جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئىستىخارە دۇئاسىنى قايسى ۋاقىتتا ئوقۇيدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مۇسۇلمان كىشى ئىستىخارە نامىزى ئوقۇغاندا، ئىستىخار دۇئاسىنى تەشەھھۇتتىن كېيىن ۋە سالام بېرىشتىن ئىلگىرى ئوقۇمدۇ ياكى نامازدىن چىققاندىن كېيىن ئوقۇمدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، ئىستىخارە دۇئاسىنى ئوقۇش، ئىستىخارە نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بولىدۇ.

"پىقھى ئىنىسكىلوپدېيىسى" 3-توم 245-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان:" ھەنەپىي، مالىكىي، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، دۇئا نامازدىن كېيىن بولىدۇ، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ تەقەززاسىغا ئۇيغۇندۇر".

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىستىخار نامىزى ئوقۇغان كىشىنىڭ دۇئانى نامازدىن ئوقۇشى يولغا قويۇلغان، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن بىرىڭلار بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولسا، ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇپ ئاندىن مۇنداق دېسۇن: «ئى ئاللاھ! سېنىڭ چەكسىز ئىلمىڭگە سېغىنىپ، سېنىڭدىن ياخشىلىق سورايمەن» ھەدىس. بۇ ھەدىس دۇئانىڭ نامازدىن كېيىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 11-توم 389-بەت].

    دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن: ئىستىخارە دۇئاسى نامازدىن سالام بېرىشتىن بۇرۇن بولامدۇ ياكى سالام بېرىپ نامازدىن چىققاندىن كېيىن بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئىستىخارە دۇئاسى ئىستىخارە نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ نامازدىن چىققاندىن كېيىن بولىدۇ".

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىستىخارە دۇئاسى نامازدىن كېيىن بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن مۇنداق دېسۇن» دەپ دۇئانى بايان قىلغان". "ئايلىق ئۈچوق سۆھبەت" 20-نومۇر.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى