جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاشۇرا روزىسىنى يالغۇز بىر كۈن تۇتۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ئاشۇرا كۈنىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن روزا تۇتماستىن پەقەت ئاشۇرا كۈنىلا روزا تۇتسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلىشىنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇش بىر يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولۇپ، يالغۇز ئۇ كۈنىلا روزا تۇتۇش يامان كۆرۈلمەيدۇ." [چوڭ پەتىۋالار توپلىمى 5-توم].

    ئىبنى ھەجەر ھەيتەمى رەھىمەھۇللاھ" تۆھپەتۇل مۇھتاج" دا: يالغۇز ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ دېگەن". [3-توم نەپلە روزا تۇتۇش بۆلىمى].

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن بۇ ھەقتە سوئال سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "يالغۇز ئاشۇرا كۈنىلا روزا تۇتۇشمۇ توغرا بولىدۇ، لېكىن ئەڭ ياخشىسى ئاشۇرا كۈنىدىن بىر كۈن بۇرۇن ۋە بىر كۇن كېيىن روزا تۇتۇش كېرەك، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەسەر بايان قىلىنغان سۈننەتتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەگەر مەن كېلەر يىلى ياشىسام توققۇزىنچى كۈنىمۇ روزا تۇتىمەن دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى  1134-ھەدىس].

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ رىۋايىتىدە: ئونىنچى كۈنى بىلەن بىرگە توققۇزىنچى كۈنىمۇ روزا تۇتىمەن دەپ بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر. "سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى"[11-توم 401-بەت

    ئاللاھ ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى