پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

رەڭلىك كىيىملەرنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

  ھەدىستە دېيىلگەن سېرىق كىيىمىدىن بولغان مەقسەت نېمە؟ يېشىل رەڭ ياكى ناۋاترەڭ كىيىمنى كىيسە توغرا بولامدۇ؟ ياكى ئۇنى كىيىشنى چەكلەيدىغان دەلىل بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: كىيىمدىكى ئەسلى ھۆكۈم دۇرۇسلۇقتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿هُوَ الَّذِي خَلَقَ لَكُم مَّا فِي الأَرْضِ جَمِيعاً ثُمَّ اسْتَوَى إِلَى السَّمَاء فَسَوَّاهُنَّ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ﴾‏ تەرجىمىسى: «ئاللاھ يەر زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى سىلەرنىڭ (پايدىلىنىشىڭلار) ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى. ئاللاھ ھەرنەرسىنى بىلگۈچىدۇر.» [سۈرە بەقەرە 29-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا بىزگە مەرھەمەت قىلىپ بىزگە كىيىدىغان نەرسىلەرنى قىلدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يا بَنِي آدَمَ قَدْ أَنزَلْنَا عَلَيْكُمْ لِبَاساً يُوَارِي سَوْءَاتِكُمْ وَرِيشاً وَلِبَاسُ التَّقْوَىَ ذَلِكَ خَيْرٌ ذَلِكَ مِنْ آيَاتِ اللّهِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ  تەرجىمىسى: «ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار (يەنى ئىنسان بالىلىرىغا سەترى ئەۋرەت ئۈچۈن لىباس ياراتماق) ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ (بەندىلىرىگە بولغان پەزلى ـ مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر» [سۈرە ئەئ‍راف 26-ئايەت].

   كىمكى كىيىملەردىكى مەلۇم بىر رەڭنى ھارام دەپ قارايدىكەن بۇنىڭغا ئوچۇق دەلىل كەلتۈرۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

   ئىككىنچى: ئالىملار ئەرلەرنىڭ ئۈچ تۈرلۈك رەڭدىكى كىيىملەرنى كىيىشى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشتا بولدى:

   1-باشقا ھېچ قانداق رەڭ ئارىلاشمىغان تۇم قېزىل رەڭلىك كىيىم. ئەمما باشقا رەڭ ئارىلاشقان قېزىل كىيىمنى كىيسە توغرا بولىدىغانلىقىغا ئالىملار ئىتتىپاققا كەلگەن. بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 8341- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

  2-سېرىق رەڭدە بويالغان كىيىم. ئەمما سېرىقتىن باشقا قېزىل رەڭ بىلەن بويالغان كىيىمنىڭ ھۆكمى ئىلگىرىكى مەسىلىدە بايان قىلىندى.

  3-زەپە رەڭگى بىلەن بويالغان كىيىم زەپە رەڭگىدىن باشقا سېرىق رەڭ بىلەن بويالغان كىيىمنى كىيىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە ئالىملار ئىتتىپاققا كەلدى.

    تۇم سېرىق رەڭدىكى كىيىملەرنى كىيىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ ئۈچ تۈرلۈك قارىشى بار:

   بىرىنچى قاراش: ھارام، ئۇ زاھىرى مەزھىبىنىڭ ۋە ئىبنى قەييىمنىڭ قارىشىدۇر. ئۇلارنىڭ دەلىلى: ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئۈستۈمدە ئىككى دانە سېرىق كىيىمنى كۆرۈپ: «بۇ كاپىرلار كىيىدىغان كىيىملەردىن، سەن كەيمىگىن دېدى». ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى 2077- ھەدىس].

   يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاناڭ سېنى بۇ رەڭدىكى كىيىمنى كىيىشكە بۇيرىدىمۇ؟!» دېگەن ئېدى، مەن: يۇيىۋىتەيمۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بەلكى ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتكىن دېدى».

   ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېرىق رەڭلىك كىيىم كىيىشتىن چەكلىگەن». [مۇسلىم رىۋايىتى 2078-ھەدىس].

   ئىككىنچى قاراش: مەكرۇھ: بۇ ھەنەپى، مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھىپىدىكى ئاساسلىق قاراشتۇر، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: ئىلگىرى بايان قىلىنغان چەكلىمىلەر مەكرۇھلۇققا قارىتىلىدۇ، بۇ توغرىدا بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى بىر تو قېزىل كىيىم كىيگەن ھالىتىدە كۆردۈم.» [بۇخارى رىۋايىتى 3551-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2337-ھەدىس].

    ئۈچىنچى قاراش: بۇ شاپىئىي مەزھىبىنىڭ قارىشىدۇر. "ئەلمەجمۇ" 4-توم 450-بەت، "ئەلمۇغنى" 2-توم 299-بەت، "ئەلمۇھەللا" 4-توم 69-بەت،  "تەھزىيب سۈنەن ئەبۇ داۋۇد" 11-توم 117-بەت، "ھاشىيەتى ئىبنى ئابىدىن " 5-توم 228-بەت.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر. كۈچلۈك دەپ قارالغان قاراش "ھارام" دېگەن قاراشتۇر. ئۇنداق بولىشى "چەكلىمىدىكى ئەسلى قائىدە" ھاراملىقتۇر. ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېزىل رەڭلىك كىيىم كىيىشى، بۇنىڭدا ھاراملىق سېرىق رەڭنىڭ سەۋەبىدىن بولغانلىقى مەقسەت قىلىنمايدۇ. بەلكى سېرىق بىلەن ئەمەس قېزىل رەڭ بىلەن بويالغانلىقى ئۈچۈندۇر. ["ھەدىس كۆرسەتمىلىرى" 4-توم 179-بەت].

   ئەمما زەپىرەڭ كىيىملەر توغرىسىدمۇ ئالىملارنىڭ ئۈچ تۈرلۈك قارىشى بار، بۇنىڭ ئەڭ سەھىھ بولغىنى ئىمام شاپىئىنىڭ قارىشى ۋە ئىمام ئەھمەدتىن بولغان بىر رىۋايەت بولۇپ، ئەر كىشىگە زەپىرەڭ كىيىم كىيىش ھارام دېيىلگەن، بۇنىڭ دەلىلى: ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەرلەرنىڭ زەپىرەڭ كىيىملەر كىيىشىنى چەكلىگەن». [بۇخارى رىۋايىتى 5846-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2101-ھەدىس].

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "توغرا قاراش: ئەر كىشىگە سېرىق كىيىم كىيىش ھارام بولىدۇ، زەپىرەڭ كىيىممۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر". "شەرھىل مۇمتى" 2-توم 218-بەت. "ئەتتەمھىيد" 2-توم 180-بەت. "ئەلئىنساپ" 1-توم 481-بەت. "ئەلمۇھەللا" 4-توم 76-بەت. "ئەلمەجمۇ" 4-توم 449-بەت. "ھاشىيەتى ئىبنى ئابىدىين" 5-توم 228-بەت. "ئەلمۇغنى" 4-توم 299-بەتكە قارالسۇن.

   ئۈچىنچى: كىيىملەردىكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان رەڭلەردىن باشقىسىنى كىيىش توغرىسىدا ئالىملارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق، بەلكى بۇنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە ھەممەيلەن ئىتتىپاققا كەلگەندۇر. بۇنىڭ جۈملىسىدىن: پىقھى ئېنىسكلۇپېدىيەسى.

   ئىمام نەۋەۋىي "ئەل مەجمۇ" 4-توم 337-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئاق، قېزىل، سېرىق، يېشىل، يوللۇق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىش دۇرۇس بولىدۇ، بۇنىڭدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپمۇ يوق ۋە كىراھىيەتمۇ يوق".

    "پىقھى ئېنىسكلۇپېدىيەسى"6-توم 132-136-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "پىقھى ئالىملىرى كىيىملەردىكى ئاق رەڭلىك كىيىم كىيىشنىڭ ياخشى-مۇستەھەپ ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاققا كەلگەن... يەنە ساپ سېرىق بولمىغان ۋە زەپىرەڭ بولمىغان سېرىق كىيىملەرنى كىيىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاققا كەلگەن.

   ئايال ئۈچۈن يات ئەرلەرگە ئېچىلىپ قالمايدىغان بولسا ھەر قانداق رەڭدىكى كىيىملەرنى كىيسە بولىدۇ، ساپ سېرىق ۋە زەپىرەڭ كىيىملەرنى كىيىش توغرىسىدا سۆزلىگەنلەر بۇنىڭ پەقەت ئەرلەرگە خاس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

   ئىبنى ئابدۇلبەر "ئەتتەمھىيد" 16-توم 123-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار ئاياللارنىڭ تۇم سېرىق، تۇم قىزىل، ئاچ قېزىل ۋە قېزىلدا بويالغان كىيىملەرنى كىيىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە ھېچ ئىختىلاپ قىلمىدى".

   سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئۆسۈملۈك رەڭگى ۋە ناۋات رەڭ كىيىملەرنى كىيىشمۇ دۇرۇس بولىدۇ، ئۇنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا دەلىل كەلمىگەن، لېكىن ئۇنىڭ رەڭگى ساپ سېرىق ياكى زەپىرەڭ بىلەن بويالغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ رەڭنى ئەرلەرنىڭ كىيىشى ھارام بولىدۇ، بۇ ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدۇر.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى