جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئۇرۇغ-تۇغقانلىق سەۋەبىدىن نىكاھلىنىش چەكلەنگەن كىشىلەر توغرىسىدا

سۇئال

   سىلەردىن ئىسلامدا توي قىلىش قائىدىسىنى تەلىم بىرىشىڭلارنى بولۇپمۇ ئۇرۇغ-تۇغقانلار بىلەن توي قىلىشنىڭ قائىدىسىنى بىلدۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن. مەن تاغىسىنىڭ پەرزەنتىلىرى قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقىنى بىلىمەن، لېكىن ئاتىسىنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى بىلەن شۇنىڭدەك، ئانا تەرەپ ھاممىسىنىڭ قىزلىرى بىلەن توي قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن، ئاللاھ ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ تائالا ئۇرۇغ-تۇغقانلىق سەۋەبىدىن توي قىلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئۇرۇغ-تۇغقانلارنى زىكىر قىلىپ مۇنداق دېدى: حُرِّمَتْ عَلَيْكُمْ أُمَّهَاتُكُمْ وَبَنَاتُكُمْ وَأَخَوَاتُكُمْ وَعَمَّاتُكُمْ وَخَالاتُكُمْ وَبَنَاتُ الأَخِ وَبَنَاتُ الأُخْتِ... تەرجىمىسى: «سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ئېلىش ھارام قىلىندى» [سۈرە نىسا 23-ئايەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇشۇ يەتتە تۈرلۈك تۇغقانلار بىلەن توي قىلىش قۇرئان -ھەدىسنىڭ ھۆكمى ۋە ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن ھارام قىلىندى، بۇنىڭغا ئىلىم ئەھلىدىن ھېچ بىرى خىلاپلىق قىلمىدى". ["شەرھىل مۇمتىئ" 12-توم 53-بەت].

    ئۇلار:

   1-ئانا.  ئانا دېگەن سۆز: ئانا تەرەپ ۋە دادا تەرەپنىڭ چوڭ ئانىلارنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

   2-قىزى. بۇ نەۋرە-چەۋېرلەرنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

   3-قىز ھەمشىرىسى. بۇ ئانا بىر ۋە ئاتا بىر ھەمشىرىسى ۋە ئاتا باشقا ئانا بىر ھەمشىرىسى ياكى ئانا باشقا ئاتا بىر ھەمشىرىسىنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

   4-دادا تەرەپ ھاممىسى. بۇ ئاتىسىنىڭ ھاممىسى ۋە ئانىسىنىڭ ھاممىسىنىمۇ  ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

   5-ئانا تەرەپ ھاممىسى. بۇ دادىسىنىڭ ھاممىسىنى ۋە ئانىسىنىڭ ھاممىسىنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

   6-قېرىندىشىنىڭ قىزى ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   7-ھەمشىرىسىنىڭ قىزى ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرىنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

   ئايال تۇغقانلاردىن بۇنىڭدىن باشقىسى بىلەن توي قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئايەتنىڭ ئاخىرىدا: « بۇلاردىن (يەنى يۇقىرىدىكى ئېلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئاياللاردىن) باشقىلىرىنى زىنادىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ھالدا، ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلىپ (يەنى مەھرىنى بېرىپ) نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى» . [سۈرە نىسا 24-ئايەت].

   شۇنىڭغا ئاساسەن: ئاتا ۋە ئانا تەرەپ تاغىسىنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قىزلىرى بىلەن توي قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ‎يا أَيُّهَا النَّبِىُّ إِنَّآ أَحْلَلْنَا لَكَ أَزْوَاجَكَ اللاَّتِى" ءَاتَيْتَ أُجُورَهُنَّ وَمَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ مِمَّآ أَفَآءَ اللَّهُ عَلَيْكَ وَبَنَاتِ عَمِّكَ وَبَنَاتِ عَمَّاتِكَ وَبَنَاتِ خَالِكَ وَبَنَاتِ خَالَاتِكَ..   تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! ساڭا بىز سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا غەنىيمەت قىلىپ بەرگەن، ئەسىر چۈشكەن ئاياللاردىن ئىلكىڭگە ئۆتكەنلەرنى ھالال قىلدۇق، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشى ۋە ھەمشىرە قېرىندىشىنىڭ قىزلىرىنى (ساڭا ھالال قىلدۇق...» [سۈرە ئەھزاپ 50-ئايەت].

    شۇنىڭغا ئاساسەن: قىزچاقنىڭ ئۆزىنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى بىلەن توي قىلىشى توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ تاغىسى دېگەن ئۇ كىشىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تاغىسى بولىدۇ، ئاتا تەرەپ تاغىسى ئۇنىڭمۇ تاغىسى، ئوغلى بولسا ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى، شۇنىڭ ئۈچۈن قىزچاقنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى بىلەن توي قىلىشى توغرا بولىدۇ. 

   قىزىڭىزنىڭ ھاممىڭىزنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئوغلى بىلەن توي قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ھاممىڭىزنىڭ قېرىندىشى ئۇ قىزنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاتىسىنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى، ئاتىسىنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى  دېگەن  ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭمۇ تاغىسى بولىدۇ، قىزچاقنىڭ ئانا تەرەپ تاغىسىنىڭ ئوغلى بىلەن توي قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى