پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

تىلاۋەت سەجدىسىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭغا تاھارەت كېرەك بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟

سۇئال

   تىلاۋەت سەجدىسى ئۈچۈن تاھارەت بولۇش شەرتمۇ؟، نامازدا بولسۇن ياكى نامازنىڭ سىرتىدا بولسۇن سەجدىگە بارغاندا ۋە سەجدىدىن تۇرغاندا تەكبىر ئېيتىش كېرەكمۇ؟، سەجدە قىلغاندا نېمە دەيدۇ؟، سەجدىدە ئوقۇيدىغان سەھىھ دۇئا بايان قىلىنغانمۇ؟، تىلاۋەت سەجدىسى نامازنىڭ سىرتىدا بولسا بۇنىڭدا ئىككى تەرەپكە سالام بېرىش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىغا كۆرە، تىلاۋەت سەجدىسى ئۈچۈن تاھارەت بولۇش شەرت قىلىنمايدۇ، ئۇنىڭدا سەجدىدىن كېيىن ئىككى تەرەپكە سالام بېرىش كېرەك بولمايدۇ، سەجدىدىن تۇرغاندا تەكبىر ئېيتىشمۇ كېرەك بولمايدۇ.

    ئەمما سەجدىگە بارغاندا تەكبىر ئېيتىش يولغا قويۇلغان، چۈنكى بۇ توغرىدا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇنى ئىپادىلەيدىغان ھەدىس بايان قىلىنغان.

    ئەمما تىلاۋەت سەجدىسى نامازدا بولۇپ قالسا، ئۇنىڭدا سەجدىگە بارغاندا ۋە سەجدىدىن تۇرغاندا تەكبىر ئېيتىش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدا تىلاۋەت سەجدىسى قىلغاندا سەجدىگە بارغاندا ۋە سەجدىدىن تۇرغاندا تەكبىر ئېيتقان. سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ ناماز ئادا قىلغىنىمغا ئوخشاش ياكى نامازنى مەن ئادا قىلغاندەك ئادا قىلىڭلار دېگەن». [بۇخارى رىۋايىتى 595-ھەدىس].

   سەجدە توغرىسىدا بايان قىلىنغان ئومۇمى ھەدىسلەرگە كۆرە، تىلاۋەت سەجدىسىدىمۇ نامازنىڭ سەجدىسىدىكىگە ئوخشاش زىكىر، دۇئالار ئوقۇلىدۇ. ئىمام مۇسلىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىستە، تىلاۋەت سەجدىسىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «ئى ئاللاھ! ساڭا سەجدە قىلدىم، ساڭا ئىشەندىم، ساڭا بويسۇندۇم، سەن ياراتقان، سۈرەت كەلتۈرگەن، سەن ئۇنىڭ كۆزىنى ۋە قۇلىقىنى يارغان، ئۇنىڭ يۆتكىلىشى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتى سەن بىلەن بولغان يۈزۈم ساڭا سەجدە قىلدى، بەرىكەتلىك ئاللاھ ئەڭ گۈزەل ياراتقۇچىدۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى 1290-ھەدىس].  

   ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نامازدىكى سەجدىسى توغرىسىدىكى ھەدىستىمۇ مۇشۇ دۇئا زىكىر قىلىنغان.

   ھازىر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەردىن تىلاۋەت سەجدىسىدە نامازنىڭ سەجدىسىدە ئوقۇلغان دۇئا-زىكىرلەرنىڭ ئوقۇلىدىغانلىقى بايان قىلىندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تىلاۋەت سەجدىسىدە بۇ دۇئانى ئوقۇيتتى: «ئى ئاللاھ! بۇ سەجدە بىلەن ماڭا ئۆزلىرىنىڭ ھوزۇرلىرىدا ئەجىر-ساۋاپ يازسىلا، خاتالىقىمنى ئۆچۈرۋەتسىلە، ئۇ سەجدىنى ماڭا سىلىنىڭ ھوزۇرلىرىدا ساقلىنىدىغان قىلسىلا، بەندىلىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالامدىن قوبۇل قىلغاندەك ئۇ سەجدىنى مەندىن قوبۇل قىلسىلا». [تىرمىزى رىۋايىتى 528-ھەدىس].

    تىلاۋەت سەجدىسىدىمۇ نامازنىڭ سەجدىسىدە ئېيتقاندەك "بۈيۈك رەببىم پاكتۇر" دېگەن زىكىرنى ئېيتىش ۋاجىپتۇر ،  زىكىر ۋە دۇئالاردىن ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولغىنى مۇستەھەپتۇر.

    تىلاۋەت سەجدىسىنى قىلىش نامازنىڭ ئىچىدە بولسۇن ياكى سىرتىدا بولسۇن ۋاجىپ ئەمەس بەلكى سۈننەتتۇر، بۇنداق بولىشى، زەيد بىن سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىسلەردە ئىسپاتلانغان.

    ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ ماقالە ۋە پەتىۋالار توپلىمى 11-توم 406-بەت