پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تولۇق پاكلانغاندىن كىيىن كەلگەن بىر قانچە تامچە قان ھەيز ھېسابلانمايدۇ

سۇئال

   رامزاندا تۆت كۈن روزا تۇتتۇم، ئاندىن ئادەت كۆردۈم، ئادىتىم ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يۇيۇنۇپ پاكلاندىم، روزا تۇتۇشنى باشلىدىم، لىكىن بۇ جەرياندا بىر قانچە تامچە قان كەلدى ۋە توختىدى، پاكىزلىنىپ روزا تۇتتۇم، ئىككىنچى قېتىم يەنە كەلدى، رامىزان ئاخىرلاشقىچە شۇنداق داۋاملاشتى، بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتەچۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئەگەر ئىش سىز سوئالدا بايان قىلغاندەك بولسا، ئايلىق ئادەتتىن تولۇق پاكلانغاندىن كىيىن كەلگەن بىر قانچە تامچە قان ھەيز ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى ئۇ داۋاملىشىدىغان قان ئەمەس، ئۇنداق بولغاندىكىن ئۇ ھەيزنىڭ ھۆكمىدە بولمايدۇ. سىز گەرچە بىر قانچە تامچە قان بولسىمۇ باشقا ئۈزۈرلۈك كىشىلەر ۋە خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئاياللارغا ئوخشاش ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە يېڭىدىن تاھارەت ئىلىپ ناماز ئوقۇڭ، روزا تۇتۇڭ، ئاشۇ كۈنلەردە تۇتقان روزىڭىز توغرا بولىدۇ.

    ئاللاھ ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پەتىۋادا سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئەزالىرىدىن: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئال شەيخ، شەيخ سالىھ پەۋزان، شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد قاتارلىقلار. ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى ئىككىنچى بۆلۈم" 9 -توم 83-بەت].

مەنبە: "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى ئىككىنچى بۆلۈم" 9 -توم 83-بەت