پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

سۇئال

مەن "ئاشۇرا كۈنىدە تۇتقان روزا ئۆتكەن بىر يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ" دەپ ئاڭلىدىم، بۇ توغرىمۇ؟ بۇ كۈندە تۇتقان روزا ھەممە گۇناھقا ھەتتا چوڭ گۇناھلارغىمۇ كاپارەت بولامدۇ؟ ئاندىن بۇ كۈننىڭ بۇ قەدەر ئۇلۇغ بولىشىدىكى سەۋەپ نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنجى: ئاشۇرا كۈنىدە تۇتقان روزا ئۆتكەن بىر يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن ئاللاھقا ئەرەفات كۈنىدە تۇتقان روزا ئۆتكەن بىر يىللىق ۋە كېلىدىغان بىر يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ. ئاشۇرا كۈنىدە تۇتقان روزا ئۆتكەن بىر يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ دەپ ساۋاپ تەلەپ قىلىمەن. [مۇسلىم رىۋايىتى1162-ھەدىس].

بىر كۈن روزا تۇتۇش بەدىلىگە تولۇق بىر يىللىق گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان پەزلى، ئاللاھ كاتتا پەزىلەت ئىگىسىدۇر.

ئاشۇرا كۈنى ئۇلۇغ بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كۈندە روزا تۇتۇشنى كۆزلەيتتى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئايدىن (يەنى: رامىزان ئېيىدىن) قالسا، ئاشۇرا كۈنىدىن باشقا بىرەر كۈننى باشقا كۈنلەرگە ئارتۇق بىلىپ روزا تۇتماقچى بولغىنىنى كۆرمۈدۈم. [بۇخارى رىۋايىتى1867-ھەدىس].

ئىككىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتقانلىقى ۋە كىشىلەرنى بۇ كۈندە روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى بۇخارىدا 1865-ھەدىستە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە بايان قىلىنغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەن ۋاقىتتا يەھۇدىيلارنىڭ ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا: بۇ قانداق كۈن؟ دېدى، ئۇلار: بۇ ئۇلۇغ كۈن، بۇ ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلنى ئۇلارنىڭ دۈشمىنىدىن قۇتقۇزغان كۈن، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسا ئەلەيھىسسالام روزا تۇتقان،- دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن مۇساغا سىلەردىن ھەقلىقراق دەپ، روزا تۇتتى ۋە ئۇ كۈندە روزا تۇتۇشقا بۇيرىدى.

مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: بۇ ئاللاھ تائالا مۇسا ۋە ئۇنىڭ قوۋمىنى قۇتقۇزۇپ، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوۋمىنى سۇغا غەرق قىلغان ئۇلۇغ كۈن دەپ كەلگەن. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: بۇ كۈندە مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا شۈكىر ئېيتىپ روزا تۇتقان، شۇڭا بىز روزا تۇتىمىز دېگەن سۆز زىيادە كەلگەن، بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: بىز ئۇ كۈننى ئۇلۇغلىغانلىقتىن روزا تۇتىمىز دەپ كەلگەن. بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە يەنە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا: سىلەر مۇساغا ئۇلاردىن ھەقلىقرەك، روزا تۇتۇڭلار دېگەن.

ئۈچىنچى: ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغان گۇناھلارنىڭ كاپارەت بولىشى بىلەن كىچىك گۇناھلار مەقسەت قىلىنغان، ئەمما چوڭ گۇناھلار مەخسۇس تەۋبىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسى كىچىك گۇناھلارنىڭ ھەممىسىگە كاپارەت بولىدۇ" دېگىنى: چوڭ گۇناھلاردىن باشقا بارلىق كىچىك گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ،- دېمەكتۇر.

يەنە ئۇ مۇنداق دېگەن: "ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسى ئىككى يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ، ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسى بىر يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ، ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ "ئامىن" دېگەن سۆزى پەرىشتىلەرنىڭ "ئامىن" دېگەن سۆزىگە مۇۋاپىق كېلىپ قالسا ئۇنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ"... يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنىڭ ھەر بىرى كاپارەتكە يارايدۇ، كىچىك گۇناھلاردىن كاپارەتكە لايىق بولىدىغانلىرى بولسا كاپارەت بولىدۇ، چوڭ-كىچىك ھېچ قانداق گۇناھلارغا ئۇدۇل كەلمىسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىق يېزىلىپ، مەرتىۋىسى يۇقىرى بولىدۇ، ئەگەر كىچىك گۇناھقا توغرا كەلمەي، چوڭ گۇناھلارغا توغرا كېلىپ قالسا، چوڭ گۇناھلارنىڭ يەڭگىللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز". ["ئەلمەجمۇئ شەرھۇ ئەلمۇھەززەب "6-توم].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: تاھارەت، ناماز، رامىزان، ئەرەپات ۋە ئاشۇرا كۈنلىرىنىڭ روزىلىرى كىچىك گۇناھلارغىلا كاپارەت بولىدۇ. ["چوڭ پەتىۋالار" 5-توم].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى