پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئاچچىقى كەلگەندە تالاق قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   بىر مۇسۇلىمە ئايالنىڭ ئېرى كۆپ ۋاقىتلاردا بەك ئاچچىقى كەلگەندە، ئايالىنى: سەن تالاق دەيدىكەن، ئۇ ئايالغا نىسبەتەن بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇششاق بالىلىرى بار ئىكەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: بىر ئايال ئېرىگە ناچارلىق قىلىپ، سەت ھاقارەت قىلغاندا، ئەرنىڭ بەك ئاچچىقى كېلىپ ئۇ ئايالنى تالاق قىلىۋەتكەن بولسا قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان تالاق سىزنىڭ بەك ئاچچىغىڭىز كېلىپ، تۇيغۇلىرىڭىزنى يوقاتقاندا يۈز بەرگەن بولسا، سىز ئايالىڭىزنىڭ ناچارلىقى، سەت گەپلىرى، ھاقارەتلىشى سەۋەبىدىن ئۆزىڭىزنى بىلمەي، نېرۋىڭىزنى كونترول قىلالماي تالاق قىلغان بولسىڭىز، سىز بۇ تالاقنى بەك ئاچچىغىڭىز كەلگەن، تۇيغۇلىرىڭىزنى يوقاتقان ھالەتتە قىلدىڭىز، ئايالىڭىزمۇ شۇنى ئېتىراپ قىلسا ياكى سىزنىڭ شۇنداق ھالەتتە تالاق قىلغانلىقىڭىزغا گۇۋاھ بولىدىغان ئادىل گۇۋاھچى بولسا، ئۇ تالاق چۈشمەيدۇ، چۈنكى شەرئى دەلىللەر تۇيغۇلىرىنى يوقاتماق بىلەن بىرگە بەك ئاچچىقى كەلگەندە قىلغان تالاقنىڭ چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 

    بۇنىڭ دەلىلى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بەك ئاچچىقى كەلگەندە قىلغان تالاق تالاق بولمايدۇ ۋە قۇل ئازاد قىلغان بولسا ئازاد بولمايدۇ »دېگەن. [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە كەلتۈرگەن].

   بىر بۆلۈك ئالىملارمۇنداق دەيدۇ: " ھەدىستە"ئىغلاق" دەپ كەلگەن، ئىغلاق دېگەن:مەجبۇرلىنىش ياكى بەك ئاچچىقى كېلىشتۈر، بەك ئاچچىقى كەلگەندە ئاچچىق ئىنساننى مەقسىتىدىن توسۇپ قويىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئىنسان گالۋاڭ، ساراڭ ۋە مەستكە ئوخشاپ قالىدۇ، بەك ئاچچىقى كەلگەنلىك سەۋەبىدىن قىلغان تالىقى چۈشمەيدۇ، ئەگەر بۇ ئىش بەك ئاچچىقى كەلگەنلىك سەۋەبى  بىلەن بىرگە تۇيغۇلىرىنى يوقاتقان ۋە ئۆزىنى كونترول قىلالمىغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بولسا، بۇنداق ھالەتتە قىلغان تالاق چۈشمەيدۇ.

    بەك ئاچچىقى كەلگەن كىشى ئۈچۈن ئۈچ خىل ھالەت بولىدۇ:

    بىرىنچى ھالەت: ئاچچىقى كېلىش بىلەن تۇيغۇسىنى يوقىتىپ قويۇش، بۇ ھالەتتە ئەقىلسىزلەرگە قېتىلىدۇ، بۇنداق ھالەتتە قىلغان تالاق بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا چۈشمەيدۇ.

    ئىككىنچى ھالەت: ئاچچىقى بەك كەلگەن بولسىمۇ لېكىن تۇيغۇسىنى يوقاتمىغان، بەلكى مەلۇم ھېس-تۇيغۇلىرى بار، مەلۇم دەرىجىدە ئەقلى-ھوشى بار، لېكىن بەك ئاچچىقى كەلگەنلىكى سەۋەپتىن تالاق قىلىشقا يەتكەن، بارلىق ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا بۇ تۈردىكى تالاقمۇ چۈشمەيدۇ.

    ئۈچىنچى ھالەت: بەك ئاچچىقى كەلمىگەن ئەمما ئادەتتە كىشىلەر نورمال ئاچچىقلانغاندەك  ئاچچىقى كەلگەن بولۇپ، بۇ ئاچچىق تالاققا ئېلىپ بارمايدۇ، بۇنداق ھالەتتە تالاق قىلغان بولسا بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا تالاق چۈشىدۇ. [دوكتۇر ئابدۇللاھ تەييار ۋە مۇھەممەد مۇسانىڭ"تالاق پەتىۋالىرى" 19-20-بەتتىن ئېلىندى].

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ ئىككىنچى ھالەتتە زىكىر قىلغىنى ئۇ ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە ۋە شاگىرتى ئىبنى قەييىمنىڭ تاللىغان قارىشى بولۇپ، بۇ توغرىدا ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "ئىغاسەتۇل لەھپان پى ھۆكمى تەلاقۇ غەزبان" دەپ رىسالە يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق بايان قىلغان:

     ئاچچىقلىنىش ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

   بىرىنچىسى: ئىنسان ئۈچۈن دەسلەپتىلا  ھېچ ئىش بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئەقلى ۋە زېھنىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ، نېمە دېگەنلىكى ۋە نېمىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشىنىڭ قىلغان تالىقى، قۇل ئازاد قىلىشى ۋە باشقا مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا بولىدۇ.

   ئىككىنچىسى: ئىنساننىڭ ئاچچىقى چېكىگە يېتىدۇ، بىلىش ۋە ئىدراك قىلىش يوللىرى ئېتىلىدۇ، نېمە دېگەنلىكى ۋە نېمە مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ، بۇنداق ھالەتتە قىلىنغان تالاقنىڭ چۈشىدىغانلىقىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، چۈنكى ئىنساننىڭ بەك ئاچچىقى كەلگەندە، ئۆزىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى بىلمەيدۇ، بۇنداق ھالەتتە قىلغان سۆزلىرى بىلەن بىر ئىشنىڭ يۈرگۈزۈلمەيدىغانلىقىدا ھېچ شەك يوقتۇر، ئىنساننىڭ سۆزلىرى ھەقىقەتەن ئۆزىدىن سادىر بولغان سۆزنى ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلگەندە ۋە نېمىنى ئىرادە قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا يۈرگۈزىلىدۇ. 

   ئۈچىنچىسى: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى دەرىجىنىڭ ئارىسىدىكى ئوتتۇرىھال ئاچچىق بولۇپ، بۇ ئىنساننىڭ ئۆز پرىنسىپىدىن ئۆتۈپ كەتتى ئەمما ئاخىرىدا ساراڭلارچە ئىش قىلىدىغان بىر ھالەتكە يەتمىدى، بۇ ھالەت توغرىسىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار، ئىسلام شەرىئىتى بۇ ھالەتتە ئىنساننىڭ رازىلىقى ۋە ئىختىيارلىقى ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان سودا-كېلىشىملىرى، قۇل ئازاد قىلىشى ۋە قىلغان تالاقلىرى يۈرگۈزۈلمەيدۇ، چۈنكى بۇمۇ ئىسلام ئالىملىرى چۈشەندۈرگەن ئەقلى ئېتىلىپ قىلىشنىڭ بىر پارچىسىدۇر. ["مەتالىب ئۇلۇن نۇھا" 5-توم 215-بەتتىن نەقىل قىلىندى. بۇنىڭ ئوخشىشى "زادىل مىئاد" 5-توم 215-بەتتە كەلتۈرۈلدى، "مەۋسۇئەتىل پىقھىيەتىل كۇۋەيتىيە" 29-توم 18-بەتكە قارالسۇن].

    ئەر كىشى ئاللاھدىن ھەقىقى قورقۇشى، ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولىشى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئانىسىز ياكى دادىسىز بولىشىغا بېرىپ قالماسلىق ئۈچۈن  تالاق دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشتىن يىراق بولىشى كېرەك.

  شۇنداقلا ئەر-ئاياللارغا بىرلىكتە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئاللاھدىن ھەقىقى رەۋىشتە قورقۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇ يەردە ئەرنىڭ بىۋاستە ئايالنى تالاق قىلىشقا يۈزلىنىشى سەۋەپ بولىدىغان بىرەر ئىش بارمۇ ياكى بۇ پەقەتلا ئادەتتە تالاق قىلمىسا بولمايدىغان دەرىجىدىكى بىر ئاچچىقلىنىشمۇ بۇنىڭغا قاراش كېرەك بولىدۇ. بۇ ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن تالاق چۈشىدىغان ئۈچىنچى قىسمىدۇر. بۇ ئىككىيلەننىڭ ئىشى ھەر ئىككەيلەن ئاچچىقنىڭ بەك يۇقىرى دەرىجىدە ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئارىدا پەرزەنتلەر بار دەپ ئاچچىقنى مۇپتىنى تالاق چۈشىدۇ دەپ پەتىۋا بېرىدىغان بولسۇن دەپ سۈپەتلەشكە تۈرتكە بولىدىغان نەرسىگە قارىماستىن  دىنى بۇيرۇققا قاراش كېرەك.

   سوئال سورىغۇچىغا: ئەگەر ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىسىدا پەرزەنتى بولسا ئاچچىقلىشىپ قالغاندا تالاق دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشتىن يىراق بولۇشى ۋە بەك چېچىلىپ كەتمەسلىكى تەلەپ قىلىنىدۇ، چۈنكى تالاق چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن شەرئى ھۆكۈملەرگە ھىيلە قىلىپ،  بۇنىڭغا چېقىش يولى ئىزدەپ، پىقھى ئالىملىرىنىڭ رۇخسەتلىرىنى تېپىش ئۈچۈن ئاۋارە بولماسلىق كېرەك.

   ئاللاھ تائالا ھەممەيلەنگە دىندا، ئاللاھنىڭ شۇئارلىرى ۋە دىنى ئالامەتلەرنى ئۇلۇغلايدىغان توغرا چۈشەنچە ئاتا قىلىشنى سورايمىز. 

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى