سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

توڭگۇزنىڭ نىجاسىتىدىن قانداق پاكلىنىش توغرىسىدا

سۇئال

   كېچىك ۋاقتىمدا ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە باشقا دۆلەتكە سەپەر قىلدىم، سەپەر جەريانىدا ئۇلار ماڭا چوشقىنىڭ ماددىلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان پىرەنىك بەردى، ئېسىمدە قىلىشچە، ئانام بىزنى بۇنى يېيىشتىن چەكلىدى، بىز قولىمىز ۋە ئېغىزىمىزنى  سۇ  ۋە توپا بىلەن يۇمىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك: «ھەر قانداق كىشى چوشقىنى ياكى چوشقىنىڭ ماددىسى بولغان نەرسىنى سىلىسا قولىنى يەتتە قېتىم يۇسۇن بىر قېتىمدا توپا بىلەن يۇسۇن» دېگەن ھەدىسكە ئەمەل قىلمىدۇق، بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن مەن سىرتتا بولۇپ قىلىپ بىلمەسلىك ياكى خاتالىقتىن چوشقا ماددىسى بار نەرسىنى يەپتىمەن، ئېغىزىمنى سۇ بىلەن ۋە توپا بىلەن چايقىماپتىمەن.

   بىر قانچە يىللار ئىلگىرى مەندىن بۇ ئىككى خاتالىق سادىر بولدى، مېنىڭ ئېغىزىمدا ياكى قولۇمدا چوشقىنىڭ تەمى ياكى پۇرىقى ياكى رەڭگى دېگەن ھېچ نەرسىنىڭ ئېزى قالمىدى، ھازىر يۇيۇشىمىز ۋاجىپ بولامدۇ؟، مەن مۇشۇ ئىككى ئىش سەۋەبىدىن ئاللاھ تائالانىڭ بىزنىڭ نامازلىرىمىزنى قوبۇل قىلماي قىلىشىدىن قورقىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سىز مەقسەت قىلماستىن چوشقىنىڭ گۆشىنى ياكى چوشقا ماددىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان نەرسىنى يېگەن بولسىڭىز بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُمْ بِهِ وَلَكِنْ مَا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ وَكَانَ اللَّهُ غَفُوراً رَحِيماً تەرجىمىسى: «سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» [سۈرە ئەھزاب 5-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن مېنىڭ ئۈممىتىمدىن خاتالىقتىن، ئۇنتۇپ قىلىشتىن ۋە مەجبۇرلانغانلىقتىن سادىر بولغان خاتالىقلىرىنى ئۆتىۋەتتى». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى2043-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

    مۇسۇلمان كىشى يېمەك-ئىچمەكنى تاللاپ، ئېھتىيات قىلىپ يېيىش، بولۇپمۇ خەلقى مۇسۇلمان بولمىغان، ناپاك نەرسىلەرنى  يەيدىغان دۆلەتلەرگە بارغاندا بۇنداق قىلىش بەك مۇھىمدۇر.

    چوشقىنىڭ نىجاسىتىدىن قانداق پاكلىنىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بەزى ئالىملار بۇنى ئىتقا قىياس قىلىپ يەتتە قېتىم يۇيۇپ، بىر قېتىمدا توپا بىلەن يۇيۇش كېرەك دەيدۇ.

   توغرا بولغىنى: چوشقىنىڭ نىجاسىتىنى پەقەت بىر قېتىم يۇيۇۋەتسە كۇپايە قىلىدۇ، ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "كۆپچىلىك ئالىملار چوشقىنىڭ نىجاسىتىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش كېرەك بولمايدۇ دەيدۇ، بۇ ئىمام شاپىينىڭ سۆزى بولۇپ دەلىل جەھەتتە كۈچلۈكتۇر".

ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى كۈچلاندۇرۇپ "شەرھىل مۇمتى" 1-توم 495-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "پىقھى ئالىملىرى (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) چوشقىنىڭ نىجاسىتىنى ئىتنىڭ نىجاسىتىگە قېتىۋەتتى، چۈنكى چوشقا دېگەن ئىتتىنمۇ بەك نىجىستۇر، بۇ ھۆكۈمگە چوشقا بەك لايىقتۇر.

    بۇ سېلىشتۇرۇش ئاجىزدۇر، چۈنكى چوشقا دېگەن قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىمۇ بولغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىتقا قېتىۋەتمىگەن، توغرا بولغىنى ئۇنىڭ نىجىسلىقى باشقا نىجىس نەرسىلەرگە ئوخشايدۇ، ئۇمۇ باشقا نىجاسەتلەرگە ئوخشاش يۇيۇلىدۇ".

    باشقا نىجاسەتلەرنى يۇيۇشتىمۇ توغرا بولغىنى نىجاسەت يوق بولغىچە يۇسا كۇپايە قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم سان بويۇنچە يۇيۇش شەرت قىلىنمايدۇ.        

     چوشقىنى سىلىغانلىقتىن پاكلىنىشنىڭ سۈپىتى توغرىسىدىكى سۆز قانداق بولسا بولسۇن، ھازىر سىلەرگە بەدىنىڭلاردىن بىر ئورۇننى يۇيۇش ۋاجىپ بولمايدۇ، بۇنىڭ سىلەرنىڭ نامىزىڭلارغا ھېچ تەسىرى بولمايدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى