جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسى كىچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ، چوڭ گۇناھلار ئۈچۈن چوقۇم تەۋبە كېرەك

سۇئال

مەن ھاراق ئىچىدىغان كىشىلەردىن بولسام، ئاندىن ئەتە ۋە ئۆگۈن يەنى مۇھەررەمنىڭ توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى كۈنى روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلسام، مېنىڭ بۇ روزامغا ساۋاپ بېرىلەمدۇ؟ بۇنىڭغا قوشۇلۇپ مېنىڭ ئۆتكەن يىللىق ۋە كىلىدىغان يىللىق گۇناھلىرىم كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:

ئاللاھ تائالا ئىككى يىللىق گۇناھنى كەچۈرۈم قىلىدىغىنى ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسىدۇر، ئەمما ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسى بىلەن ئاللاھ تائالا بىر يىللىق گۇناھنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.

ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا 98334-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسىنىڭ پەزىلىتى توغىرسىدا 21775-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئىككىنچى:

ھاراق ئېچىش چوڭ گۇناھلاردىن ئىكەنلىكى ئېنىق، بولۇپمۇ داۋاملىق ئىچىش تېخىمۇ شۇنداق. ھاراق بارلىق ئەسكىلىكنىڭ مەنبەسى، بارلىق يامانلىقنىڭ باشلىنىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاراق توغرىسىدا ئون تۈرلۈك كىشىلەرگە لەنەت قىلغان. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاراق توغرىسىدا ئون تۈرلۈك كىشىگە لەنەت قىلدى: ھاراقنى سىققۇچى، سىقىپ بېرىلگۈچى، ئىچكۈچى، كۆتۈرگۈچى، كۆتۈرۈپ كىلىنگۈچى، قۇيۇپ بەرگۈچى، ساتقۇچى، پۇلىنى خەجلىگۈچى، سېتىۋالغۇچى ۋە سېتىۋىلىنغۇچى قاتارلىقلار. [تىرمىزى رىۋايىتى 1295-ھەدىس].

بۇ ھەدىسكە ئەلبانى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دەپ باھا بەرگەن.

ھاراقنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا بېرىلگەنلىككە تەۋبە قىلىپ ۋە ئاللاھقا يۈزلىنىش زۆرۈر.

ئاشۇرا كۈنىنىڭ ياكى ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسى پەقەت كىچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ، ئەمما چوڭ گۇناھلار سەمىمى تەۋبە قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسى ئىككى يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ" دېگەنلىكى بايان قىلىندى، ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسى بىر يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ، لېكىن "كاپارەت بولىدۇ" دېگەن مۇتلەق سۆز چوڭ گۇناھلارغا تەۋبىسىز كاپارەت بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمەدىن جۈمەگىچە ۋە رامىزاندىن رامىزانغىچە قىلغان ياخشى ئەمەللەر چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانسا، ئارىدىكى كىچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ دېگەن.

ناماز روزىدىن، رامىزان روزىسى ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسىدىن ئەۋزەل ئىكەنلىكى مەلۇم، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بايان قىلغاندەك چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغاندا، ئاندىن مەزكۇر ئىبادەت كىچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ، بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن نەپلە روزا تۇتۇپ قويسا، زىنا، ئوغۇرلۇق، ھاراقكەشلىك، قىمارۋازلىق، سېھرىگەرلىك قاتارلىق گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ دەپ ئويلاش توغرا ئەمەس، ئىش ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. ["مىسىر پەتىۋالىرىدىن قىسقارتىلما"1-توم 254-بەت].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "بەزىلەر ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسى تولۇق بىر يىللىق گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ، ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسى ئەجىرنى زىيادە قىلىشقا قىلىپ قالىدۇ، دەيدۇ. بۇ مەغرۇرلانغۇچى رامىزان روزىسىنىڭ ۋە بەش ۋاقىت نامازنىڭ ئەرەپات كۈنى ۋە ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسىدىن كاتتا، پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟ ئۇلارمۇ چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغاندا، ئارىدىكى كىچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ.

رامىزان يەنە بىر رامىزانغىچە، جۈمە يەنە بىر جۈمەگىچە ئىككىسى بىرلىكتە چوڭ گۇناھلارنى تاشلاش قىتىلغاندىلا، كىچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولالايدۇ.

بىر كۈن تۇتقان نەپلە روزا شۇ ئىنساننىڭ تەۋبە قىلماستىن، داۋاملىق قېلىۋاتقان چوڭ گۇناھىغا قانداقمۇ كاپارەت بولىدۇ؟ بۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس.

شۇنىڭغا ئاساسەن، ئەرەپات كۈنى ۋە ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىلىرى ئومۇمى چۈشەنچە بويىچە شۇ يىلدىكى بارلىق گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم بولىشىغا توسالغۇ بولمايدۇ. ئۇ ۋەدە، بايان قىلىنغان شەرت-چەكلىمىلىك تېكىستلەردىن ئىپادىلىنىدۇ. ئىنساننىڭ چوڭ گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرىشى گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم بولىشىغا توسالغۇ بولىدۇ، چوڭ گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرمىغاندا، روزا بىلەن داۋاملاشتۇرمىغانلىقىنىڭ ئومۇمى گۇناھنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا ياردىمى بولىدۇ، شۇنىڭدەك رامىزان روزىسى ۋە بەش ۋاقىت ناماز چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغاندا، كىچىك گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا پايدىسى ۋە ياردىمى بولىدۇ، ئاللاھ تائالامۇ مۇنداق دېگەن: إِنْ تَجْتَنِبُوا كَبَائِرَ مَا تُنْهَوْنَ عَنْهُ نُكَفِّرْ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ تەرجىمىسى: ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىمىز. [سۈرە نىسا 31-ئايەت].

