پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئايال كىشىنىڭ ئاياللار ۋە مەھرەملىرى ئالدىدا ئېچىش دۇرۇس بولىدىغان جايلىرى توغرىسىدا

سۇئال

بۈگۈنكى كۈندە قىز-خانىملار ئاياللارغا خاس بولغان سورۇنلاردا بەك قىسقا كىيىملەرنى كىيىشىدۇ، بەزى كىيىملەردىن ئايالنىڭ دۈمبىسى، قورسىقى ۋە كۆكرەكلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ، شۇنىڭدەك ئائىلىدە ئەۋلادلىرى ئالدىدا قىسقا ئۇخلاش كىيىملىرىنى كىيىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتېتى مۇشۇ توغرىدا مۇنداق پەتىۋا بايان قىلغان:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى مۇسۇلمان ئاياللار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا بولغان كۈچلۈك ئىمانى، قۇرئان-ھەدىسكە تولۇق ئەگىشىشى بىلەن پاكلىق، ھايا-ئىپپەتتە ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن، ئۇ دەۋرىدىكى ئاياللار پۈتۈن بەدىنىنى ئورايدىغان كىيىملەرنى كىيەتتى، ئۇلارنىڭ ھېچ يىرى ئوچۇق قالمايتتى، ئۇلار ئۆز-ئارا جەم بولغاندا ياكى مەھرەملىرى بىلەن بىرگە بولغاندا بەك كەمتەر بولاتتى، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئاياللىرى يېقىنقى دەۋرىگىچە مۇشۇنداق توغرا پرىنسىپتا بولغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭمۇ ئەخلاقى ۋە كىيىم-كىچەكلىرىدە بۇزۇلۇش پەيدا بولغان، بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولۇپ، بۇ يەردە تەپسىلى سۆزلەپ ئولتۇرمايمىز.

ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتىتى، ئاياللارنىڭ ئاياللارغا قارىشى، قانداق شەكىلدە كىيىم-كىچەكلەرنى كىيىشى توغرىسىدا سورالغان پەتىۋالارنىڭ كۆپلىكىنى نەزەرگە ئىلىپ، تەشۋىقات كومىتېتى ئومۇمى مۇسۇلمان ئاياللىرىغا ئۇلارغا زۆرۈر بولغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئىماننىڭ بىر شاخچىسى بولغان، شەرىئەت ۋە ئۆرپە-ئادەتتىمۇ بۇيرۇلغان، ھايا ۋە ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇش، تولۇق ئورۇنۇش ۋە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن شەك-شۈبھە ۋە پىتنە بولىدىغان ئورۇنلاردىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان ئايەتتە، ئايال كىشى ئۆزىنىڭ مەھرەملىرىگە پەقەت ئادەتتە ئوچۇق قويىدىغان ئەزالىرىنى ۋە ئائىلىدە خىزمەت قىلىۋاتقاندا ئوچۇق تۇرىدىغان جايلىرىنى ئاشكارا قىلسا بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَاوَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّوَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُولِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَىٰ عَوْرَاتِ النِّسَاءِوَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِن زِينَتِهِنَّوَتُوبُوا إِلَى اللَّـهِ جَمِيعًا أَيُّهَ الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ﴾ تەرجىمىسى: مۆمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار) دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار. [سۈرە نۇر 31-ئايەت].

قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ۋە ئايال ساھابە كىراملارنىڭ، بىزنىڭ مۇشۇ دەۋرىمىزگىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن ئاياللارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ئادەتتە ئايەتتە زىكىر قىلىنغان جايلارنى شۇنداقلا ئائىلىدە خىزمەت جەريانىدا ئوراش مۇمكىن بولمايدىغان جايلارنى ئوچۇق قويۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئەزالار: باش، ئىككى قول، بويۇن، ئىككى قەدەم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا جايلارنى ئوچۇق قويۇشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىغا قۇرئان-ھەدىستە دەلىل بايان قىلىنمىغان، باشقا جايلارنى ئوچۇق قويۇش بولسا ئۆز جىنسىدىن بولغان باشقا ئاياللارنى پىتنىگە تاشلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق ئىشلار ئاياللارنىڭ ئارىسىدا كۆپتۇر، باشقا ئاياللارغا ناچار ئىشتا باشلامچى-ئۈلگە بولغانلىق ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭدەك كىيىم-كىچەكتە كاپىر، پاسىق، بۇزۇق ئاياللارغا ئوخشاپ قالغانلىق بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: باشقا يات قەۋىمگە ئوخشىۋالغانلار شۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ دېيىلگەن. [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان].

ئىمام مۇسلىم ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان 2077-نومۇرلۇق ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۇچىسىدا سىرىق رەڭلىك ئىككى كىيىمنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن: بۇ كاپىرلارنىڭ كىيىمى، بۇنداق كىيىمنى كەيمەڭ، دېگەن.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مەن تېخى كۆرۈپ باقمىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كېتىدىغان ئىككى تۈرلۈك ئادەم بار، بىرى: قوللىرىدا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك قامچىلارنى تۇتۇۋېلىپ كىشلەرنى ئۇرىدىغان ئادەملەر، يەنە بىرى: كىيىم كىيگەن لېكىن يالىڭاچ ئاياللار (يەنى كىيىمنىڭ ئاستىدىن بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلار)، يول يۈرگەندە باشقىلارنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن نورمالسىز ماڭىدىغان (يەنى ئىپپەت ۋە ھايانى لازىم تۇتمايدىغانلار)، چاچلىرىنى چوققىسىغا تۆگىنىڭ لوكىسىدەك قىلىپ تۈگۈۋالغانلاردىن ئىبارەت ئاياللار جەننەتكە كىرمەيدۇ. ھەتتا جەننەتنىڭ پۇرىقى شۇنچىلىك-شۇنچىلىك يىراق جايلاردىن ھېدلىنىغان تۇرۇقلۇق ئۇلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى2128-نومۇرلۇق ھەدىس].

ھەدىستىكى "كىيىم كىيگەن لېكىن يالىڭاچ ئاياللار " دېگەن: كىيىم كىيسىمۇ پۈتۈن بەدىنىنى ئورىمايدىغان بولۇپ ئۇ ھەقىقەتتە يالىڭاچ ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭدەك بەدەننىڭ تېرىلىرى مەلۇم بولۇپ تۇرىدىغان نىپىز كىيىم كەيگەنلەر ياكى قىسقىلىقىدىن بەدىنىنىڭ بەزى جايلىرى ئوچۇق قالغان ياكى بەدەن شەكلى-پىگۇرلىرى ئوچۇق ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ھالەتتە كىيىم كەيگەنلەردىن ئىبارەتتۇر.

مۇسۇلمان ئاياللىرى ھەممە ئىشلاردا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئايال ساھابىلار، ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەن مۇشۇ ئۈممەتنىڭ ئاياللىرىغا ئەگىشىشى كېرەك، تولۇق ئورىنىش ۋە ئىپپەتلىك كىيىنىش ئارقىلىق پىتنىگە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇش، ئۆز نەپسىنى ناچار ئىشلار ۋە ھاۋايى-ھەۋەسكە تۈرتكە بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىشى كېرەك.

مۇسۇلمان ئاياللىرى كىيىم-كىچەكتە كاپىر ۋە بۇزۇق ئاياللارغا ئوخشاش بولۇپ قىلىشتىن ۋە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىگەن ئىشلارنى سادىر قىلىشتىن ھەزەر قىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالادىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ، ئازابىدىن قورقۇپ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا ئىتائەت قىلىشى كېرەك.

مۇسۇلمان كىشى ئۆزى ئىگە بولغان ئاياللار توغرىسىدا ھەر ۋاقىت ئاللاھدىن قورقۇشى، ئۇلارنىڭ خالىغانچە يىرىم-يالىڭاچ، كىشىلەرنى پىتنىگە تاشلايدىغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىگەن كىيىملەرنى كىيىشىگە يول قويماسلىق لازىم. شۇنى بىلىش كېرەككى، قىيامەت كۈنى ھەر بىر كىشى ئۆزى مەسئۇل بولغانلار توغرىسىدا سوئال قىلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالادىن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىشىنى، ھەممەيلەننى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشنى سورايمىز. ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرىگە يېقىندۇر، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى ۋە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.". [ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتېتى پەتىۋاسى 17-توم 290-بەت].

ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتېتى پەتىۋاسى 17-توم 297-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: ئائىلىدە ئەۋلادلىرى ئالدىدا ئادەتتە ئىچىش دۇرۇس بولىدىغان، يۈز، ئىككى ئالقان، ئىككى بىلەك، ئىككى قەدەم قاتارلىق ئەزالارنى ئاچسا دۇرۇس بولىدۇ".

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى