جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئۆيدە تۇرۇپ ئىمامغا ئىقتىدا قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەسچىتنىڭ ئەزان ئوقۇيدىغان يېرى ئۆيىگە تۇتاش بولغان كىشى ئۆيىدە تۇرۇپ مەسچىتتىكى ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئۆيدە تۇرۇپ مەسچىتتىكى ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇسا توغرا بولمايدۇ.

    مەسچىتتىكى ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇش پەقەت مەسچىتتە بار بولغان ، مەسچىت توشۇپ كەتكەن بولسا، مەسچىتنىڭ سىرتىدىكى مەيدانلاردا  سەپنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان كىشىلەر ئۈچۈن توغرا بولىدۇ، ئەمما مەسچىتتە ناماز ئوقۇيدىغان ئورۇن تۇرۇپ مەسچىتنىڭ سىرتىدا ناماز ئوقۇشمۇ توغرا بولمايدۇ.

    دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن: ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ مەسچىتتىكى مىكرۇپۇننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇغان بولسا، ئىمام بىلەن ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ ئارىسىدا ھېچ بىر ئۇلىنىش بولمىسىمۇ، ھەج ۋاقتىدا مەككە-مەدىنىدىكى ۋەقەلىككە ئاساسلانغان بولسا ئۇ كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولامدۇ؟دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى توغرا بولمايدۇ، بۇ شافىئى مەزھىپىنىڭ قارىشى، ئىمام ئەھمەدمۇ شۇنداق دېگەن، لىكىن جامائەتنىڭ سېپى ئۇ كىشىنىڭ ئۆيىگىچە تۇتاشقان بولسا، ئىمامنى كۆرۈپ ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش ئىمكانىيىتى بولسا ئۇ ۋاقىتتا ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇسا توغرا بولىدۇ، بۇ خۇددى ئۆيىگە تۇتاشقان سەپتە ناماز ئوقۇش توغرا بولغاندەك بولىدۇ.

   ئەمما يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەر تېپىلمىسا، ئۇ كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى مۇسۇلمانغا زۆرۈر بولغىنى نامازنى جامائەت بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدە ئادا قىلىشتۇر، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەسچىتتە ئەزاننى ئاڭلاپ ئۈزۈرسىز نامازغا مەسچىتكە كەلمىگەن كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولمايدۇ» [ئىبنى ماجە ۋە ھاكىم رىۋايىتى. ھاپىز ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدۇ دېگەن.]

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كۆزى كۆرمەيدىغان ئەما كىشى مەسچىتكە كەلمەي ئۆيىدە ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت سورىغاندا نامازغا ئەزان ئوقۇلغانلىقىنى ئاڭلامسەن؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ كىشى: ئاڭلايمەن دېگەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنداق بولسا مەسچىتكە كەلگىن، دېگەن ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن. [مۇسلىم سەھىھ كىتابىدا كەلتۈرگەن. "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 8 - توم 32-بەت.]

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى