جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ ئامىللىرى

سۇئال

ئىنساننى دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشقا ئىلىپ بارىدىغان ئاساسلىق ئامىللار نېمىلەردىن ئىبارەت؟. مەن كۆپلىگەن پىتنە، شەھۋەت ۋە شۈبھاتلارنىڭ ئارىسىدا ياشايمەن، يولدا كېتىۋاتقاندا، ئۆيگە كەلگەندە ناخشا ئاڭلاپ تۇرىمەن، ھەتتا ئۆيىمىزگە كوچىلاردىن ناخشا ئاۋازى كېرىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن پىتنىلەر بولىدۇ. ئۇستازلاردىن مېنىڭ توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرىشىم ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويۇشىنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

پىتنىگە تولغان زاماندا دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان ۋاستىلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچى: ئىمان ۋە ئىشەنچىنى زىيادە قىلىدىغان ۋاستىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئىنساننى تائەت-ئىبادەت، ياخشى ئەمەللەرگە قىزىقتۇرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئىنسان ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىيدۇ.

-ئاللاھ تائالادىن توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلىشنى تەلەپ قىلىش: مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ھەر بىر نامىزىدا ئى ئاللاھ! مېنى توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلغىن دېگەن دۇئانى تەكرارلاپ تۇرۇشى كېرەك.

ئىمام تەبرانىي ئۆزىنىڭ "ئەل كەبىر" ناملىق ئەسىرىدە (7135) شەدداد ئىبنى ئەۋىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: ئەي شەدداد ئىبنى ئەۋىس!ئىنسانلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى خەزىنە قىلىپ توپلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋاختىڭدا، سەن بۇ سۆزلەرنى خەزىنە قىلىپ ساقلىۋالغىن: ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن دىندا مۇستەھكەملىكنى، توغرا يولدا كەسكىن بولۇشنى سورايمەن، سىلىدىن ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان رەھمەتلىرى ۋە چەكسىز مەغپىرەتلىرىنى سورايمەن... [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" ناملىق ئەسىرى 3228- ھەدىستە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

-ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇش: دىندىكى بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرگە سەل قارىماسلىق ياكى چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «وَأَنَّ هَذَا صِرَاطِي مُسْتَقِيمًا فَاتَّبِعُوهُ وَلَا تَتَّبِعُوا السُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمْ عَنْ سَبِيلِهِ ذَلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ» تەرجىمىسى: بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ دوزاختىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ. [سۈرە ئەنئام 153-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يُثَبِّتُ اللَّـهُ الَّذِينَ آمَنُوا بِالْقَوْلِ الثَّابِتِ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآخِرَةِوَيُضِلُّ اللَّـهُ الظَّالِمِينَوَيَفْعَلُ اللَّـهُ مَا يَشَاءُ تەرجىمىسى: ئاللاھ مۆمىنلەرنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى گۇمراھ قىلىدۇ، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ. [سۈرە ئىبراھىم 27-ئايەت].

يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە قەتادە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا مۆمىنلارنى دۇنيا ھاياتىدا ياخشى ئىش ۋە سالىھ ئەمەللەر ئۈستىدە سابىت قەدەم قىلسا، ئاخىرەتتە ۋە قەبرىدە سوئال-سوراقتا مۇستەھكەم قىلىدۇ". ["تەپسىر ئىبنى كەسىر" 4-توم 502-بەت].

-سۈننەتتە چىڭ تۇرۇش: ئىرباز ئىبنى سارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنىڭ سۈننىتىمگە، مەندىن كېيىنكى توغرا يول تۇتقۇچى ئىزباسار خەلىپىلەرنىڭ سۈننەتلىرىگە مۇستەھكەم ئېسىلىڭلار، پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئەمەل قىلىڭلار، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن ساقلىنىڭلار، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ھەرقانداق ئىش بىدئەتتۇر، بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتۇر. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان4607-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

-ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد قىلىش: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: شەيتان ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ قەلبىگە ئورناشقۇچىدۇر، ئەگەر سەھۋەنلىك قىلسا ۋە غاپىل بولسا ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئاللاھ تائالانى ياد ئەتسە قاچىدۇ. ["تەپسىرى تەبەرى"24 -توم 709-710-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

ئىككىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا سەۋىر قىلىش: ئەبى سەئلەبە ئەلخەشەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەردىن كېيىنكى زاماندا سەۋىر قىلىدىغان كۈنلەر كېلىدۇ، ئۇ كۈنلەردە سەۋىر قىلىش ئالقىنىدا چوغنى تۇتقانغا ئوخشاش، ئۇلاردىن دىنغا تولۇق ئەمەل قىلغانلارغا ئاشۇ كىشىگە ئوخشاش ئەمەل قىلغانلاردىن ئەللىك كىشىنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاشۇلاردىن بولغان ئەللىك كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلەمدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىلەردىن ئەللىك كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايتى 4341-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

-ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئاشكارا-يوشۇرۇن پىتنىلەردىن پاناھلىق تىلەش: زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئاشكارا-يوشۇرۇن پىتنىلەردىن پاناھلىق تىلەڭلار، دېۋىدى، ساھابىلار: ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئاشكارا-يوشۇرۇن پىتنىلەردىن پاناھلىق تىلەيمىز، دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى2867-ھەدىس].

-ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنى كۈزۈتىشى ۋە ھېمايە قىلىشى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سەن ئاللاھ تائالانى ياد قىلساڭ (يەنى دىنىنى ساقلىساڭ) ئاللاھ تائالا سېنى ساقلايدۇ،سەن ئاللاھ تائالانى ياد قىلساڭ (دىنىنى ساقلىساڭ) ئاللاھنى قارىشىڭدا تاپىسەن. [تىرمىزى رىۋايىتى 2516-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "(سەن ئاللاھ تائالانى ياد قىلساڭ) دېگەن جۈملە ئىنسان ھەر قاچان ئاللاھنىڭ دىنىنى مۇھاپىزەت قىلىدىكەن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى نېمىدە ساقلايدۇ؟ ئۇ كىشىنى بەدىنى، مال-مۈلكى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە دىنىدا ساقلايدۇ، بۇ ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسىلەر بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئىنساننى ھەق يولدىن ئېزىپ كېتىش ۋە تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ، چۈنكى ئىنسان ھەر قاچان توغرا يول تاپسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالَّذِينَ اهْتَدَوْا زَادَهُمْ هُدًى وَآتَاهُمْ تَقْواهُمْ تەرجىمىسى: ھىدايەت تاپقانلارنى ئاللاھ تېخىمۇ ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇلارغا تەقۋادارلىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ. [سۈرە مۇھەممەد 17-ئايەت] شۇنداقلا، ئىنسان ھەر قاچان ھەق يولدىن ئېزىپ كەتسە، (بۇنىڭدىن ئاللاھ ساقلىسۇن) ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئازغۇنلۇقنى زىيادە قىلىدۇ." ["شەرھى رىيازۇسسالىھىين" ناملىق ئەسەر70-بەت].

-مۆمىنلەردىن بولغان ياخشى كىشىلەر بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولۇش، پىتنىگە باشلايدىغان ناچار كىشىلەردىن يىراق بولۇش كېرەك.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۆمىن مۆمىننىڭ ئەينىكى، مۆمىن مۆمىننىڭ قېرىندىشى، ئۇنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىنى خالىمايدۇ ۋە ھەر تەرەپتىن ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرىدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4918-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىنسان ئۆزى ئارىلاشقان كىشىنىڭ دىنىدا بولىدۇ، كىم بىلەن ئارىلاشقانلىقىڭلارغا قاراپ بىقىڭلار. [ئەبۇ داۋۇد 4833-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ ئامىللىرىدىن ئەڭ مەنپەئەتلىك بولغىنى: ئۆزىنى پىتنىگە تاشلىماسلىق، پىتنىدىن ساقلىنىشقا، ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن يىراق بولۇشقا تېرىشىش لازىم. قەلب ساپ بولغاندا ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغىلى بولىدۇ. دەججال توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: دەججالنىڭ ئاشكارا بولغانلىقىنى ئاڭلىغان كىشى ئۇنىڭدىن يىراق تۇرسۇن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۆزىنى مۆمىن ھېسابلىغان كىشىمۇ دەججال پەيدا قىلغان پىتنىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4319-ھەدىس، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

ئاللاھ تائالادىن بىزنى ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى دىندا مۇستەھكەم قىلىشىنى، ئاشكارا-يوشۇرۇن پىتنىلەردىن ساقلىشىنى سورايمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى