سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

سەلەپلەرنىڭ قۇرئان كەرىم توغرىسىدىكى ئەقىدىسى

سۇئال

  سەلەپلەرنىڭ قۇرئان كەرىم توغرىسىدىكى ئەقىدىسى قانداق ئىدى؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سەلەپلەرنىڭ قۇرئان كەرىم توغرىسىدىكى ئەقىدىسى ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى توغرىسىدىكى ئەقىدىسىگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئەقىدىدۇر. ھەممەيلەن شۇنى بىلمىزكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدىن نازىل قىلغان بولۇپ ئۇنى ئۆزىنىڭ سۆزى دەپ سۈپەتلەپ مۇنداق دېدى: وَإِنْ أَحَدٌ مِنْ الْمُشْرِكِينَ اسْتَجَارَكَ فَأَجِرْهُ حَتَّى يَسْمَعَ كَلَامَ اللَّهِ ثُمَّ أَبْلِغْهُ مَأْمَنَهُ تەرجىمىسى: «ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، تاكى ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى (يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغانغا (يەنى پىكىر قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىگە يەتكەنگە) قەدەر، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن، ئاندىن (ئۇ ئىمان ئېيتمىسا)، ئۇنى (جېنى، مېلى) ئامان تاپىدىغان جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن» [سۈرە تەۋبە 6-ئايەت].

    شەكسىزكى، بۇ جايدا ئاللاھنىڭ سۆزىدىن قۇرئان كەرىم مەقسەت قىلىنىدۇ.   

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ هَذَا الْقُرْآنَ يَقُصُّ عَلَى بَنِي إِسْرَائِيلَ أَكْثَرَ الَّذِي هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ تەرجىمىسى: «پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان) بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرىنىڭ كۆپىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ» [سۈرە نەملە 76-ئايەت].

    قۇرئان كەرىم لەپزى ۋە مەنىسى تەرەپتىن ئاللاھنىڭ كالامىدۇر، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتتە قۇرئان كەرىم بىلەن سۆز قىلدى، ئۇنى ئىشەنچىلىك پەرىشتە جىبرائىل ئەلەيھىسسالامغا ئىلھام قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولىشى ئۈچۈن جىبرائىل ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمنى روشەن ئەرەب تېلى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلىغا قويدى.

   سەلەپلەر قۇرئان كەرىمنى ئاللاھ تائالا ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە يىگىرمە ئۈچ يىلدا ئايرىم-ئايرىم ھالەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتاب دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

   ئاندىن قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولىشىنىڭ باشلىنىشى ئايەتلەرنىڭ بەزىسى سەۋەبسىز ۋە بەزىسى سەۋەپكە ئالاقىدار بولىدۇ، بەزىسى ئۆتكەنكى ئۇممەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋە ساھابىلارغا بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن بولىدۇ، بەزىسى ئالىملارنىڭ زىكىر قىلغىنىغا كۆرە، شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ باشلىنىش ھېسابى بويۇنچە نازىل بولغان.

    ئاندىن سەلەپلەر: قۇرئان كەرىم دەسلەپتە ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن باشلاندى، ئاخىرقى زاماندا يەنە ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىدۇ دەيدۇ، مانا بۇ سەلەپلەرنىڭ قۇرئان كەرىم توغرىسىدىكى ئېتىقادى.

    ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمنى كاتتا سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەنلىكى بىزلەرگە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ھېكمەتلىك، ئېسىل-سېخى، كاتتا-بۈيۈك، ئۇلۇغ-شەرەپلىك دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىدى. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كالامىنى سۈپەتلىگەن مۇشۇ سۈپەتلەرگە قۇرئان كەرىمگە مۇستەھكەم ئېسىلغان ۋە تولۇق ئەگەشكەن ۋە ئەمەل قىلغان كىشىلەر ئۈچۈنمۇ شەرەپتۇر. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن شەرەپنى، كاتتىلىقنى، ھېكمەتنى، ئىززەتنى، ھۆكۈمرانلىقنى ۋە بۇ قۇرئانغا ئەمەل قىلمىغان كىشىلەرگە بېرىلمىگەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مۇشۇ تور بەتتىن مۇسۇلمان رەھبەرلەر، خەلىقلەر، ئالىم-ئۆلىمالار ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى زېمىننىڭ مەغرىب ۋە مەشرىق ھەممە تەرەپلىرىدە ئىززەت، شان-شەرەپ، بەخت-سائادەتكە ۋە غەلبە-نۇسرەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن ماددى ۋە مەنىۋىي تەرەپلەردە ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمگە چىڭ ئېسىلىپ تولۇق ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلىمەن". پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئۈممەتنىڭ كاتتا ئالىملىرىنىڭ پەتىۋاسى" ناملىق ئەسىرى 45-بەت.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى