جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

جۇنۇبنىڭ روزىسىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

181351

تارقاتقان ۋاقىت : 16-04-2023

كۆرگۈچىلەر : 397

سۇئال

   مەن رامىزان ئېيى كېرىشتىن ئىلگىرى ئېھتىلام بولۇپ قالدىم، ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقىم ئۈچۈن يۇيۇنۇشقا قادىر بولالمىدىم، ئەۋرىتىمنى قەغەز بىلەن سۈرتىۋەتتىم، روزا تۇتتۇم، بۇ جەرياندا ئادا قىلغان ئىبادەتلىرىمنى قايتىدىن قىلىشىم كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: قېرىندىشىم ئەگەر سىز جاراھەت سەۋەبىدىن يۇيۇنالمىسىڭىز تەيەممۇم قىلىڭ، ئومۇمى ئالىملارنىڭ قارىشىدا تاھارەت ئالىدىغان كىشىگە سۇ بولمىغاندا تەيەممۇم قىلىش يولغا قويۇلغاندەك، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدىمۇ ھەيز، نىپاس ۋە جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشتىن تەيەممۇم قىلىش يولغا قويۇلغان. [ئىمام نەۋەۋىينىڭ "ئەل مەجمۇئ شەرھىل مۇھەززەب"2-توم 207-بەت].

    بۇنىڭ دەلىلى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇغاندا ناماز ئوقۇماي ئولتۇرغان كىشى توغرىسىدىكى ھەدىس بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدىن سالام بېرىپ ئۇ كىشىدىن: «ئى پالانى! نېمە ئۈچۈن جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇمايسىز؟» ئۇ كىشى: جۇنۇپ بولۇپ قالغان ئىدىم، يۇيۇنغىلى سۇ يوق دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «توپىدا تەيەممۇم قىلىڭ، شۇ سىزگە كۇپايە قىلىدۇ» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 344-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 682-ھەدىس]. 

     ئىككىنچى: روزىنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن تاھارەت شەرت ئەمەس. ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلىمە رەزىياللاھۇ ئەنھۇلاردىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام (ئېھتىلام بولماستىن) ئاياللىرى بىلەن بىرگە بولۇپ تاڭ ئاتقۇزاتتى، ئاندىن يۇيۇنۇپ روزىسىنى داۋاملاشتۇراتتى» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 1926-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1109-ھەدىس].

     ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت قىلىپ تاڭ يورۇغاندا يۇيۇنغانلىق بايان قىلىنغان تۇرسا، ئېھتىلام بولۇپ تاڭ يورىغاندىن كېيىن يۇيۇنۇش ئەلۋەتتە توغرا بولىدۇ، چۈنكى جىنسى مۇناسىۋەت ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن بولىدۇ، ئېھتىلام دېگەن ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقىسىز بولىدۇ. 

ئالىملار ئېھتىلام سەۋەبىدىن جۇنۇپ بولغان كىشىنىڭ روزىسىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىدا ئوخشاش قاراشتا بولدى. ماۋەردىي مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلام ئالىملىرى: بىر كىشى كېچىدە ئېھتىلام بولۇپ تاڭ يورۇغىچە يۇيۇنۇش پۇرسىتى بولسىمۇ يۇيۇنماي جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزغان بولسا، ياكى رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئېھتىلام بولۇپ قالغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ روزىسى توغرا بولىدۇ دېگەن قاراشتا ئوخشاشتۇر. ["ئەل مەجمۇئ" 6-توم 308-بەت].

    ئۈچىنچى: سىز زور خاتالىق سادىر قىپسىز، ئۇ بولسىمۇ تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇپسىز، ئالىملارنىڭ ئورتاق قارىشىدا نامازنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن تاھارەت بولۇش شەرت، بۇ قاراشنى ئىبنى مۇنزىر "ئەل ئىجمائ" 1-تومدا، نەۋەۋىي "شەرھىل مۇسلىم"3-توم 102-بەتتە نەقىل قىلغان.

    سىز مۇشۇنداق خاتالىققا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىلىم ئىگىلىرىدىن سورىشىڭىز كېرەك ئىدى، ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولغان ھازىرقى دەۋرىدە پەتىۋا سوراش يوللىرى ئاسان بولۇپ كەتتى، دىنى ھۆكۈملەرنى بىلىش ۋە سوراش بەك ئاسان بولۇپ، ھېچ كىشىگە قىيىن بولمايدۇ، سىز بۇ ئىشنىڭ ھۆكمىنى بىلىشكە سەل قارىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھقا تۆۋە قىلىپ، خاتالىقىڭىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراڭ، ئەگەر سەل قارىمىغان بولسىڭىز، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ رەھمىتى ۋە مەرھەمىتى بىلەن سىزگە ياخشىلىق قىلىپ نادانلىقتا قىلغان ئىشىڭىزنى ئەپۇ قىلىدۇ.

    ئالىملار: ئىلگىرى تاھارەتسىز ئوقۇغان نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ ياكى قىلمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشتى: مۇشۇنداق مەسىلىدە، ئۇ كىشىنىڭ بىلمىگەنلىكى ئۈزۈر بولىدۇ، ئۇ كىشى جاراھەت سەۋەبىدىن يۇيۇنالمايتتى، جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشنىڭ ئورنىغا تەيەممۇم قىلىشنىمۇ بىلمەيتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشىگە: ئۆتكەن نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى كۇچلاندۇرۇپ، "پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 23-توم 37-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "يۇيۇنۇشنىڭ ۋاجىپلىقىنى بىلمىگەن كىشى، ئۇنى بىلگەن ۋاقتىدا شۇ ۋاقىتتىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نامازلارنى ئادا قىلىدۇ، ئۆتۈپ كەتكەن نامازلارنى قايتىدىن ئادا قىلمايدۇ، بۇ توغرىدا بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنى مۇكەممەل تولۇق ئادا قىلىشنى بىلمەيدىغان سەھرالىق كىشىگە: «نامىزىڭنى قايتىدىن ئادا قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن نامازنى ئادا قىلمىدىڭ» دېگەن. ئۇ كىشى: سىنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەم! مەن بۇنىڭدىن تۇلۇق-مۇكەممەل ئوقۇيالمايسەن، قانداق قىلسام نامازنى توغرا ئوقۇيمەن بۇنى ماڭا ئۈگۈتۈپ قويسىلا؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە نامازنى تولۇق ئوقۇشنى ئۈگۈتۈپ قويدى، شۇ ۋاقىتتا ئوقۇيدىغان نامازنى قايتىدىن ئوقۇشقا بۇيرىدى، ئۇ كىشى: مەن بۇنىڭدىن چىرايلىق-تولۇق ئوقۇيالمايسەن دېگەنلىكى ئۈچۈن ئىلگىرى ئوقۇغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇمىدى. شۇنىڭدەك، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جۇنۇپ بولۇپ قالغاندا نامازنى ئوقۇمىغان، ئەممار رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئۇلاغقا ئوخشاش توپىدا ئېغىناپ ئاندىن ئوقۇغان، ئەبۇ زەرنىمۇ جۇنۇپ بولۇپ قالغاندا ئوقۇمىغان نامازلارنى قايتىدىن ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان. يەنە خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايالنى، ئۇ ئايال: مەندىن خۇن بەك كېلىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالمايمەن ۋە روزا تۇتالمايمەن دېگەندە، ئۇنىمۇ ئۆتۈپ بولغان ئىبادەتنى قايتا ئادا قىلىشقا بۇيرۇمىغان، رامزاندا تاڭ يورۇپ ئاق يىپنى قارا يىپتىن ئايرىغۇدەك يورۇق چۈشكىچە بىر نەرسە يېگەن كىشىنىمۇ شۇ كۈندىكى روزىنى قايتىدىن تۇتۇشقا بۇيرۇمىغان. ناماز دەسلەپتە ئىككى رەكئەت، ئىككى رەكئەتتىن پەرىز بولغان، مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن مۇقىم تۇرۇپ ئوقۇيدىغان ناماز زىيادە بولۇپ تۆت رەكەت پەرىز بولدى، بۇنى مەككە، ھەبەشىستان ۋە باشقا يېزا-قىشلاقلاردا تۇرىدىغان مۇسۇلمانلار مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بىلگەن، ئۇ ئارىلىقتا ئىككى رەكەتتىنلا ئوقۇغان، ئۇلارنىمۇ ئارىلىقتىكى نامىزىنى تولۇقلاپ ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان، قىبلە ئۆزگەرگەندىن كېيىنمۇ بۇنى بىلمەي بەيتىل مەقدەسكە قاراپ ناماز ئوقۇغانلارنى خەۋەر يەتكەندىن كېيىن ئارىلىقتىكى نامازلىرىنى قايتىدىن ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان.

    ئاندىن مۇنداق دەيدۇ: ئىسلام دەسلەپكى دەۋرىدە، ئەر-ئايالچىلىق مۇناسىۋەت قىلىپ مەنىي چىقمىسا يۇيۇنۇش كېرەك بولمايتتى، كېيىن بۇ ھۆكۈم ئەمەلدىن قالغان، نۇرغۇن ساھابىلار مەنىي چىقمىسىمۇ يۇيۇنىدۇ دېگەن ھۆكۈمنى بىلمەي، مەنىي چىقمىغاندىن كېيىن يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ، شەرىئەتتە بۇيرۇلغان يۇيۇنۇش بويۇنچە يۇيۇنماستىن بىلمەي جۇنۇپ ھالەتتە ناماز ئوقۇغان، ئۇلارنىمۇ بىلگەندىن كېيىن قايتىدىن ئادا قىلىشقا بۇيرۇمىغان.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "بىر كىشى جۇنۇپ بولۇپ، يۇيۇنۇپ بولغىچە جامائەتكە يېتىشەلمەيسەن دەپ تاھارەت ئېلىپلا بامدات نامىزىنى ئادا قىلغان بولسا قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق دېگەن: توغرىسى، ئەگەر ئۇ كىشى بۇ ئىشنى بىلمەسلىكتىن قىلغان بولسا، ئۆزرۈسى قوبۇل قىلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ نامازنى توغرا ئوقۇيالمايدىغان كىشىنى، بەك خۇن كەلگەنلىكى ئۈچۈن نامازنى تەرك قىلغان ئايالنى، تەيەممۇمدا توپىدا ئېغىناش كۇپايە قىلىدۇ دەپ قاراپ، توپىدا ئېغىنىغان ئەممار ئىبنى ياسىر قاتارلىقلارنىڭ نامازلىرىنى قايتىدىن ئادا قىلىشقا بۇيرۇمىغان. بۇ توغرىدا دەلىل بەك كۆپ". "ئايلىق ئوچۇق سۆھبەت "  54 نومۇر. 21806 ۋە 45648  نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن. 

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى