پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

زۇلھەججىنىڭ 8-كۈنى يەنى تەرۋىيە كۈنى ئېھرامدا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار

سۇئال

زۇلھەججىنىڭ 8-كۈنى يەنى تەرۋىيە كۈنى كىشىلەردە تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك ئىشنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىمىز:
1- ئۇلارنىڭ ھەجگە ھەرەم مەسچىتىدىن ئېھرام كېيىۋاتقانلىقى.
2-  ئۇلارنىڭ ئۆمرە ئۈچۈن كىيگەن ئېھراملىقلىرىنى كېيمەيدىغانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. بۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھاجىلار ھەجگە ئېھرام كېيىدىغان ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلارنى تۆۋەندە تەپسىلى بايان قىلىمىز:

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: تەرۋىيە كۈنى ھاجىلارنىڭ ئېھرام كىيىدىغان ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار:

بىرىنچى: بەزى كىشىلەر ھەجگە ھەرەم مەسچىتىدىن ئېھرام كىيىش زۆرۈر دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئېھرام كىيىش ئۈچۈن جاپا تارتسىمۇ يىراق جايلاردىن ھەرەمگە كېلىدۇ، بۇ تۈپتىن خاتا قاراش. ھەرەم مەسچىتىدىن ئېھرام كىيىش زۆرۈر ئەمەس، بەلكى سۈننەت بويىچە ھاجىلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرغان ئورۇنلىرىدىن ئېھرامغا كېرىدۇ. ساھابە كېراملار ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئېھرامدىن چىققان، كېيىن تەرۋىيە كۈنى ھەجگە ئېھرام كىيگەن، ئۇلار ئېھرام كىيىش ئۈچۈن ھەرەم مەسچىتىگە كەلمىگەن، بەلكى ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ تۇرغان جايىدىن ئېھرامغا كىرگەن. بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دەۋرىدە بولغان سۈننەت ئىش، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەجگە ئېھرام كېيىشنىڭ سۈننىتى ھەر بىر كىشى قەيەردە بولسا يەنى مەككىدە بولسا مەككىدىن، مىنادا بولسا مىنادىن (ھازىرقى ۋاقىتتا بەزى ھاجىلار مىنادا ئورۇن تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن مىناغا بۇرۇن چىقىۋالىدۇ) قەيەردە بولسا شۇ يەردىن ئېھرامغا كېرىشى كېرەك.

ئىككىنچى: بەزى ھاجىلار ئۆمرىگە كىيگەن ئېھرامنى يۇيۇپ-تازىلىمىسا ئۇنى ھەج ئۈچۈن كىيسە توغرا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ، بۇمۇ توغرا بولمىغان قاراش. چۈنكى ئېھرام كىيگەندە ئېھرام كېيىمنىڭ يېڭى ياكى بەك پاكىزە بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ، پاكىزە بولسا ياخشى ئەلۋەتتە، ئەمما ئۆمرە ئۈچۈن كىيگەن ئېھرامنى، ھەجدە كىيسە توغرا بولمايدۇ دېگەن سۆزتوغرا ئەمەس.

يۇقىرىدا سۆزلىگەنلىرىم ھاجىلاردىن ھەجگە ئېھرام كىيىدىغان ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان بەزى خاتالىقلارغا نىسبەتەن كۆڭلۈمگە كەلگەنلىرىدىن ئىبارەت.

مەنبە: ["ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلاردىن يۈز بېرىدىغان خاتالىقلارنى تۈزۈتۈش" ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى]