پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مۇسۇلماننىڭ كاپىر ئايال بىلەن ياكى كاپىرنىڭ مۇسۇلمان ئايال بىلەن توي قىلىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەندە ئىسلام توغرىسىدا شۈبھە بار، بۇنى ماڭا ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىش مۇمكىن بولامدۇ؟، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان، توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئىسلام دىنىغا كىرمەيدىغان بىرسى بىلەن توي قىلسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     مۇسۇلمان كىشىنىڭ خرىستىئان بولسۇن ياكى يەھۇدى بولسۇن مۇسۇلمان بولمىغان ئايال بىلەن توي قىلىشى توغرا بولىدۇ، ئەمما بۇ ئىككى دىندىن باشقا بىر دىنغا، ئېتىقادقا تەۋە بولغان ئايال بىلەن توي قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: الْيَوْمَ أُحِلَّ لَكُمُ الطَّيِّبَاتُ ۖ وَطَعَامُ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ حِلٌّ لَّكُمْ وَطَعَامُكُمْ حِلٌّ لَّهُمْ ۖ وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ الْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِن قَبْلِكُمْ إِذَا آتَيْتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ مُحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَافِحِينَ وَلَا مُتَّخِذِي أَخْدَانٍ تەرجىمىسى: «بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى، كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نىڭ تامىقى سىلەرگە ھالالدۇر ۋە سىلەرنىڭ تامىقىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر. مۆمىنلەردىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىن بولغان ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرسەڭلار، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ۋە ئاشكارا ـ يوشۇرۇن پاھىشىنى كۆزلىمىگىنىڭلار ھالدا (ئۇلارنى ئالساڭلار)، ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر.» [سۈرە مائىدە 5-ئايەت].

    ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار)" دېگەندىن: ئەي ئەرەپلەردىن ۋە باشقا مىللەتلەردىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر سىلەر ئىلگىرى تەۋرات ۋە ئىنجىل قاتارلىق كىتابلار بېرىلگەن يەھۇدىي ۋە ناسارادىن بولغان ھۆر ئاياللار بىلەن توي قىلساڭلار بولىدۇ، ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ مەھرىنى بەرسەڭلار، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ۋە ئاشكارا ـ يوشۇرۇن پاھىشىنى كۆزلىمىگىنىڭلار ئۈچۈن ئەجىرنى يەنى مەھرىنى بېرىڭلار". ["تەپسىر قۇرتۇبىي" 6-تۇم 104-بەت].

    ئاتەشپەرەس، كوممۇنىست، بۇت پەرەس ۋە شۇلارغا ئوخشاش دىيانەتسىز ئاياللار بىلەن توي قىلىش توغرا بولمايدۇ. (يەنى ھارامدۇر). بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَنكِحُوا الْمُشْرِكَاتِ حَتَّىٰ يُؤْمِنَّ ۚ وَلَأَمَةٌ مُّؤْمِنَةٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكَةٍ وَلَوْ أَعْجَبَتْكُمْ ۗ وَلَا تُنكِحُوا الْمُشْرِكِينَ حَتَّىٰ يُؤْمِنُوا ۚ وَلَعَبْدٌ مُّؤْمِنٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكٍ وَلَوْ أَعْجَبَكُمْ ۗ أُولَٰئِكَ يَدْعُونَ إِلَى النَّارِ ۖ وَاللَّهُ يَدْعُو إِلَى الْجَنَّةِ وَالْمَغْفِرَةِ بِإِذْنِهِ ۖ وَيُبَيِّنُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ تەرجىمىسى: «(ئى مۇسۇلمانلار!) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسن - جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دېدەك، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، (ھۆر) مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆمىن قۇل، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار سىلەرنى) دوزاخقا چاقىرىدۇ، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە (سىلەرنى) جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ، كىشىلەر پەند -نەسىھەت ئالسۇن دەپ ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ ». [سۈرە بەقەرە 221-ئايەت].

    ئەرەپتىن بولسۇن ياكى باشقا مىللەتتىن بولسۇن بۇتقا چوقۇنىدىغان ئايال مۇشرىك ئايال دېيىلىدۇ.

    مۇسۇلمان ئايالنىڭ باشقا دىنلاردىكى يەھۇدى، خرىستىئان بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى كاپىرلار بىلەن بولسۇن مەجۇسى، كومىنېست بولسۇن ياكى بۇتپەرەس ۋە باشقا ھەرقانداق دىيانەتلىك ياكى دىيانەتسىز كاپىرلار بىلەن توي قىلىشى توغرا بولمايدۇ، يەنى ھارام بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەتتۇر: وَلَا تَنكِحُوا الْمُشْرِكَاتِ حَتَّىٰ يُؤْمِنَّ ۚ وَلَأَمَةٌ مُّؤْمِنَةٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكَةٍ وَلَوْ أَعْجَبَتْكُمْ ۗ وَلَا تُنكِحُوا الْمُشْرِكِينَ حَتَّىٰ يُؤْمِنُوا ۚ وَلَعَبْدٌ مُّؤْمِنٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكٍ وَلَوْ أَعْجَبَكُمْ ۗ أُولَٰئِكَ يَدْعُونَ إِلَى النَّارِ ۖ وَاللَّهُ يَدْعُو إِلَى الْجَنَّةِ وَالْمَغْفِرَةِ بِإِذْنِهِ ۖ وَيُبَيِّنُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ تەرجىمىسى: «(ئى مۇسۇلمانلار!) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسن - جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دېدەك، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، (ھۆر) مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆمىن قۇل، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار سىلەرنى) دوزاخقا چاقىرىدۇ، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە (سىلەرنى) جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ، كىشىلەر پەند -نەسىھەت ئالسۇن دەپ ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ». [سۈرە بەقەرە 221-ئايەت].

    ئىمام تەبەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ: وَلَا تَنكِحُوا الْمُشْرِكَاتِ حَتَّىٰ يُؤْمِنَّ ۚ وَلَأَمَةٌ مُّؤْمِنَةٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكَةٍ وَلَوْ أَعْجَبَتْكُمْ ۗ وَلَا تُنكِحُوا الْمُشْرِكِينَ حَتَّىٰ يُؤْمِنُوا ۚ وَلَعَبْدٌ مُّؤْمِنٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكٍ وَلَوْ أَعْجَبَكُمْ تەرجىمىسى: «(ئى مۇسۇلمانلار!) مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسن - جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دېدەك، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، (ھۆر) مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆمىن قۇل، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر» دېگەن ئايىتىدە: مۆمىن ئايالنى مۇشرىك ئەر بىلەن ئۇ ئەر قايسى تۈردىكى مۇشرىك، كاپىرلارغا مەنسۇپ بولسا بولسۇن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى ھارام قىلدى. ئەي مۆمىن ئەرلەر! ئۇلارنى مۇشرىكلارغا نىكاھلاپ بەرمەڭلار، بۇنداق قىلىش سىلەرگە ھارام بولىدۇ، سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشىنىدىغان، ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھيىنى تەستىقلايدىغان مۆمىن قۇلغا نىكاھلاپ قويغىنىڭلار، ئۇنى نەسەپتە، شەرەپتە، ئۈستۈن بولغان، (ھۆر) مۇشرىك ئەر بىلەن نىكاھلاپ قويغىنىڭلاردىن ياخشىدۇر، گەرچە مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ.

     قەتادە ۋە زۆھرى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى: وَلَا تُنكِحُوا الْمُشْرِكِينَ حَتَّىٰ يُؤْمِنُوا تەرجىمىسى: «مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار» دېگەن ئايەت توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «سىزگە يەھۇدىي بولسۇن ياكى خرىستىئان بولسۇن ياكى مۇشرىك بولسۇن ئۆز دىنىڭىزنىڭ غەيرىدىكى كىشى بىلەن توي قىلىش ھالال بولمايدۇ». ["تەپسىر تەبەرىي" 2-توم 379-بەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى