مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بۇ ئاينى ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەۋبە قىلىش، سەمىمىيەت بىلەن روزا تۇتۇش ۋە قىيامدا تۇرۇشقا ئىددىيە تەييارلىقى بىلەن كۈتىۋېلىش يولغا قويۇلغان".

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى