چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

مەنىي چۈشۈشكە ئىلىپ بارىدىغان دەرىجىدە پىكىر قىلىش روزىنى بۇزامدۇ؟

سۇئال

ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ بىردە، رامىزان ئېيىدا پىكىر قىلىش ئارىسىدا شەھۋىتىم كۈچلۈك قوزغىلىپ مەنىي چىقىپ كەتتى، مەن روزام بۇزۇلدى دەپ ئويلىدىم شۇنىڭ بىلەن، نەپسىم ماڭا بۇ ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتتى، قولۇم بىلەن ئانانىزىم قىلدىم، مەن شۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىمەنمۇ ياكى ئۇنىڭغا كاپارەت بېرىمەنمۇ؟. ئاللاھ سىلەرگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ كۆزى، قۇلىقى ۋە باشقا ئەزالىرىنى ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارغا چۈشۈپ قىلىشتىن مۇھاپىزەت قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ، ئەسلىدە، روزا دېگەن ئىنساننىڭ نەپسىنى پاكلايدۇ، ساھىبىنى چەكلەنگەن ئىشلارغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلايدۇ.

    پىكىر قىلىش بىلەن مەنىي چىقىپ كەتسە روزا بۇزۇلامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئالىملار ئىختىلاپ قىلىشتى، مالىكى مەزھەب ئالىملىرى روزىسى بۇزۇلىدۇ دېگەن قاراشتا بولدى، كۆپچىلىك ئالىملار روزىسى بۇزۇلمايدۇ دېگەن قاراشتا بولدى، ئوچۇق ئېيتقاندا ئۇلار روزىنى بىكار قىلىۋەتمىدى، چۈنكى بۇ ئىش ئىنساننىڭ خالىشى بىلەن بولمايدۇ، بۇ ئىش ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش مۇمكىن بولمايدۇ، قەستەن پىكىر قىلىپ ئۆزىنى قويۇۋېتىپ مەنىي چىقىرىشنى مەقسەت قىلسۇن ياكى ئۈزۈلدۈرمەي قاراش ئارقىلىق مەنىي چىقىرىشنى مەقسەت قىلسۇن ئوخشاش، بۇنىڭ ھېچ پەرقى يوق، كۆپچىلىك ئالىملار، قەستەن مەنىي چىققۇچە قارىسا روزىسى بۇزۇلىدۇ دەيدۇ.

    "پىقھى توپلاملىرى"26-توم 267-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان:" ھەنەفى ۋە شافىئى مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا: پىكىر قىلىش ئارقىلىق مەنىي ياكى مەزىي چىقسا، روزا بۇزۇلمايدۇ، بۇنىڭ قارشىسىدىكى شافىئى مەزھەب ئالىملىرىنىڭ توغرا قارىشىدا: قاراش بىلەن مەنىي چىقىرىشقا ئادەتلەنگەن بولسا ياكى تەكرار قاراش ئارقىلىق مەنىي چىققان بولسا، بۇنىڭ بىلەن روزىسى بۇزۇلىدۇ.

    مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھەب  ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا: ئۈزمەي قاراش بىلەن مەنىي چىققان بولسا، روزىسى بۇزۇلىدۇ، چۈنكى مەنىينىڭ چىقىشى ئۇنىڭدىن ساقلىنىش مۇمكىن بولىدىغان لەززەتلىنىش بىلەن بولدى دەيدۇ.  ئەمما پىكىر قىلىش بىلەن مەنىي چىقىش مەسىلىسىدە: مالىكى مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا روزىسى بۇزۇلىدۇ، ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا روزا بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى پىكىر قىلىش بىلەن مەنىي چىقىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ دەيدۇ". 22750- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    روزا بۇزۇلغاندا، سىزگە شۈ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، كاپارەت كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى كاپارەت دېگەن جىما قىلىش بىلەن روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشىگە بولىدۇ. بۇ ھەقتەتېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 3807471213- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   سىزگە قىلىش زۆرۈر بولغان ئىشلار:

   1-ئانانىزىم قىلغان خاتالىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھقا تەۋبە قىلىش. بۇنداق قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن 329- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   2- شۈ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشتىن ئىبارەت.  

  ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى