سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئېھرامغا كىرگەندىن كېيىن ھۆكمىنى بىلمەستىن چەكلەنگەن ئىشلارنى سادىر قىلغان كىشى توغرىسىدا

سۇئال

ئېھراملىق ھالىتىدە چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلسا، بۇنىڭغا قانداق جازا كىلىدىغانلىقىنى بىلمەستىن چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلغان كىشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: بۇ يەردە ئاگاھلاندۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان زۆرۈر ئىش، ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن چەكلەنگەن ئىشلارنى سادىر قىلىدۇ، ياكى ئىبادەتنى تەلەپ قىلىنغان يول بويىچە ئادا قىلالمايدۇ، كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، بەزى كىشىلەر دۇنيانىڭ ئەڭ چەت جايلىرىدىن نۇرغۇن ئىقتىساد سەرپ قىلىپ كېلىپ، قىلىدىغان ئىبادەتلىرىنىڭ ھۆكمىنى تولۇق بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋاتىدۇ.

     شۇنىڭ ئۈچۈن ھەج ياكى ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى ئالدى بىلەن بۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۈگىنىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىلىم تەلەپ قىلىش، بىلىم ئۈگىنىش بارلىق مۇسۇلمانلارغا پەرىزدۇر. ئىبنى ماجە ۋە باشقا ھەدىس ئۆلىمالىرى رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن، ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇنىڭ مەنىسى: ئىنسانغا تاھارەت، ناماز، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق ئېھتىياجلىق بولغان ئىلىملەرنى ئۈگىنىشى لازىمدۇر. [ئىبنى ئابدۇلبەرنىڭ "ئىلىمنىڭ بايانىنىڭ جۇغلانمىسى" 1-توم 52-بەت].

   ھەسەن ئىبنى شەقىق مۇنداق دەيدۇ: مەن ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكتىن: كىشىلەرگە قايسى ئىلىملەرنى ئۈگىنىش بەك زۆرۈر بولىدۇ؟ دەپ سورىسام، ئۇ كىشى: ھەر قانداق بىر ئىشقا قەدەم بېسىش ئۈچۈن ئۇنى بىلىش، سوراش ۋە ئۈگىنىش كېرەك، كىشىلەرگە ئىلىمدىن مۇشۇنى ئۈگىنىش زۆرۈر بولىدۇ دېگەن. باغدادىينىڭ "ئەلپەقىھ ۋە مەتەپەققى" ناملىق ئەسىرى 45-بەت.

    ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا "سۆزلەشنى ئەمەل قىلىشتىن بۇرۇن بىلىش كېرەك" دەپ بىر باپنى كەلتۈردى. بۇنىڭدىن ھەر بىر ئىنسان ھەج پائالىيتىگە دائىر ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى يادلىسۇن دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ھەر بىر كىشى ئۆز ھالىغا مۇۋاپىق ھالەتتە ھۆكۈملەرنى بىلىشى ياكى بىلىدىغان كىشىدىن سوراپ ئۈگىنىشى ياكى ئېھتىياجلىق بولغاندا ئۆزىگە ھەج پائالىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويىدىغان كىشىلەرگە ھەمراھ بولۇشى لازىم دېمەكتۇر.

    ئېھراملىق ھالەتتە قىلىش چەكلەنگەن ئىشلار ئىلىگىرى 11356- نۇمورلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى. بىر كىشى ئېھراملىق ھالەتتە قىلىش چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ھۆكمىنى بىلمەي قىلىدىكەن، ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُمْ بِهِ وَلَكِنْ مَا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ وَكَانَ اللَّهُ غَفُوراً رَحِيماً  تەرجىمىسى: سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە ئەھزاب 5-ئايەت].

    ئەگەر ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ئېھراملىق ھالەتتە قىلىش چەكلەنگەن ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئۇنىڭغا قانداق جازا كىلىدىغانلىقىنى بىلمەي قىلغان بولسا، بۇ توغرىدا شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئۈزۈر ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى ئۈزۈر دېگەن ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ھۆكمىنى ۋە قىلغان ئىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلمەي قىلغان بولسا ئۈزۈر بولىدۇ، ئەمما ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ھۆكمىنى بىلمەسلىك ئۈزۈر ھېسابلانمايدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن ئىپپەتلىك، بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى ھۇشى جايىدا، ئۆزىنى ساقلاشنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولغان بىر ئادەم زىنا قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ زىنا قىلغان بولسا ئۇ كىشى چالما-كېسەك قىلىنىشى كېرەك بولىدۇ، گەرچە ئۇ كىشى زىناننىڭ جازاسىنىڭ چالما-كېسەك قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، ئەگەر بۇنى بىلگەن بولسام قىلمايتتىم دەپ تۇرىۋالسىمۇ ئۇ كىشىگە زىناننىڭ جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ، بىز ئۇ كىشىگە: سىزنىڭ بۇ سۆزىڭىز ئۈزۈر بولالمايدۇ، گەرچە سىز زىنا قىلغاننىڭ جازاسىنى بىلمىسىڭىزمۇ چوقۇم چالما-كېسەك قىلىنىسىز دەيمىز، رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان كىشى ئۆزىگە قانداق جازا كېلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ پەتىۋا سورىغاندا، گەرچە ئۇ كىشى ئايالى بىلەن بىرگە بولغاندا قانداق جازا كېلىدىغانلىقىنى بىلمىگەن بولسىمۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى كاپارەتنى ئادا قىلىشقا بۇيرىدى، بۇنىڭدىن ئەگەر ئىنسان گۇناھ-مەسىيەتكە ئاتلىنىپ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھۆكمىنى ئاياغ-ئاستى قىلىدىكەن، خاتالىقنى سادىر قىلىۋاتقاندا بۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازانى بىلمىسىمۇ ئۇ كىشىگە قىلغان خاتالىقىغا كۆرە جازا بېرىلىدۇ". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى" 22-توم 173-174-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى