پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مۇسىبەتلەرنىڭ گۇناھقا كاپارەت بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   ئايالىم بىرىنچى بالىمىزنى تۇغقانغا قەدەر نامازنى ئادا قىلاتتى، لېكىن بىرنى تۇغقاندىن كىيىن ئايال بىرنى تۇغسا، تۇغۇت جەريانىدا يەتكەن ئەزىيەتلەر سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بارلىق گۇناھلىرى چۈشۈپ كېتىدۇ دېگەن بىر سۆزگە تايىنىۋېلىپ نامازنى ئادا قىلىشقا ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ، بۇ توغرىمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ توغرا سۆز ئەمەس، لىكىن ئايالمۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئادەم ئەۋلادى، ئۇنىڭغا بىرەر قىيىنچىلىق يەتسە، سەۋر قىلسا، ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلسا، يەتكەن مۇسىبەتلىرىگە ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ، ھەتتا بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈلگىلىك مىساللارنى بايان قىلىپ بەرگەن، بىر تال تىكەن كىرىپ كەتسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقىغا كاپارەت بولىدۇ، ئەگەر ئىنسان ئۆزىگە يەتكەن مۇسىبەتكە سەبىر قىلسا، ۋە ئاللاھدىن ساۋاپئەجىر ئۈمىت قىلسا، بۇنىڭ بەدىلىگە ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدۇ، مۇسىبەتنىڭ ئەسلى خاتالىققا كاپارەتتۇر، مۇسىبەت ھەر قانداق ھالەتتە خاتالىققا كاپارەت بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭغا سەۋرچانلىق بىرگە كەلسە، ئىنسانغا يەتكەن مۇسىبەت بىلەن بىرگە قىلغان سەۋىرچانلىقىغىمۇ ئەجىر بېرىلىدۇ، ھەقىقەتەن ئايال تۇغىدىغان ۋاقىتتا كۆپ جاپا تارتىدۇ، ئازار يېتىدۇ، ئەگەر بۇنىڭغا سەبىر قىلسا، ئاللاھدىن ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىت قىلسا، خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولۇش بىلەن بىرگە سەبىر قىلغانلىقىغا ھەسسىلەپ ئەجىرگە ئېرىشىدۇ ۋە ياخشىلىقى زىيادە بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: مەنبە: شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ دەۋەت ژۇرنىلى پەتىۋاسى 1789- نۇمور 61-بەت.