جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

مەسچىتنىڭ ئىمامى پىتىر سەدىقىسىنى توپلىسا بولامدۇ؟ ، ئۇنى كىمگە بېرىدۇ؟

سۇئال

پىتىر سەدىقىسىنى قاچان بېرىدۇ؟ كىمگە بېرىدۇ؟ ئۇنى مەسچىتنىڭ ئىمامى توپلاپ مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن بولسىمۇ ھەقلىق بولغانلارغا تارقىتىپ بەرسە بولامدۇ؟ بۇ ئىقتىسادى پۇل پاخاللىقىغا ئەگىشەمدۇ؟ بۇنى پەلەستىن ۋە باشقا جايلاردىكى مۇجاھىدلارغا ئەۋەتىپ بەرسە توغرا بولامدۇ؟.  مەسچىت ياساش ئۈچۈن ئىئانەگە بەرسە بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    پىتىر سەدىقىسىنى بېرىدىغان ۋاقىت روزا ھېيت كېچىسى ئاخىرىقى ۋاقتى بولۇپ، ھېيت نامىزىنى باشلىنىدىغان ۋاقىتقىچە بولىدۇ.

    ھېيتتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن بەرسىمۇ بولىدۇ، ئىنسان بۇنى ئۆزى تۇرىۋاتقان يۇرتتىكى پەقىر-مىسكىنلەرگە بېرىدۇ، ئەگەر باشقا يۇرتلاردا بەك ئېھتىياجلىق كىشىلەر بولسا ئۇ يەرگە ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ، مەسچىتنىڭ ئىمامى بولسۇن ياكى باشقا ئامانەتدار كىشىلەر بولسا، توپلاپ پەقىر-مىسكىنلەرگە تارقىتىپ بەرسە بولىدۇ، بۇ  ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن ھەقلىق بولغان كىشىلەرنىڭ قولىغا تىگىشى كېرەك. ئۇنى بېكىتىشتە ئىقتىسادى پۇل پاخاللىق ئەھۋالىغا ئەگىشىش كېرەك بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ مىقدارى شەرىئەت بىر سا (ئىككى يېرىم كىلوگىرام) مىقدار بېكىتكەن. ئۆيىدە ھېيت كۈنى يەيدىغان نەرسىدىن باشقا يېمەك بولمىغان ئائىلە باشلىقى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۇ كىشى ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان كىشىلەر ئۈچۈنمۇ پىتىر سەدىقىسى زۆرۈر بولمايدۇ.

   پىتىر سەدىقىسىنى مەسچىت قۇرۇلۇشىغا ياكى باشقا ياخشىلىق يوللىرىغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.  

   ئاللاھ تائالا  ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى 9 -توم 369-بەت