بۇنىڭدىن شۇ بىلىندىكى، بىر نەرسىنى كەچۈرۈمگە سەۋەپ قىلىش: ئۇنىڭ يەنە بىر سەۋەپ بىلەن كەچۈرۈمگە ئۆز-ئارا ياردەمدە بولىشىنى چەكلىمەيدۇ، ئىككى سەۋەبنىڭ بىرلىشىشى بىلەن كەچۈرۈم قىلىنىش ئىككىسىنىڭ بىرى بىلەن كەچۈرۈم قىلىنىشتىن مۇكەممەل ۋە كۈچلۈك بولىدۇ، كەچۈرۈم قىلىنىشنىڭ سەۋەبلىرى قانچە كۈچەيسە كەچۈرۈم شۇنچە كۈچلۈك، مۇكەممەل ۋە تولۇق بولىدۇ". ["ئەلجاۋابۇل كاپى" ناملىق ئەسەر 13 -بەت].

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا ھاراق ئىچكەن كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئەگەر تەۋبە قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئەگەر يەنە ھاراق ئېچسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئەگەر تەۋبە قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئەگەر يەنە ھاراق ئېچسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ، تەۋبە قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئەگەر تۆتىنچى قېتىم يەنە ھاراق ئېچسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ، تەۋبە قىلسا ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنى جەھەننەمنىڭ ئۆستىڭىدىن سۇغىرىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى. بۇ ھەدىسكە ئەلبانى تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دەپ باھا بەرگەن].

مۇبارەكفورى "تۆھفەتىل ئەھۋەزى"دە مۇنداق دېگەن: "ناماز بەدەن ئىبادەتلىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىلا خاس تىلغا ئالغان، ئەگەر نامىزى قوبۇل بولمىسا باشقا ئىبادەتلىرى تېخىمۇ قوبۇل بولمايدۇ". ["تۆھفەتۇل ئەھۋەزى"5-توم 488-بەت. ئىراقى ۋە مەناۋىيمۇ (ئازراق پەرقلىق ئىپادە بىلەن) شۇنداق دېگەن].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 38145-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھاراق ئېچىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئىبادەتلەر قوبۇل قىلىنمايدىغان تۇرسا، ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسى قانداق قوبۇل قىلىنىدۇ؟، بىر يىللىق گۇناھلىرى قانداق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؟.

سىز تىزدىن سەمىمى، چىن تەۋبىگە ئالدىرىشىڭىز، ھاراقىن قول ئۈزىشىڭىز، سەل قاراش ئادىتىڭىزنى تۈزىتىشىڭىز كېرەك، ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز چوقۇم ئاللاھ تائالا سىزنىڭ تەۋبىڭىزنى قوبۇل قىلىدۇ، ئىلگىرىكى سۇسلىقىڭىز ۋە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمە ۋە چەكلىمىلىرىگە ئەھمىيەت بەرمىگىنىڭىزنى ئەپۇ قىلىدۇ.

ئۈچىنچى:

بۇ يەردە بىز سىزگە بايان قىلغان ئىشلار سىزنى ئەرەپات كۈنى ياكى ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇشقا ياكى ئۆزىڭىز خالىغان ناماز، روزا، سەدىقە، ھەج قاتارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا توسالغۇ بولمايدۇ، ھاراق ئېچىش بۇلارنىڭ ھېچ بىرىگە توسالغۇ بولمايدۇ، چوڭ گۇناھ سادىر قىلىپ سالغانلىق ئۆزىڭىزنى ياخشىلىق ۋە تائەت-ئىبادەتلەردىن چەكلەپ، يامانلىقنى ئاشۇرىشىڭىزغا سەۋەپ بولمىسۇن، بەلكى نەپسىڭىز غالىپ كېلىپ، سىز بەزى گۇناھلارنى قىلىپ سالغان تەقدىردىمۇ، تەۋبە قىلىشقا، گۇناھدىن قول ئۈزۈشكە ئالدىراڭ، ياخشىلىقلارنى كۆپ قىلىڭ.

لېكىن ئەمەلنىڭ توغرا بولىشى ۋە قوبۇل بولىشى بىر ئىش، بىر ياكى ئىككى يىللىق گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا خاس پەزىلەت يەنە بىر ئىش.

جەئفەر ئىبنى يۈنۈس مۇنداق دېگەن: مەن شامغا ماڭغان بىر كارۋاندا ئىدىم، چۆل قاراقچىلىرى چىقىپ كارىۋاننى تۇتۇپ، بارلىق نەرسىلەرنى باشلىقىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى، بىر تۇلۇمدىن شېكەر بىلەن بادام چىققان ئىدى، ئۇلار يېيىشتى، لېكىن باشلىقى يېمىدى، مەن ئۇنىڭغا: نېمە ئۈچۈن يېمەيسەن؟ دېسەم، ئۇ: مەن روزا تۇتقان،- دېدى، مەن ئۇنىڭغا: سەن روزا تۇتۇپ تۇرۇپ، قاراقچىلىق قىلىپ، مال-مۈلۈكلەرنى ئېلىۋىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرەمسەن؟ دېسەم، ئۇ: ئى ئۇستاز! ياخشىلىنىش ئۈچۈن ئورۇن قويۇپ قويىمەن،- دېدى.

مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن مەن ئۇنىڭ ئېھراملىق ھالەتتە كەبىنى تاۋاپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: سەن ھىلىقى ئادەم شۇمۇ؟ دېسەم، ئۇ: ئاشۇ تۇتقان روزا مېنى مۇشۇ جايغا يەتكۈزدى،- دېدى. ["تارىخ دەمەشىق 66-توم 52-بەت"].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 14289-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى