پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئىنساننى ساقلايدىغان دۇئالار توغرىسىدا

سۇئال

   مەكتەپ ۋە باشقا ئورۇنلاردا ناچار ئىنسانلاردىن مېنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ياكى مېنى ئومۇمى جەھەتتىن مۇھاپىزەت قىلىدىغان بىر دۇئا بارمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    شۇنداق، بۇ يەردە نۇرغۇن دۇئالار بار، مۇسۇلمان كىشى ئۇ دۇئالارنى ئوقۇسا يامانلىق ۋە ئۇنىڭ ئەھلىدىن ساقلىنىپ قىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. ئۇ دۇئالاردىن:

    ئا-ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەسەن بىلەن ھۈسەينگە ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەش دۇئاسى ئوقۇپ مۇنداق دەيتتى: «سىلەرنىڭ چوڭ داداڭلارمۇ ئىسمائىل بىلەن ئىسھاققا ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەش دۇئاسى ئوقۇيتتى دەپ بۇ دۇئانى ئوقۇدى: ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ ھەرقانداق شەيتاننىڭ ۋە زىيانلىق مەخلۇقنىڭ شەررىدىن ۋە ھەرقانداق يامان كۆزدىن پاناھ تىلەيمەن». [بۇخارى رىۋايىتى 3191-ھەدىس].

    ب- ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردە بولۇپ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا تۇرغاندا مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە، بىزنى گۈزەل شەكىلدە سىنىغانلىقىغا شۈكۈر ئېيتىپ مەدھىيلىگىنىمىزگە گۇۋاھچىلار شاھىت بولدى،  پەرۋەردىگارىمىز بىزنى مۇھاپىزەت قىلدى، بىزگە ئېسىل مۇكاپاتلارنى ئاتا قىلدى، ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردىن يىراق قىلدى، مەن بۇ سۆزنى ئاللاھقا سېغىنىپ دوزاختىن پاناھ تىلىگەن ھالەتتە دەيمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى 2718-ھەدىس].

   ت-خەۋلەتە بىنتى ھەكىيم سۈلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھا: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بىر جايغا چۈشكەن كىشى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن ئۇنىڭ ئۇلۇغ كەلىمىلىرىگە سېغىنىمەن دېسە ئۇ كىشى  چۈشكەن ئورۇندىن يۆتكىلىپ كەتكىچە ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزمەيدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 2708-ھەدىس].

   س-ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىرەر قەۋمىدىن قورقسا مۇنداق دۇئا قىلاتتى:«ئى ئاللاھ! بىز سېنى ئۇلارنىڭ كېكىرتىكىگە قويىمىز ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن سەن بىلەن پاناھ تىلەيمىز». [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى 1537-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن 4706-ھەدىس].

    ھەدىسنىڭ ئىزاھاتى: ئى ئاللاھ! بىز سېنىڭدىن ئۇلارنىڭ قەلبىنى توسۇشنى، ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن مۇداپىئە قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدا بىزگە كۇپايە قىلىشىڭنى، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزگەرتىش پەيدا قىلىشىڭنى سورايمىز دېمەكتۇر. ["ئەۋنۇل مەئبۇد"4-توم 277-بەت].

ئاللاھ ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى